پائالىيەتتە رابىيە خانىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپداشلىرىدىن ئۆمەر قانات، نۇرى تۈركەل، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، ئەسەت سۇلايمان ۋە قاھار باراتلار سۆز قىلىپ، رابىيە خانىم بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقان ۋە بىللە خىزمەت قىلغان جەرياندىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۆمەر قانات سۆزىدە رابىيە خانىمنىڭ خىزمەت داۋامىدىكى جانلىقلىقى، ھارماسلىقى ۋە كەسكىن خاراكتېرىنى يۇمۇرلۇق مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.
نەبىجان تۇرسۇن بىلەن ئەسەت سۇلايمان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرى ئۈستىدە توختىلىپ، رابىيە خانىمنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا ئۇنتۇلماس رول ئوينىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكادىكى توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىمۇ 15-نويابىر كۈنى فېيسبۇك ھېسابىدا تۇغۇلغان كۈن تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، رابىيە خانىمنى «ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى» دەپ ئاتىدى. شۇنداقلا، ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رابىيە خانىمنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ داۋاملىق پايدىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
رابىيە خانىم 1946-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالاھىدە بېزەلگەن تۇغۇلغان كۈن تەبرىك كارتىلىرى كەڭ تارقالدى.
