ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 6-نويابىر)

14 ياشتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن راھىلە ئۆمەرنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. خىتاي تايلاندتىكى بەش ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئامېرىكا ئوتتۇرا سايلىمىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىغان ئەزالار قايتا سايلاندى. پېنتاگون نامى ئۆزگەرگەن كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭمۇ پائالىيىتىنى چەكلىدى. كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەكلىپىنى ماقۇللىدى. تۈركىيە پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى يايدى. ”ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى“ ۋاشىنگتوندا يېڭى كىتاب تونۇشتۇردى. شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنى خاتىرىلەش تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

14 ياشتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن راھىلە ئۆمەرنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

قەشقەر كوناشەھەرنىڭ لەڭگەر يېزىسىغا نوپۇسلۇق بولغان راھىلە ئۆمەرنىڭ 2017-يىلى 14 ياش ۋاقتىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئىككى ئاي ئاۋۋال 23 يېشىدا پەيزىۋاتتىكى بىر تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 6-نويابىر) (RFA Uyghur)

ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر خەۋەر»، «ھەبەر نىدا» ۋە «كۆزەت» قاتارلىق ئاخبارات تورلىرىدا قەشقەر توققۇزاقتا 14 يېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بېرىلگەن ئىدى، ئەمما خەۋەرنىڭ مەنبەسى كۆرسىتىلمىگەن ئىدى.

راھىلە ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خەۋىرى 2022-يىلى ئاشكارىلانغان كوناشەھەر ساقچى ئارخىپلىرىدا خاتىرىلەنگەن. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز تەييارلىغان بىر دوكلاتتا، ئۇنىڭ 2017-يىلى سېنتەبىردە تۇتۇلغانلىقى، 2018-يىلى توققۇزاق بازار ئىچىدىكى 4-كەنت ساقچىخانىسىدا رەسىمگە تارتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. «شاھىت بىز» تورىدا راھىلە ئۆمەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى لەڭگەر يېزىسى سۇلۇق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن توققۇزاق، يەنى كوناشەھەردىكى ئالاقىدار ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. كوناشەھەر لەڭگەر يېزىلىق ساقچىخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي خادىم راھىلە ئۆمەرنىڭ بىر ئاي بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. نەدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرىنى ۋاسىتىلىك ھالدا دەلىللىدى. يەنە بىر خانىم راھىلە ئۆمەرنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

توققۇزاقتىكى ئەدلىيە خادىملىرىدىن بىرى، راھىلە ئۆمەرنىڭ 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە كوناشەھەر ئوپالدىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇرغانلىقى، 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە توققۇزاق قاماقخانىسىدا تۇرغانلىقى ۋە 2021-يىلى 10-ئايدا 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، پەيزىۋاتتىكى بىر تۈرمىگە جازا ئۆتەشكە يوللانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، راھىلە ئۆمەر «قانۇنسىز توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان. ئىككى يىل تەربىيەلەشتىكى مەزگىلىدە «تەربىيە يۇقمىغانلىقى»، دېلوسىغا چېتىشلىق كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ۋە تەربىيەلەش ئورنىدىكى ياتىقىدا ئىشارەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، تەربىيەلەشتىن قاماقخانىغا يۆتكەلگەن ۋە 18 ياشقا كىرگەندە 12 يىللىق كېسىلگەن.

يەنە بىر ساقچى خادىمى راھىلە ئۆمەرنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ كېسەلگە قاچان مۇپتىلا بولغانلىقى، كېسىلىنىڭ جازا ئۆتەش جەريانىدىكى مۇئامىلە ۋە مۇھىت بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئادرىيان زېنزنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا راھىلە ئۆمەرنىڭ دادىسىنىڭ بىر دۆلەت كادىرى ئىكەنلىكى، راھىلەنىڭ دادىسىدىن كېيىن تۇتۇلغانلىقى، يەنى دادىسىغا چېتىلىپ تۇتۇلغانلىقى يېزىلغان. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دادىسىنىڭ كىملىكى ۋە كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىنمىدى.

خىتاي تايلاندتىكى بەش ئۇيغۇرنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن

خىتاي تايلاند ھۆكۈمىتىگە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

تايلاندتىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتى نادتىسىرى بېرگمان، يەنى ناتالى خانىمنىڭ رادىيويىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، تايلاند پادىشاھى ئىككى ئەمەس بەش ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىگە كەچۈرۈم ئېلان قىلغان، ئەمما ھازىرچە پەقەت ئىككى ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە جازا مۇددىتى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قالغان ئۈچى تېخىچە تۈرمىدە ئىكەن.

ئادۋوكاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ كەچۈرۈم پەقەت تۈرمە جازا مۇددىتىنى قىسقارتىدىكەن؛ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئاقىۋىتىنى بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئالمايدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، تايلاندنىڭ قىيىن-قىستاققا ئائىت بىر يەرلىك قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىدا، قىيىن-قىستاققا دۇچ كېلىش خەۋپى بولغانلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەنئى قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر مۇشۇ قانۇن كارغا كېلىپ قالسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

رېيتېرزنىڭ 4-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند ھۆكۈمىتى بەش ئۇيغۇرنىڭ تايلاند سوتىدا خىتاينىڭ قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش تەلىپىگە قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتقان ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ئەپەندى، تايلاند سوتىنىڭ ئۆتكەن قېتىم 40 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چاغدىمۇ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، سوت ئىككى كۈن داۋام قىلىپ، ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە، يەنى ھۆكۈم چىقىشتىن بۇرۇن، 40 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئەسلىتىپ، تايلاندنىڭ قارىماققا بەش ئۇيغۇرغا كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ، يەڭ ئىچىدە بولسا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئادۋوكات ناتالى رادىيويىمىزغا يوللىغان يازما جاۋابىدا ئۆزىنىڭ ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئەڭ يېقىندا قاچان كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 5-نويابىردىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئىككى ئۇيغۇر 21-ئۆكتەبىردە كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەندىن بۇيان، تايلاند دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىغان.

بەختىيار بۆرە ئەپەندى مانا بۇ ئۇچۇرلاردىنمۇ، بەش ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ناتالى رادىيويىمىزغا يەنە بەش ئۇيغۇرنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتنىڭ تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنى ئۆتكەنكى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىققا ۋە كەچۈرۈمگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا سايلىمىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىغان ئەزالار قايتا سايلاندى

ئامېرىكىدا 3-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا سايلامدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قايتا سايلاندى.

ئۇلار مىچىگان ئىشتاتىدىن جۇمھۇرىيەتچى جون مولېنار (John Moolenaar)، نيۇ جېرسىي ئىشتاتىدىن كىرىس سىمىس (Chris Smith)، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىن دېموكرات جىم ماكگوۋېرن (Jim McGovern)، كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن رو خاننا (Ro Khanna) ۋە ئورېگون ئىشتاتىدىن دېموكرات سېناتور جېف مېركلېي (Jeff Merkley) دىن ئىبارەت.

بۇ دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

ئۇلار 2026-يىلى 3-سېنتەبىردە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا بىرلەشمە خەت يوللاپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاخباراتنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان، مىچىگان ئىشتاتىدىن كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان ئابدۇللا ئەل-سەيىدمۇ (Abdul El-Sayed)، 2019-يىلى سۆزلىگەن بىر نۇتقى ۋە 2021-يىلى يازغان بىر ماقالىسىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان ۋە خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىدە دېموكراتلار دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان بولدى. يېڭى مەجلىسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەۋجۇت قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجراسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پېنتاگون نامى ئۆزگەرگەن كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭمۇ پائالىيىتىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرى پېت ھېگسېت(Pete Hegseth) 23-ئۆكتەبىر كۈنى، پېنتاگوننىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ بەلگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدا 2018-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر نەتىجىسىدە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تاقالغان ئىدى. ھېگسېتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنستىتۇتلار شۇنىڭدىن كېيىن باشقا ناملار بىلەن پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

پېنتاگون بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدا ئامېرىكىدىكى 30 ئۇنىۋېرسىتېتتە 80 گە يېقىن يېڭى قۇرۇلمىنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش، ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تەسىرىنى كۆرسىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغان.

28-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى جون مولېنار بۇ قارارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى ۋە كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يوشۇرۇشقا خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدىمۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل قۇرۇلمىلاردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، كوڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەكلىپىنى ماقۇللىدى

كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى 2026-يىلى 29-ئۆكتەبىر ”بىللە“ پارتىيەسى (Junts) سۇنغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىش مەزمۇنىدىكى بىر قارار تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

”بىللە“ پارتىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر تەكلىپتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەيىبلىنىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي كىملىكىگە دەخلى قىلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فرانسېسك دې دالماسېس (Francesc de Dalmases) تەكلىپنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا قىلغان سۆزىدە: «بىز بىر مىليون زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، قىيناش ۋە خاتىرىلەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن 380 يىغىۋېلىش لاگېرى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز» دېدى.

قارار تەكلىپىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قوغداش، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى دەرخلى-تەرۈزسىز ھالدا ئەركىن بەلگىلەش ھوقۇقى تەكىتلەندى. شۇنداقلا يەنە، كاتالونىيە ھۆكۈمىتىدىن ياۋروپا ئورگانلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ئۈندەش تەلەپ قىلىندى.

