ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئوت كەتكەن. بىنا قۇلۇپلاقلىق بولغاچقا، ئاھالىلەر بىنادىن قېچىپ چىقالمىغان؛ خىتاي تەرەپ ۋەقەدە 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، رادىئومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدا ۋەقەدە ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر پاجىئەگە ئائىت ھەقىقىي ئەھۋالنى تا ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى تېخىچە جاۋابكارلىققا تارتمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاينى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم بېرىشكە چاقىردى. ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى باياناتىدا يۇقۇم چەكلىمىلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئوتتىن قېچىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) باياناتىدا ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش بىلەن بىر قاتاردا، شۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان نامايىشچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ قېتىمقى پاجىئەدە خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئاستا ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماسلىقىمۇ دىققەت تارتقان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنانىڭ ئەتراپىدا توختىتىلغان ئىگىسىز ماشىنىلار بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ بىناغا يېقىنلىشالمىغانلىقى ۋە سۇ شىلانكىسىنىڭ بىنا ئىچىگە يەتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پاجىئەدە زىياننىڭ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق بولۇشىدا سىياسىي سەۋەبنىڭ، يەنى لاگېرنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
مەزكۇر پاجىئەدە قەمەرنىسا ئابدۇرەھمان ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئائىلىسىدىنلا بەش كىشى جان ئۈزگەن، بۇلاردىن 5 ياشلىق نەھدىيە مەمەتئېلى دادىسى لاگېرغا ئېكىتىلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە تېخى دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ دەككىسىنى بەردى
بۇ ھەپتە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۆت ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلەشمە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ب د ت نىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇنازىرىلەشكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى رەھبىرى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇھېكىم ئىدرىستىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى 23-نويابىردىن باشلاپ ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىگە قاتناشقان.
ئۇلار يىغىنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىۋېتىلىشى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
23-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى باشچىلىقىدا ئۈچ تەشكىلات خىتاينىڭ دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە بىر قوشۇمچە يىغىن ئۇيۇشتۇرغان.
روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ياۋروپا شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىلمىگەن روشەن ئابباس ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى (UN Watch) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-نويابىر كۈنى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي ئاساسلىق زوراۋانلىق ھەققىدىكى يىغىندىمۇ روشەن ئابباس بىرنەچچە قېتىم قول كۆتۈرۈپ سۆز نۆۋىتى سورىغان بولسىمۇ، رىياسەتچى ئۇنىڭغا نۆۋەت بەرمىگەن. رىياسەتچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىر كىشىگە نۆۋەت بەرگەن چاغدا، روشەن ئابباس ئالدىدىكى مىكروفوننى ئېچىپ سۆز باشلىغان.
ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
25-نويابىر كۈنى ئابدۇھېكىم ئىدرىسمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بىر مەسئۇلىدىن 2022-يىلىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان قانداق ئەمەلىي تەدبىر ئېلىنغانلىقىنى سورىغان. ئۇ ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
26-نويابىر كۈنى دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى دائىرىسىدىكى بىر مۇزاكىرە يىغىنىغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىق ھەققىدە سۆز قىلغان.
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا بولسا ب د ت نىڭ ئۆز تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ جاۋاب قايتۇرغان.
ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى 27-نويابىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
روشەن ئابباس جەنۋەگە كېلىشتىن ئىلگىرى كانادادا 20–22-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن خالىفاكس خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مۇنبىرىگە قاتناشقان. ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ياپونىيە–ۋېنگرىيە–ئۇيغۇر ئىتتىپاقى قۇرۇلدى
ئۆتكەن ھەپتە ۋېنگرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۇيغۇر، ۋېنگرىيەلىك ۋە ياپونىيەلىك پائالىيەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ياپونىيە–ۋېنگرىيە–ئۇيغۇر ئىتتىپاقى نامىدا يېڭى بىر ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرغان.
«ئۇيغۇر تايمىس» نىڭ 25-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇش نىزامنامىسىغا ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى رەئىسى ئۈمىت خەمىت، دۇنيا ۋېنگرىيەلىكلەر ئىتتىپاقىنىڭ رايونلۇق رەئىسى ئىشتۋان نىمرود خورۋات (István Nimród Horváth) ۋە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى تاكاشى ساتو (Takashi Sato) ئىمزا قويغان.
