ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن «كۆز-قۇلاق» بولۇشقا سېلىش يەنە داۋاملاشماقتا
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپ بالىلىرىنى ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە قاتناشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەكشۈرۈش شەكلىدە كۆرۈلگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا خىتاي تىلىنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش شەكلىدە داۋاملاشماقتا.
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2024-يىلى 12-نويابىردا ئېلان قىلغان رەسمىي خەۋىرىدە، «كىچىك قوللار چوڭ قوللارنى يېتەكلەش، دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىرلىكتە ئۆگىنىش» پائالىيىتى ئارقىلىق 18 مىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ «جەمئىيەتتە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش نازارەتچىسى» قىلىپ تەشكىللەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دائىرىلەر بۇنىڭدىكى مەقسەتنى «ياخشى تىل مۇھىتى شەكىللەندۈرۈش» دەپ چۈشەندۈرگەن.
خوتەنگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز جەريانىدا، كەنت ساقچىلىرى «نازارەتچى» ئوقۇغۇچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2026-يىلى 5-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بولسا، «كىچىك قوللار چوڭ قوللارنى يېتەكلەش» ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشكە 312 مىڭ 400 ئادەم-قېتىم قاتناشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 2026-يىلى 30-ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر رەسمىي ماتېرىيالدا خوتەندىكى 18 مىڭ ئوقۇغۇچى «نازارەتچى» يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىنىپ، «ئوقۇغۇچى ئائىلىنى يېتەكلەش، ئائىلە مەھەللىگە تەسىر كۆرسىتىش» ئەندىزىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى، ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ شۇ ئائىلىدىكى بالىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تورىنىڭ 2018-يىلى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىغا سۇنغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىنىي قارىشى ۋە پائالىيەتلىرىنى مەكتەپكە مەلۇم قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكى، توپلانغان ئۇچۇرلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.
ئامېرىكانىڭ 2023-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىمۇ ساقچىلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر بالىلىرىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ روزا تۇتقان-تۇتمىغانلىقىنى سورىغانلىقى ۋە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەر تورىدىن پايدىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەدبىرلەرنى «بالىلارنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قوغداش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىش» دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلگەن.
يۇقىرىقى ماتېرىياللاردا يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېرىلگەن ۋەزىپىنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى ئائىلە ئىچى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىدىغان ۋاسىتە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ترامپ APEC يىغىنىدا خىتايغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرىلدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى 20 جۇمھۇرىيەتچى ئەزا بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى شېنجېندا 18-، 19-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن APEC رەھبەرلەر يىغىنىدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر سىياسىي تۇتقۇنلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى 20 جۇمھۇرىيەتچى ئەزا 18-نويابىر ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، ترامپنى شى جىنپىڭ بىلەن شېنجېندا كۆرۈشكەندە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
بۇ چاقىرىققا ئاۋام پالاتاسىدىن جون مولېنار، روبېرت ئادېرخولت ۋە كرىس سىمىس باشچىلىق قىلغان بولۇپ، يەنە 17 جۇمھۇرىيەتچى ئەزا ئىمزا قويغان. بۇ تىزىملىكتە ئۇيغۇر مەھبۇسلاردىن پروفېسسور ئىلھام توختى، دوختۇر گۈلشەن ئابباس تىلغا ئېلىنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ APEC يىغىنىدىن بىر كۈن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەردىن خىتاي تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، تۇتقۇندىكىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىش، يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تەقدىرىنى ئاشكارىلاش، ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ رايونغا توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشنى سورىغان.
باياناتتا ترامپ بىلەن بىرلىكتە يەنە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېزې، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى سانائې تاكائىچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇلارنى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىرىدە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىلگىرىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى.
APEC نىڭ 33-قېتىملىق بۇ يىغىنىدا، ئەركىن سودا، سانلىق سودا ھەمكارلىقى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇستەھكەملىكى، سۈنئىي ئەقىل ۋە يېڭى تېخنىكىلار قاتارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇھىم ئورۇن ئالغان. ئەمما يىغىننىڭ ئاخىرقى ئورتاق باياناتىدا ئىشچىلار ھوقۇقى ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچەملىرىنى قوغداشقا دائىر ئومۇمىي باياندىن باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.
ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكى خاتىرىلەندى
بۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتتە رابىيە خانىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپداشلىرىدىن ئۆمەر قانات، نۇرى تۈركەل، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، ئەسەت سۇلايمان ۋە قاھار باراتلار سۆز قىلىپ، رابىيە خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقان ۋە بىللە خىزمەت قىلغان جەرياندىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۆمەر قانات سۆزىدە رابىيە خانىمنىڭ خىزمەت داۋامىدىكى جانلىقلىقى، ھارماسلىقى ۋە كەسكىن خاراكتېرىنى يۇمۇرلۇق مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.
نەبىجان تۇرسۇن بىلەن ئەسەت سۇلايمان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئۇنتۇلماس رول ئوينىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكادىكى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىمۇ 16-نويابىر كۈنى فېيسبۇك ھېسابىدا تۇغۇلغان كۈن تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، رابىيە خانىمنى «ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى» دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا، ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ داۋاملىق پايدىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە خانىم 1946-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالاھىدە بېزەلگەن تۇغۇلغان كۈن تەبرىك كارتىلىرى كەڭ تارقالدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سودا ئىمتىيازىنى بىكار قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى
17-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەممى بالدۋىن «خىتايغا بېرىلگەن ئالاھىدە مۇئامىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ لايىھەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى خىتايغا بېرىلگەن دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشتۇر.