قارار تەكلىپىدە يەنە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ كاتالونىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى پاناھلىققا ئېلىش ۋە خەلقئارا قوغداش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى.

خىتاينىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 30-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ تەكلىپنى ”پاكىتلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىق“ دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا ”كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى“نى بىلدۈردى.

تۈركىيە پۇتبول مەستانىلىرى مۇسابىقە مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى يايدى

1-نويابىر تۈركىيەنىڭ ترابزون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ”ترابزونسىپور“ كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى تاماشىبىنلار سۇپىسىدا غايەت زور شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ۋە پەلەستىن بايرىقىنى ئېچىپ، بۇ ئىككى رايون خەلقىگە بولغان قوللىشىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى ترابزون كوماندىسى ئۆز مەيدانى بولغان ئاقيازى تەنتەربىيە مەيدانىدا غازىئانتەپ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن.تۈركىيەدىكى «ئەن سون خەۋەر»، «خەۋەر 7» ۋە ”تۈركىيە ۋاقتى“ قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەستانىلەر بايراقلارنى ئېچىش بىلەن بىرگە، «زۇلۇمغا قارشى بىر يۈرەك»، «بالىلار ئۆلۈۋاتقاندا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ» ۋە «دەريادىن دېڭىزغىچە ئەركىن پەلەستىن» دېگەن لوزۇنكىلارنىمۇ ئاسقان.

”ئەن سون خەۋەر“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەستانىلەر بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. نەق مەيدان سۈرەتلىرىدە، كۆك رەڭلىك ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن پەلەستىن بايرىقى تاماشىبىنلار سۇپىسىدا يانمۇيان نامايان بولغان.

”ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى“ ۋاشىنگتوندا يېڭى كىتاب تونۇشتۇردى

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىUTJD 26-ئۆكتەبىردىن 30-ئۆكتەبىرگىچە ۋاشىنگتوندا بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ساقلاش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

28-ئۆكتەبىر ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ ساھىبخانلىقىدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 26 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى توپلانغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نەشرى تونۇشتۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دىرېكتورى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر كىتابتا خاتىرىلەنگەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىغا ئائىت شەخسىي كەچۈرمىشلەر كىشىلەرگە ئىستاتىستىكىلىق سانلار بېرەلمەيدىغان تەسىراتلارنى بېرەلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتاب بۇ يىل سېنتەبىردە نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى توققۇز ئاي ئىلگىرى ئىستانبۇلدا تونۇشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرىنىڭ ۋەكىللىرى 26-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋاشىنگتون قانۇن ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ يەرشارىۋى تەسىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمىگە قاتناشتى. 27-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق دەپسەندىچىلىكلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر تارىخىنى ساقلاش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ ۋەكىللەر يەنە 29- ۋە 30-ئۆكتەبىر كۈنلىرى سىياسىي مەھبۇسلارغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا سۆز قىلدى. بۇ جەرياندا بىر قانچە تەشكىلات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەتقىقات ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنى خاتىرىلەش تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

31-ئۆكتەبىر، «شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلدىن، دەۋرىمىز رىزۋانگۈللىرىگىچە» ناملىق تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. رىزۋانگۈل تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسەت قىلىنغان بۇ پائالىيەتكە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ياشلار قاتناشتى.

ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال ئېچىلىش سۆزىدە، رىزۋانگۈلنىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ياشلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل ھاشىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئۇ 1926-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتى چىلەك رايونىدا تۇغۇلۇپ، كىچىكىدە ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەن. 1944-يىلى ئىلىدا باشلانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ، شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ 1945-يىلى 13-يانۋار غۇلجىدىكى ھەرەمباغ جېڭىدە يارىدارلارغا ياردەم بېرىۋاتقاندا شېھىت بولغان، شۇ چاغدا ئۇ 19 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پىداكارلىقى كېيىنكى يىللاردا شېئىر، رومان ۋە مۇزىكا ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

يىغىندا تارىخچى نەبىجان تۇرسۇن 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە رولى ھەققىدە دوكلات بەردى. يازغۇچى سەلىمە كامال، تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ۋە شائىر مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەت خەندان رىزۋانگۈل روھى، قەھرىمانلارنى قەدىرلەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مىللىي روھنى قوغداش قاتارلىق تېمىلىرىدا سۆز قىلدى. باشقا بىر قىسىم قاتناشقۇچىلارمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.

پائالىيەتتە رىزۋانگۈل ھەققىدىكى قىسقا فىلىم كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئوقۇلدى. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىننىڭ سىن خاتىرىسى 12-نويابىردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.