12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قىسقىچە قۇرۇلۇش جەريانى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قالدۇرغان مىراسلىرى ھەققىدە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ”شىنجاڭ“ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ئۇلۇغ تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئوغلى قۇتلۇق ئالماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
قۇتلۇق ئالماس ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دۆلەتچىلىك ئېڭى ۋە ئەنئەنىسىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەينى دەۋردە خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى قوزغالغان غەزەپ-نەپرەتكە ۋە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ دانا ئەقىل-پاراسىتىگە ۋە قەھرىمانلىقىغا باغلاپ چۈشەندۈردى.
ئۇ يەنە ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن قالغان مىراسلار سۈپىتىدە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى، مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىنى تىلغا ئالدى ۋە 1949-يىلدىن كېيىن خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدا داۋام قىلىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنقىلاب ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي پائالىيەتلەردە ئەنە شۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئالغان ئىلھام ۋە جاسارەتنىڭ مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