بۇ لايىھە ئېلان قىلىنىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئۈچ ئۇيغۇر تەشكىلاتى «خىتاينى ئەركىنلەشتۈرۈش» نامىدا تەشكىللەنگەن بىر ئىتتىپاق تەركىبىدە، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ئۆمەر قانات، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ كۈچىيىشىدە ئامېرىكا تەرىپىدىن بېرىلگەن سودا ئىمتىيازىنىڭمۇ ۋاسىتىلىك رولى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۇلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىدىن چەتنىمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكادا 2000-يىلى خىتايغا دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازى بېرىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، بۇ ئىمتىيازنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بىر قانچە قېتىم ھەرىكەت قوزغالغان، ئەمما يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاش ئاۋازىغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.
تەممى بالدۋىننىڭ بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھەسىدە، خىتاينىڭ بۇ ئىمتىيازغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپ كۈتكەن مەيلى سىياسىي، مەيلى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە بولسۇن، ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
بۇ لايىھە تونۇشتۇرۇلۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق مەسئۇلى سام براۋنبېك ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2000-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان مەزگىلدە قىلغان خاتا ئىشلىرىدىن بىرىنىڭ، شۇ چاغدا خىتايغا دائىمىي نورمال سودا ئىمتىيازى بېرىشنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ ئىمتىيازنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى سام براۋنبېككە بۇ ھەققانىي مەيدانى ئۈچۈن ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ”ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش“ نىزامىنى يولغا قويماقچى
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئائىلە تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى تونۇشتۇرغان. 32 ماددىدىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر نىزام بۇ يىل 23-سېنتەبىردە ماقۇللانغان بولۇپ،1-دېكابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
مەزكۇر نىزامدا ئاتا-ئانىلاردىن پەرزەنتلىرىگە ”دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى“ دەپ ئاتالغان خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىتىش ۋە ئىشلىتىش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەش، ئاتېئىزم تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەربىيە ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. مەزكۇر نىزامدا يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىقا يىتەكلەش مەنئى قىلىنغان.
خىتاينىڭ بۇنداق بىر نىزام ئارقىلىق خىتاي تىل-يېزىقىنى، دىنغا قارشى سىياسىتىنى ۋە كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەردە سوئال پەيدا قىلماقتا. شۇنداقلا، كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە. تىلشۇناس ۋە يازغۇچى ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”بۇ بەك خەتەرلىك بىر ئىش. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ كوچىلارغا كامېرا ئورنىتىش، ئادەملەرنى لاگىرلارغا قاماشتىن ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۈرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۇ يەردە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر بوشلۇق قالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قالىدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيەتنىڭ قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.“
مەزكۇر نىزامدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاتا-ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرگە قارىتا چەكلەش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن. نىزامنىڭ 29-ۋە 30-ماددىلىرىغا ئاساسەن، مەكتەپلەر، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئائىلە باشلىقلىرىغا تەنقىدىي تەربىيە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىپ بارسا بولىدىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە سوت مەھكىمىلىرى ۋەسىيلەرگە تەنبىھ بېرىش ۋە ئۇلارنى ئائىلە تەربىيەسى بويىچە يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن، ھەتتا ئۇلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن.
ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى
12-نويابىر، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە سۆزگە چىقانلار تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى جاكارلانغان بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى بايان قىلىشتى.
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا بولغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە تىبەت پائالىيەتچىلىرى ۋە كانتون مۇستەقىللىقى تەرەپدارلىرى قاتناشتى. پائالىيەتتە، ئامېستىردام شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى سۇلايمان كويۇنجۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خەلقلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋىتسىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى ئۆزگىچە شەكىلدە ئوتكۈزۈلدى. ”ئەجداتلار مىراسى جۇمھۇرىيەت كۈنى“ تېمىسىدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ياشلارنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي كىملىك يېتىلدۈرۈشىگە مەركەزلەشتى.
يەنە ئەنگلىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مۇھىم كۈننى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئۆمەر قانات رادىيومىزغا مۇنداق دېدى: ”خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر تۈرلىك زۇلۇملىرى ئاشقانسېرى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتە جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ يىلدىن يىلغا كېڭىيىپ بېرىشى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.“
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرى تايلاندنى ئاگاھلاندۇردى
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 12 يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىماللىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قايتىدىن دىققىتىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر گۇرۇپپا مۇستەقىل ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى 13-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەش ئۇيغۇرنى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ۋە باشقا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.
بۇ بايانات تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى ئادەتتىكى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش تەرتىپى بىلەن ئەمەس، بەلكى جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەرتىپى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىققان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر بەش ئۇيغۇر 2014-يىلى خىتايدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئۆكتەبىر ئېيىدا پادىشاھلىق كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن تۈرمىدىن بانكوكتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەن. قالغان ئۈچ نەپىرى يەنىلا تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نەپەر ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. 4-نويابىر، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن تايلاندنىڭ چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە قارشى ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ۋە خەلقئارالىق قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئەسكەرتكەن، بولۇپمۇ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قاتارلىق ئېغىر دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ خاتىرىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 13-نويابىردىكى باياناتىدا، تايلاندنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ بەش نەپەر ئۇيغۇرنى بىخەتەر ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش يولىنى تېپىشى تەلەپ قىلىندى.
