خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ”ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش“ نىزامىنى يولغا قويماقچى

بۇ نىزامدا ئاتا-ئانىلاردىن ئائىلدە پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى تەربىيەسى، ئاتېئىزم تەربىيەسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى تونۇشتۇرغان. 32 ماددىدىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر نىزام بۇ يىل 23-سېنتەبىردە ماقۇللانغان بولۇپ،1-دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر نىزامدا ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىگە ”دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى“ دەپ ئاتالغان خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىتىش ۋە ئىشلىتىش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەش، ئاتېئىزم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەربىيە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر نىزامدا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىقا يىتەكلەش مەنئى قىلىنغان.

خىتاينىڭ بۇنداق بىر نىزام ئارقىلىق خىتاي تىل-يېزىقىنى، دىنغا قارشى سىياسىتىنى ۋە كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەردە سوئال پەيدا قىلماقتا. شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”بۇ بەك خەتەرلىك بىر ئىش. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ كوچىلارغا كامېرا ئورنىتىش، ئادەملەرنى لاگىرلارغا قاماشتىن ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۈرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ يەردە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر بوشلۇق قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قالىدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيەتنىڭ قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.“

مەزكۇر نىزامدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاتا-ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرگە قارىتا چەكلەش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن. نىزامنىڭ 29-ۋە 30-ماددىلىرىغا ئاساسەن، مەكتەپلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئائىلە باشلىقلىرىغا تەنقىدىي تەربىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە سوت مەھكىمىلىرى ۋەسىيلەرگە تەنبىھ بېرىش ۋە ئۇلارنى ئائىلە تەربىيەسى بويىچە يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن، ھەتتا ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن.