ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 17-نويابىر كۈنى كوناشەھەر ناھىيەلىك تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خادىملىرى كوناشەھەر ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن «چوڭ بولغاندا نېمە بولغۇڭلار بار؟» دەپ سورىغان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سىن كۆرۈنۈشى توردا تارقىلىپ، خىتاي ئىچى ۋە چەاتئەللەردە دىققەت قوزغىغان.
بۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرى يەنە مۇخبىرنىڭ «سىلەرچە كومپارتىيە ئەزاسى قانداق ئادەم؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، پارتىيەگە سادىق، دۆلەتنى ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ سىن كۆرۈنۈشى خىتاي ئىچىدىكى دوۋيىن قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە چەتئەللەردىكى Xسۇپىسىدا تارقىلىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەربىيەلەر ۋە بۇ ئۆسمۈرلەردىكى ئىددىيىۋىي يۆنىلىش ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئاتالمىش ”ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى“ ۋە ”جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى“ تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى مەكتەپ ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا سىڭدۈرۈپ كەلگەن. مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ توردا قوزغىغان مۇنازىرىلىرى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بېرىلىۋاتقان سىياسىي تەربىيە ۋە ئۇلارنىڭ شەخسىي ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا بولغان دىققىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇنداق دېدى: ”مەن بۇ بۇ بالىلارنىڭ جاۋابىنى مېڭىسى يۇيۇلۇپ كېتىپ ياكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىپ قويۇپ دەۋاتقان بىر ئەخمىقانە سۆز دەپ چۈشەنمىدىم. بەلكى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى، يوقاپ كېتىشى، تۈرمىلەردىن ئۆلۈكى چىقىشى بىلەن، بۇ بالىلارنىڭ شۇ قورقۇنچتا ’پارتىيە ئەزاسى بولىمەن‘ دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جېنىنى ساقلاش، كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن جاۋابى دەپ چۈشەندىم.“
