ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ سودا ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى

17-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەممى بالدۋىن «خىتايغا بېرىلگەن ئالاھىدە مۇئامىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتايغا بېرىلگەن دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشتۇر.

بۇ لايىھە ئېلان قىلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئۈچ ئۇيغۇر تەشكىلاتى «خىتاينى ئەركىنلەشتۈرۈش» نامىدا تەشكىللەنگەن بىر ئىتتىپاق تەركىبىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ كۈچىيىشىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن سودا ئىمتىيازىنىڭمۇ ۋاسىتىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدىن چەتنىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكادا 2000-يىلى خىتايغا دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازى بېرىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ ئىمتىيازنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قانچە قېتىم ھەرىكەت قوزغالغان، ئەمما يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

تەممى بالدۋىننىڭ بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىدە، خىتاينىڭ بۇ ئىمتىيازغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپ كۈتكەن مەيلى سىياسىي، مەيلى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە بولسۇن، ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

بۇ لايىھە تونۇشتۇرۇلۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مەسئۇلى سام براۋنبېك ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2000-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان مەزگىلدە قىلغان خاتا ئىشلىرىدىن بىرىنىڭ، شۇ چاغدا خىتايغا دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازى بېرىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ ئىمتىيازنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى سام براۋنبېككە بۇ ھەققانىي مەيدانى ئۈچۈن ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.