12-نويابىر، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە سۆزگە چىقانلار تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى جاكارلانغان بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلىشتى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا بولغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تىبەت پائالىيەتچىلىرى ۋە كانتون مۇستەقىللىقى تەرەپدارلىرى قاتناشتى. پائالىيەتتە، ئامېستىردام شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى سۇلايمان كويۇنجۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋىتسىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۆزگىچە شەكىلدە ئوتكۈزۈلدى. ”ئەجداتلار مىراسى جۇمھۇرىيەت كۈنى“ تېمىسىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ياشلارنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈشىگە مەركەزلەشتى.
يەنە ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مۇھىم كۈننى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئۆمەر قانات رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: ”خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر تۈرلىك زۇلۇملىرى ئاشقانسېرى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ يىلدىن يىلغا كېڭىيىپ بېرىشى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.“
