باش شتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارالىق قۇللۇققا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى (Anti-Slavery International) 25-نويابىر كۈنى يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىر تۈرى بولغان قۇل قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ رىم نىزامنامىسى ئاساسىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ۋە كېيىنكى يىللاردا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نامىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىياسىتى قانۇنىي جەھەتتىن ئانالىز قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە زوراۋانلىق ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى كۆپ ھاللاردا قۇللۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشتا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئىشلىگەن ئۈچ پارچە خەۋىرىدىن بەش قېتىم مەنبە سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان.
بۇ خەۋەرلەردە قەشقەر يېڭىشەھەردىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا مەجبۇرىي ئىشلىتىشكە ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇچتۇرپاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۈنىگە 12 سائەت ئىشلىتىلىپ، ئايدا پەقەت بىر كۈن دەم ئالىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلار ئەمگەككە يۆتكىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
مەزكۇر تەشكىلات چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى بولسا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
