ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 13-نويابىر)

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر تىلى خوتەندە ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئاشكارا چەكلىنىشكە باشلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدىن راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە جاۋاب تەلەپ قىلدى. كانادا ئېدمونتوندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈلدى. قۇتلۇق ئالماس: ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مۇئەسسەسەلىرى يىقىلدى، تىكلىگەن روھى يىقىلمىدى. راھىلە داۋۇت گېرمانىيەدە «جاسارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. گوللاندىيە ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىستانبۇلدا ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر شېئىرلىرى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

12-نويابىر — 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 93 يىللىقى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 82 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خاتىرىلەش يىغىنلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 13-نويابىر) (RFA Uyghur)

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 12-نويابىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ بىرلىكتە تەشكىللىشىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە ئىككى جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، يەنى دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئابىدىسى دەپ خاتىرىلەندى.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش تەشكىلاتىمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ خاتىرىلىدى. نامايىش باياناتىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە رەھبەرلىرىگە قىلغان قەستلەر ئەيىبلەندى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، كونيا، ئەلازىغ قاتارلىق شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدىمۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شەكلىدە داۋام قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 11-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاقسارايغا قوشنا لافايېت باغچىسىدا خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خاتىرە كۈندە ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىي مىراسىنى خاتىرىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇيغۇر تىلى خوتەندە ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ ئاشكارا چەكلىنىشكە باشلىدى

خىتاينىڭ دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئاممىۋى سورۇنلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

يېقىندا قولىمىزغا چۈشكەن، خوتەن شەھىرىدە تارقىتىلغان بىر رەسمىي ئۇقتۇرۇشتا، ئاممىۋى سورۇنغا كىرگەن كىشىلەردىن «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىش» تەلەپ قىلىنغان. بۇ ئۇقتۇرۇشتا خىتايچە «سىز ئاممىۋى سورۇنغا كىردىڭىز، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىشلىتىڭ» (您已经进入公共区域,请使用国家通用语言) دېگەن خەت يېزىلغان. ئۇقتۇرۇشتا يەنە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ھەققىدىكى سىياسىي شوئارمۇ ئورۇن ئالغان.

گەرچە مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان خوتەندە ئاممىۋى سورۇنغا كىرگەن پۇقرالاردىن مەخسۇس خىتاي تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ تەلەپ قىلىنىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۈندىلىك ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئىشلىتىلىشىنىمۇ چەكلەش مەقسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرماقتا.

بۇ ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خوتەن شەھەرلىك سودا ۋە سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. بىز خوتەن شەھىرىدىكى مەزكۇر ئىككى ئىدارىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئالاقىدار خادىملار مۇشۇ خىل ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى دەلىللىدى، ئەمما باشقا جايلاردىكى تارقىتىلىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە ۋە توردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندە ئۇيغۇر تىلىنى ئاممىۋى سورۇندىن چەكلەش ئۇقتۇرۇشى تاسادىپىي بىر ھادىسە بولماستىن، خىتايدا بۇ يىل يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى نىزامى» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

مەزكۇر تىل-يېزىق نىزامى 2026-يىلى 23-سېنتەبىردە ماقۇللانغان، 2027-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇشى بەلگىلەنگەن؛ مەزكۇر نىزامنىڭ 12-ماددىسىدا، ئاممىۋى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى خادىملارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا خىتايچە سۆزلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتايدىن راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلدى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول 11-نويابىر كۈنى تەشكىلاتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى 14 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 23 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى راھىلە ئۆمەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىتايدىن جاۋاب تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

”14يېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەر“ ناملىق ماقالىدە، رادىيومىزنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، راھىلە ئۆمەرنىڭ 2021-يىلى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تېخى مۇستەقىل دەلىللىيەلمىگەنلىكى، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە قالغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ئەندىشە قوزغىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

يالقۇن ئۇلۇغيول ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايوننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ 16 يىللىق، تاغىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يالقۇن ئۇلۇغيول ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ”قەشقەر ۋاقتى“ Kashgar Times ۋە ”ئۇيغۇر پوچتىسى“ Uyghur Post خەۋەرنى چىققان ھامان ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا چاقىردى. تورلاردا يەنە كۆپلىگەن مەرسىيە ۋە تەزىيەلەر ئېلان قىلىندى.

راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

كانادا ئېدمونتوندا ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈلدى

كانادادىكى ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئېدمونتون شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەردىكى ئېدمونتون ئېگىز كۆۋرۈكىنىڭ رەڭگىنىڭ 24 سائەت شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە بولۇشى، يەنى كۆك چىراغلارنىڭ ياندۇرۇلۇشىنى قارار قىلدى.

مەزكۇر كۆۋرۈك شەھەرنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بولۇپ، ئادەتتە كاتتا پائالىيەتلەر بۇ كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆۋرۈك رەڭگى، يەنى كۆۋرۈكنىڭ چىراغلىرى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىلىدۇ.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەنە شۇ كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلدى.

يىللاردىن بېرى كانادادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇكەررەم قۇربان خانىم رادىئومىزغا مۇنداق دەيدۇ:

”بىز دەۋايىمىزنى، كىملىكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ئوخشىمىغان يېڭى ئۇسۇللاردا ئاڭلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرىمىز. بىز ياشاۋاتقان شەھىرىمىزدە مۇشۇنداق بىر پروگراممىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كەڭرەك بىر جامائەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مەزكۇر كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق“.

مۇكەررەمنىڭ دېيىشىچە، كۆۋرۈكنى شەرقىي تۈركىستان رەڭگىدە كۆرسىتىش ئىلتىماسىنى ھۆكۈمەتكە ئىككى ئاي بۇرۇن سۇنغان؛ شۇنداقلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى ۋە كىشىلەرگە ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ھەققانىي بىر تەلەپ دەپ قارىغان ۋە ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان.

قۇتلۇق ئالماس: ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغان مۇئەسسەسەلىرى يىقىلدى، تىكلىگەن روھى يىقىلمىدى

(سۆھبەت خاتىرىسى)

12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قىسقىچە قۇرۇلۇش جەريانى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قالدۇرغان مىراسلىرى ھەققىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلۇغ تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئوغلى قۇتلۇق ئالماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

قۇتلۇق ئالماس ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئەنئەنىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەينى دەۋردە خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى قوزغالغان غەزەپ-نەپرەتكە ۋە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ دانا ئەقىل-پاراسىتىگە ۋە قەھرىمانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈردى.

ئۇ يەنە ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن قالغان مىراسلار سۈپىتىدە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى، مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىنى تىلغا ئالدى ۋە 1949-يىلدىن كېيىن خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنقىلاب ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي پائالىيەتلەردە ئەنە شۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئالغان ئىلھام ۋە جاسارەتنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

راھىلە داۋۇت گېرمانىيەدە «جاسارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

گېرمانىيەدىكى ئاخبارات ۋە نەشرىيات گۇرۇھى بولغان ئاكسېل سپرىنگېر(Axel Springer) نىڭ 9-نويابىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەزكۇر گۇرۇھ قارمىقىدىكى ئەركىنلىك فوندى شۇ كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئاياللار ئالىي يىغىنى»دا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پروففېسسور راھىلە داۋۇتقا «جاسارەت مۇكاپاتى» بەرگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە راھىلەنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

ئەركىنلىك فوندى بۇ مۇكاپات ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدىكى جاسارىتىنى تەقدىرلەش، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىككە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى شەرقىي گېرمانىيە دىكتاتۇر تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىشلىرى كومىسسارى ئېۋېلىن زۇپكې مۇكاپاتلاش نۇتقىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىشىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە راھىلە داۋۇتنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

راھىلە داۋۇت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مازارلار، تاۋاپ ئەنئەنىسى ۋە خەلق مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان ھەمدە بۇ ساھەدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنى يېتىشتۈرگەن.

