تۈركىيەدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

قەيسەرىسپور كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى، بالىلارنىڭ ئۈمىدى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

21-نويابىر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەيسەرىسپور كوماندىسى بىلەن ئىستانبۇل سارىيەرسپور كوماندىسى ئارىسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە 20-نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پۇتبول ئارقىلىق قېرىنداشلىق، ئىنسانىيلىق ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۇچۇرى يەتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر بالىلار ئىككى كوماندىنىڭ پۇتبولچىلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مەيدانغا چىقتى. تەنتەربىيە مەيدانىدا غايەت زور شەرقىي تۈركىستان بايرىقى يېيىلدى.

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT نىڭ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتقان دىكتورى بۇ ئالاھىدە مۇراسىم ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەندىن كېيىن: «بۈگۈن يۈرىكىمىز شەرقىي تۈركىستاندا، پەلەستىندە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەر كېلەچەككە تەشنا بولۇۋاتقان بارلىق بالىلار بىلەن بىللە سوقماقتا. قەيسەرىدە ياڭرايدىغان بۇ قېرىنداشلىق ساداسى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىدۇ» دېگەن.

قەيسەرىسپور كۇلۇبىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئاۋازى، بالىلارنىڭ ئۈمىدى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، قەيسەرى شەھىرىنىڭ تارىختا ئانادولۇدىكى ئەرەتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغانلىقىنى ئەسلەتكەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ بۇ مەيداندا لەپىلدىگەنلىكىگە قارىتا «رەھمەت تۈركىيە، رەھمەت خەلقىم» دەپ مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.