21-نويابىر ئامېرىكادىكى مېھرىبان ئانا ئۇيغۇر مەكتىپىدە تارىخچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ يېڭى نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى: ئىنقىلاب ۋە دۆلەت قۇرۇش» ناملىق ئۈچ توملۇق ئىنگلىزچە ئەسىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. پائالىيەتكە ئامېرىكالىق ئالىملار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە جامائەت ئەزالىرى قاتناشتى.
جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد نەبىجان تۇرسۇننىڭ تەتقىقاتىدا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا يۇقىرى باھا بەردى.
جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئىشلار پروفېسسورى شان روبېرتس نەبىجان تۇرسۇننى «تارىخ تەتقىقاتى ئۈچۈن تۇغۇلغان كىشى» دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭ 13 توملۇق ”ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى“ نامىلىق ئەسىرىنىڭ يۇقۇرى ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
”ئامېرىكا ئەۋزەللىكى سىياسەت ئىنستىتۇتى“نىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە ئالىي دېرىكتورى پىيېرو توززى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتور ئەسەت سۇلايمان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇرمىلانغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يېزىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ جەھەتتە نەبىجان تۇرسسۇننىڭ زور بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پائالىيەتتە سۆز قىلغان بىر قىسىم جامائەت ئەزالىرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئەمگەكلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغان ياش تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنى يېتەكلەشتە رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىردا، نەبىجان تۇرسۇن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، ھەم بۇنى ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پائالىيەت كىتاب ئىمزالاش مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلاشتى.
