ب د ت خەلقئارا سوتى بىرمىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بېكىتتى

ئەمما نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى تېخىچە ئوخشاش سوتلاشقا دۇچ كەلمىدى؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئادالەت سوت مەھكىمىسى 19-نويابىر ھۆكۈم چىقىرىپ، بىرمـا ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكلىنى، بۇنىڭ ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»گە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

2017-يىلى بىرمـا ئارمىيەسى راخىن ئۆلكىسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 700 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېنگالغا قېچىشىغا سەۋەپچى بولغان. 2019-يىلى ئافرىقا دۆلىتى گامبىيە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، بىرمىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. كۆپ يىللىق سوتتىن كېيىن، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقىرىپ، بىرمىنىڭ مۇناسىپ خەلقئارا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھۆكۈم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئارقىلىق ئادالەت ئىزدىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر ئۈلگە ياراتتى، ئەمما يەنە مۇنداق بىر مەسىلىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ تونۇغغان؛ 2022-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق خەلقئارا سوت مەھكىمىسى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ؟

ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئادۋۇكات نۇرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”1948-يىلى ماقۇللانغان ’ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى‘ نىڭ 9-ماددىسىدا ئەھدىنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن خەلقئارا ئادالەت سوتىقا ئەرز قىلالايدۇ. بېرما بۇ ماددىنى قوبۇل قىلغان، شۇڭا 2019-يىلى گامبىيە بېرما ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. خىتاي 1983-يىلى بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىغان، لېكىن 9-ماددىنى قوبۇل قىلمىغان. خىتاي باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئاشۇ ماددىغا ئاساسەن ئۆزىنى خەلقارئارا ئادالەت سوتىغا ئەرز قىلىش ئىمتىيازىنى قالدۇرمىغان.“

ئەمما نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنە باشقا قانۇنىي يوللار بىلەن جاۋپكارلىققا تارتىش ئىمكانىيىتىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مىخانزمى ئارقىلىق خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى توختىماي توپلاش ۋە خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاتتىق جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئىشلەش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.