2022-يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئوت كەتكەن. بىنا قۇلۇپلاقلىق بولغاچقا، ئاھالىلەر بىنادىن قېچىپ چىقالمىغان؛ خىتاي تەرەپ ۋەقەدە 10 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، رادىئومىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدا ۋەقەدە ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.
ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر پاجىئەگە ئائىت ھەقىقىي ئەھۋالنى تا ھازىرغىچە يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بار ئەمەلدارلارنى تېخىچە جاۋابكارلىققا تارتمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا خىتاينى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم بېرىشكە چاقىردى. ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى باياناتىدا يۇقۇم چەكلىمىلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئوتتىن قېچىشىغا توسالغۇ بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) باياناتىدا ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش بىلەن بىر قاتاردا، شۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان نامايىشچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
شۇ قېتىمقى پاجىئەدە خىتاي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئاستا ھەرىكەت قىلىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماسلىقىمۇ دىققەت تارتقان. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىنانىڭ ئەتراپىدا توختىتىلغان ئىگىسىز ماشىنىلار بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ بىناغا يېقىنلىشالمىغانلىقى ۋە سۇ شىلانكىسىنىڭ بىنا ئىچىگە يەتمىگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پاجىئەدە زىياننىڭ ئېغىر ۋە ئېچىنىشلىق بولۇشىدا سىياسىي سەۋەبنىڭ، يەنى لاگېرنىڭ بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەسىرىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.
مەزكۇر پاجىئەدە قەمەرنىسا ئابدۇرەھمان ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئائىلىسىدىنلا بەش كىشى جان ئۈزگەن، بۇلاردىن 5 ياشلىق نەھدىيە مەمەتئېلى دادىسى لاگېرغا ئېكىتىلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان ۋە تېخى دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.