نىزامنامىدا ئۈچ تەرەپنىڭ ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم بىرلەشمە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر تەشكىلات 20–21-نويابىر كۈنلىرى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن «قېرىنداشلار» نامىدىكى ئۇيغۇر–ۋېنگرىيە خەلقئارالىق يىغىنىدىن كېيىن قۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى بىلەن دۇنيا ۋېنگرىيەلىكلەر ئىتتىپاقى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار بىلەن ۋېنگرىيەلىكلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋىتى، ئىككى مىللەتنىڭ تىل جەھەتتىكى باغلىنىشى، شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئۈمىت خەمىتنىڭ «ئۇيغۇر تايمىس» قا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىدىغان ھەرقانداق شەخس، تەشكىلات ۋە دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىدىكەن.
ھازىرچە بۇ يېڭى ئىتتىپاق ئۈچ ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق سۇپىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچەكتە قانداق كونكرېت پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ۋە ۋېنگرىيە ھەمدە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ ئىتتىپاققا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.
يېڭى دوكلات: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر
باش شتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارالىق قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى (Anti-Slavery International) 25-نويابىر كۈنى يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىر تۈرى بولغان قۇل قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ رىم نىزامنامىسى ئاساسىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ۋە كېيىنكى يىللاردا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نامىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسىتى قانۇنىي جەھەتتىن ئانالىز قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى كۆپ ھاللاردا قۇللۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئىشلىگەن ئۈچ پارچە خەۋىرىدىن بەش قېتىم مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان.
بۇ خەۋەرلەردە قەشقەر يېڭىشەھەردىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈنىگە 12 سائەت ئىشلىتىلىپ، ئايدا پەقەت بىر كۈن دەم ئالىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئەمگەككە يۆتكىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بولسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
تۈركىيەدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى
21-نويابىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەيسەرىسپور كوماندىسى بىلەن ئىستانبۇل سارىيەرسپور كوماندىسى ئارىسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە 20-نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پۇتبول ئارقىلىق قېرىنداشلىق، ئىنسانىيلىق ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۇچۇرى يەتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر بالىلار ئىككى كوماندىنىڭ پۇتبولچىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەيدانغا چىقتى. تەنتەربىيە مەيدانىدا غايەت زور شەرقىي تۈركىستان بايرىقى يېيىلدى.
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT نىڭ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتقان دىكتورى بۇ ئالاھىدە مۇراسىم ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن: «بۈگۈن يۈرىكىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، پەلەستىندە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەر كېلەچەككە تەشنا بولۇۋاتقان بارلىق بالىلار بىلەن بىللە سوقماقتا. قەيسەرىدە ياڭرايدىغان بۇ قېرىنداشلىق ساداسى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ» دېگەن.
قەيسەرىسپور كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى، بالىلارنىڭ ئۈمىدى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، قەيسەرى شەھىرىنىڭ تارىختا ئانادولۇدىكى ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغانلىقىنى ئەسلەتكەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ بۇ مەيداندا لەپىلدىگەنلىكىگە قارىتا «رەھمەت تۈركىيە، رەھمەت خەلقىم» دەپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.
قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش ئارزۇسى توردا دىققەت قوزغىدى
يېقىندا، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىن كۆرۈنۈشى توردا تارقىلىپ، دىققەت قوزغىدى. سىن كۆرۈنۈشىدە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 17-نويابىر كۈنى كوناشەھەر ناھىيەلىك تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خادىملىرى كوناشەھەر ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن «چوڭ بولغاندا نېمە بولغۇڭلار بار؟» دەپ سورىغان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سىن كۆرۈنۈشى توردا تارقىلىپ، خىتاي ئىچى ۋە چەاتئەللەردە دىققەت قوزغىغان.
بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى يەنە مۇخبىرنىڭ «سىلەرچە كومپارتىيە ئەزاسى قانداق ئادەم؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، پارتىيەگە سادىق، دۆلەتنى ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ سىن كۆرۈنۈشى خىتاي ئىچىدىكى دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە چەتئەللەردىكى Xسۇپىسىدا تارقىلىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەربىيەلەر ۋە بۇ ئۆسمۈرلەردىكى ئىددىيىۋىي يۆنىلىش ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئاتالمىش ”ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى“ ۋە ”جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى“ تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا سىڭدۈرۈپ كەلگەن. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ توردا قوزغىغان مۇنازىرىلىرى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەربىيە ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا بولغان دىققىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”مەن بۇ بۇ بالىلارنىڭ جاۋابىنى مېڭىسى يۇيۇلۇپ كېتىپ ياكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇپ دەۋاتقان بىر ئەخمىقانە سۆز دەپ چۈشەنمىدىم. بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى، يوقاپ كېتىشى، تۈرمىلەردىن ئۆلۈكى چىقىشى بىلەن، بۇ بالىلارنىڭ شۇ قورقۇنچتا ’پارتىيە ئەزاسى بولىمەن‘ دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاش، كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋابى دەپ چۈشەندىم.“
خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسى بىرمىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بېكىتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسى 19-نويابىر ھۆكۈم چىقىرىپ، بىرمـا ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكلىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. ئەمما نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى تېخى ئوخشاش سوتلاشقا دۇچ كەلمىدى؟
2017-يىلى بىرمـا ئارمىيەسى راخىن ئۆلكىسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېنگالغا قېچىشىغا سەۋەپچى بولغان. 2019-يىلى ئافرىقا دۆلىتى گامبىيە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، بىرمىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. كۆپ يىللىق سوتتىن كېيىن، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقىرىپ، بىرمىنىڭ مۇناسىپ خەلقئارا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ھۆكۈم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئارقىلىق ئادالەت ئىزدىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۈلگە ياراتتى، ئەمما يەنە مۇنداق بىر مەسىلىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇغغان؛ 2022-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلقئارا سوت مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ؟
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادۋۇكات نۇرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”1948-يىلى ماقۇللانغان ’ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى‘ نىڭ 9-ماددىسىدا ئەھدىنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خەلقئارا ئادالەت سوتىقا ئەرز قىلالايدۇ. بېرما بۇ ماددىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا 2019-يىلى گامبىيە بېرما ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. خىتاي 1983-يىلى بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان، لېكىن 9-ماددىنى قوبۇل قىلمىغان. خىتاي باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئاشۇ ماددىغا ئاساسەن ئۆزىنى خەلقارئارا ئادالەت سوتىغا ئەرز قىلىش ئىمتىيازىنى قالدۇرمىغان.“ ئەمما نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە باشقا قانۇنىي يوللار بىلەن جاۋپكارلىققا تارتىش ئىمكانىيىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مىخانزمى ئارقىلىق خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى توختىماي توپلاش ۋە خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئىشلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىنگلىزچە ئۈچ توملۇق تارىخ ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
21-نويابىر ئامېرىكادىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە تارىخچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ يېڭى نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى: ئىنقىلاب ۋە دۆلەت قۇرۇش» ناملىق ئۈچ توملۇق ئىنگلىزچە ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پائالىيەتكە ئامېرىكالىق ئالىملار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەزالىرى قاتناشتى.
جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد نەبىجان تۇرسۇننىڭ تەتقىقاتىدا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا يۇقىرى باھا بەردى.
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار پروفېسسورى شان روبېرتس نەبىجان تۇرسۇننى «تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن تۇغۇلغان كىشى» دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭ 13 توملۇق ”ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى“ نامىلىق ئەسىرىنىڭ يۇقۇرى ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
”ئامېرىكا ئەۋزەللىكى سىياسەت ئىنستىتۇتى“نىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە ئالىي دېرىكتورى پىيېرو توززى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەسەت سۇلايمان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلانغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ جەھەتتە نەبىجان تۇرسسۇننىڭ زور بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان بىر قىسىم جامائەت ئەزالىرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئەمگەكلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغان ياش تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى يېتەكلەشتە رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىردا، نەبىجان تۇرسۇن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، ھەم بۇنى ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پائالىيەت كىتاب ئىمزالاش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.
