ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ب د ت يىغىنلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ دەككىسىنى بەردى

سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىلمىگەن روشەن ئابباس ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەپتە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۆت ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلەشمە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، ب د ت نىڭ بىر قاتار يىغىنلىرىدا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە مۇنازىرىلەشكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى رەھبىرى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇھېكىم ئىدرىستىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى 23-نويابىردىن باشلاپ ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرىگە قاتناشقان.

ئۇلار يىغىنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىۋېتىلىشى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

23-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى باشچىلىقىدا ئۈچ تەشكىلات خىتاينىڭ دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە بىر قوشۇمچە يىغىن ئۇيۇشتۇرغان.

روشەن ئابباسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ياۋروپا شىركەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

سوئال سوراش پۇرسىتى بېرىلمىگەن روشەن ئابباس ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نامىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى (UN Watch) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-نويابىر كۈنى ئاياللارغا قارىتىلغان جىنسىي ئاساسلىق زوراۋانلىق ھەققىدىكى يىغىندىمۇ روشەن ئابباس بىرنەچچە قېتىم قول كۆتۈرۈپ سۆز نۆۋىتى سورىغان بولسىمۇ، رىياسەتچى ئۇنىڭغا نۆۋەت بەرمىگەن. رىياسەتچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بىر كىشىگە نۆۋەت بەرگەن چاغدا، روشەن ئابباس ئالدىدىكى مىكروفوننى ئېچىپ سۆز باشلىغان.

ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىق دەپسەندىچىلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

25-نويابىر كۈنى ئابدۇھېكىم ئىدرىسمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ بىر مەسئۇلىدىن 2022-يىلىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان قانداق ئەمەلىي تەدبىر ئېلىنغانلىقىنى سورىغان. ئۇ ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 نەپەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

26-نويابىر كۈنى دولقۇن ئەيسا ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى دائىرىسىدىكى بىر مۇزاكىرە يىغىنىغا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىق ھەققىدە سۆز قىلغان.

ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا بولسا ب د ت نىڭ ئۆز تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ جاۋاب قايتۇرغان.

ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇنبىرى 27-نويابىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

روشەن ئابباس جەنۋەگە كېلىشتىن ئىلگىرى كانادادا 20–22-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن خالىفاكس خەلقئارالىق بىخەتەرلىك مۇنبىرىگە قاتناشقان. ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.