ئۇ 2017-يىلى دېكابىردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان. 2023-يىلى سىنتەبىردە، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئامما ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە قامىلىۋاتقانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىننى شەرقىي گېرمانىيە دىكتاتۇر تۈزۈمى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىشلىرى كومىسسارى، ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىن 2026-يىللىق «بېرلىن ئەركىنلىك ھەپتىلىكى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاياللار ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

گوللاندىيە ب د ت يىغىنىدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى 9-نويابىر جەنۋەدە تايلاندنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك قەرەللىك كۆزدىن كەچۈردى. گوللاندىيە ۋەكىلى تايلاندنىڭ 2025-يىلى فېۋرالدا 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرغانلىقىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە تايلاندتا يەنە بەش ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى ھەمدە خەلقئارا قانۇن بويىچە، تايلاندنى قىيناش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىق خەۋپلەرگە دۇچ كېلىدىغان كىشىلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

ئارقىدىن، خىتاي ۋەكىلى گوللاندىيە ۋەكىلىنى ئاتالمىش «يالغان ئۇچۇرلار»غا ئاساسەن خىتايغا ۋە خىتاي–تايلاند ھەمكارلىقىغا قارا چاپلاش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭدىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن خەۋپنى باھالاش، قانۇنىي قۇتقۇزۇش يوللىرى ۋە خەلقئارالىق قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا تايلاند تەرەپكە تەكلىپ بەردى. بىراق ئۇلار بۇ سۆزلىرىدە ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى.

بۇنىڭغا جاۋابەن، تايلاند ۋەكىلى قايتۇرۇش رەسمىيەتلىرىدە خەلقئارا قانۇندىكى مەجبۇرىيەتلەرنىڭ نەزەرگە ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ قايتۇرۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى سۇنالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تايلاند تەرەپ يەنە سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىللارنىڭ بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق تايلاند تەرەپ يىغىندا بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ئېنىق ۋەدە بەرمىدى.

بۇ قېتىملىق كۆزدىن كەچۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى رو خاننا (Ro Khanna) 7-نويابىر X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، تايلاندتىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ قايتۇرۇشنىڭ مەزكۇ ئىككى كىشىنى خورلاش ۋە قىيناش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تايلاندنى ئۇلارنى قوغداشقا ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىردى. رو خاننا بۇ يازمىسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 26-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان جىددىي مۇراجىئەتنامىسىنى ھەمبەرلىگەن.

ئىستانبۇلدا شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر شېئىرلىرى ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

7-نويابىر، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى» تېمىسىدا ئەدەبىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە ئەزەربەيجان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور تېرانا تۇران رەھىملى Təranə Turan Rəhimli مەخسۇس ماقالە ئوقۇپ، ئابدۇشۈكۈر قۇمتۇرنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ۋەتەن، مىللىي ئەسلىمە ۋە كىملىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ بۇ شېئىرلاردا ئەكس ئەتكەن ۋەتەن سۆيگۈسى، مۇھاجىرەت ئىزتىراپى ۋە تەنھالىق تۇيغۇلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تونۇلغان شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر كۇچا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2003-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ”كېچە“، ”مېنىڭ ئىسمىم ۋە قارا ئوت“، ”بېدە گۈلى“، ”سەرسان تۇيغۇلار“، ”جىمجىتلىقنىڭ ھېكايىسى“ قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى ئۇيغۇرچە، شىۋىتچە ۋە تۈركچە نەشىر قىلىنغان.

رەھىملى خانىم پائالىيەت ھەققىدىكى يازمىسىدا، بۇ پائالىيەتكە ئاساسلىق سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ رەئىسى مەھمۇت بىيىكلى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى، پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئافشار، شائىر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت قۇمتۇر ۋە پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەجىر سىڭدۈرگەن باشقا كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان زىيالىيلىرىنى تونۇش ۋە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن دوكتور گۈلزادە خانىم، قاھار ۋە رۇستەم قاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلق ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىدى.