بەختىيار بۆرە: تايلاندتا پادىشاھ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا
تايلاند پادىشاھىنىڭ ئەپۇ قارارىغا ئېرىشىپ، 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن، ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قوغداش ئۈچۈن خەلقئارادىن ياردەم سورىغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بەختىيار بۆرە بۈگۈن رادىيومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، پادىشاھ كەچۈرۈمىگە ئېرىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ئادۋوكاتى تەمىنلىگەن يازما ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ بەردى.
مەزكۇر ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2020-يىلى تايلاندتىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان بەش ئۇيغۇرنىڭ ئىككىسى يەتتە يىللىق، قالغان ئۈچى توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئادۋوكاتنىڭ 22-ئىيۇل تارىخلىق يازما ئۇچۇرىدا، تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بەش ئۇيغۇرغا قويۇپ بېرىلىش ۋاقىتلىرىنى ئۇقتۇرغانلىقى، ئىككى كىشىنىڭ 2026-يىلى 25-سېنتەبىردە، قالغان ئۈچ كىشىنىڭ 2028-يىلى 12-ئىيۇلدا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ بىلدۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن تۈرمە خادىملىرى ئادۋوكاتقا شۇ ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلىش تارىخىنىڭ تېخى رەسمىي بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
يازما ئۇچۇردا يەنە، بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدە تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە خەت يوللاشنى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىشىنى، ب د ت ۋە قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرىدىن ياردەم سوراشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
بەختىيار بۆرە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ پادىشاھ ئەپۇ قارارىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قىسمىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئادۋوكات ئىيۇل ئېيىدىلا ئىككى كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بولسىمۇ، شۇ چاغدا پادىشاھ ئەپۇ قارارى تىلغا ئېلىنمىغان.
تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر ھازىر كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلار 21-ئۆكتەبىر كۈنى تۈرمىدىن يۆتكەلگەن.
29-ئۆكتەبىر كۈنى تايلاندنىڭ «Khaosod English» ئاخبارات تورى ئىچكى ھۆكۈمەت ھۆججىتىگە تايىنىپ، خىتاينىڭ بانكوكتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا 2025-يىلىدىلا پادىشاھ ئەپۇ قارارىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بەختىيار بۆرەمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش ئەندىشىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى تېز ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ئۆتكەندە بانكوك پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىلدى دەپ قارىلىپ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئىككى ئۇيغۇر بىلەن قاتقاندا، تايلاندتا جەمئىي يەتتە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا.
ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك يەنە ئۈچ خىتاي شىركىتىگە چەكلىمە ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 28-ئۆكتەبىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا گېنېتىك نازارەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئۈچ خىتاي شىركىتىنى ئىمپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتىمۇ بۇ قارارنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 29-ئۆكتەبىردە «Federal Register» دا ئېلان قىلغان رەسمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، چەكلىمە قويۇلغان شىركەتلەر BGI Genomics، MGI Tech ۋە Shenzhen BGI Technology شىركىتىدۇر.
BGI نىڭ ئەسلى نامى «بېيجىڭ گېنومىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتى» بولۇپ، ئۇ DNA نى ئانالىز قىلىش ۋە گېنېتىكا تېخنولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتتۇر.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ گېنېتىك ئانالىز ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ياللاش، يۆتكەش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە دەلىللەر بارلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قارار بويىچە، ئۈچ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قانۇنىي جەھەتتىن قىياس قىلىنىدۇ. ئىمپورت قىلغۇچىلار بۇنىڭ ئەكسىنى بەلگىلەنگەن ئىسپات ئۆلچىمى بويىچە كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مۇلىنار John Moolinar 28-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، BGI شىركىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA مەلۇمات توپلاش پائالىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا كلىنىكىلىق سىناقلارنى داۋاملاشتۇرماسلىققا چاقىرغان.
بۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا گېنېتىك نازارەتكە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى تۇنجى چەكلىمىسى ئەمەس. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2020-يىلىدىلا BGI گۇرۇپپىسىغا باغلىنىشلىق ئىككى شىركەتنى، بۇ رايوندىكى گېنېتىك ئانالىز ئارقىلىق نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرىگە ھەمكارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئېكسپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. 2023-يىلىمۇ بۇ ساھەدىكى باشقا شىركەتلەرگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇلغان.
بىراق بۇ قېتىم گېنېتىكا ۋە DNA ئانالىز تېخنولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۈچ شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە ئىمپورت چەكلىمە تىزىملىكىگە قوشۇلغان. بۇ، ئىلگىرىكى ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشنى چەكلەيدىغان تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 29-ئۆكتەبىردە بۇ قارارغا قارشى چىقىپ، ئامېرىكىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن. BGI ۋە MGI Tech شىركەتلىرىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى قارارى بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە چەكلىمە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ سانى 190 غا يەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيە دۆلەت رەئىسىگە خىتاي زىيارىتى توغرۇلۇق چاقىرىق قىلدى
گېرمانىيە فېدېراتسىيە دۆلەت رەئىسى فرانك-ۋالتېر شتاينمايېر 27-ئۆكتەبىر كۈنى بەش كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتى بىلەن خىتايغا يېتىپ كەلگەن بىر پەيتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 23-ئۆكتەبىردىكى ئېلانىغا قارىغاندا، شتاينمايېر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن 27-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە خىتايدا دۆلەت زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان خىتايغا قىلغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
قۇرۇلتاينىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان خەلقئارالىق باستۇرۇش ۋە خىتاينىڭ يېقىندا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ئاساسلىق ئەندىشىلەر قاتارىدا كۆرسىتىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىشەنچنى مۇستەھكەملەش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ئىككى تەرەپ دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق قىيىنچىلىقلارنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقلىرى مەسىلىسىنى چەتكە قېقىپ قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. قۇرۇلتاي رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 63-نۆۋەتلىك يىغىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ مەدەنىيەت ھەمدە دىنىي ئەركىنلىكلىرىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، شتاينمايېرنى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا گېرمانىيەنىڭ شۇ مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۈمىت خەمىت كورىيەدە ئېچىلغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشتى
ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ئۈمىت خەمىت 26-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۇبىي كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا، كورىيە پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارالىق ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر يىغىننى شىمالىي كورېيە كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى (NKHRC)، كورېيە بىرلىكى ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى (Hanbyun)، شىمالىي كورېيە كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلار كېڭىشى (NCNKHR) ۋە ئەركىن ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SFA) بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۈمىت خەمىت يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىگە قاراتقان چەكلىمىلىرى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىشى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، پارچىلانغان ئائىلىلەرنى جەم قىلىش ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قانۇنىي يوللار بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يىغىنغا كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سابىق ھۆكۈمەت خادىملىرى، ژۇرنالىستلار، شىمالىي كورېيەنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى قوللايدىغان تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان. تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگايمۇ بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان.
زۇبەيرە شەمشىدىن: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇش دۇنياغىمۇ بەدەل تۆلىتىدۇ
ئۆتكەن ھەپتە «خىتاي ئارخىپى» (ChinaFile) ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ھەمكارلىق تورىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇشنىڭ بەدىلىنى يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭمۇ تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
پائالىيەتچى زۇبەيرە شەمشىدىن ۋە تەتقىقاتچى پېتېر ئىرۋىن بىرلىكتە يازغان بۇ ماقالىدە، 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەتنى تارتقانلىقى، بىراق يېقىنقى يىللاردا بۇ دىققەتنىڭ سۇسلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ماقالىدە خىتاي كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 پىرسەنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى كۈنتاختا ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق خام ماددىنىڭ تەخمىنەن 25 پىرسەنتىنىڭ بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئاپتورلار بۇ سانائەتلەرنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىكى يېڭى قۇرۇلۇشلارنىڭمۇ مۇھىت ۋە يادرو خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتورلار بۇ بايانلاردىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننى بىر قۇربانلىق رايون دەپ تەرىپلەپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇھىت، سالامەتلىك ۋە ئەمگەك ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەنپەئەتلىرىگە پىدا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ تېخىمۇ راھەت ھالدا پايدىلىنىپ، كىلىمات بۇزغۇنچىلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيان-زەخمەتنىڭ پات ئارىدا چېگرا ئاتلايدىغانلىقى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇشنىڭ دۇنيانىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى ۋە يادرو خەۋپسىزلىكى مەسىلىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە ئېغىر بەدەل تۆلىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
زۇمرەتئاي ئەركىن كىبەكلەر ئىتتىپاقىغا ۋەكالىتەن كانادا فېدېراتسىيەسى ئاۋام پالاتا سايلىمىغا قاتنىشىدۇ
كانادانىڭ كىبەك ئۆلكىسىدە چىقىدىغان فرانسۇزچە ”مەتبۇئات“ «La Presse» گېزىتىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن كىبەكلەر ئىتتىپاقىغا (Bloc Québécois) ۋەكالەتەن مونترېئال شەھىرىنىڭ لورىئېر—سانت-مارى (Laurier—Sainte-Marie) سايلام رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كانادا فېدېراتسىيەسى دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاسىنىڭ تولۇقلىما سايلىمىغا قاتنىشىدۇ.
كىبەكلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئىۋ-فرانسوۋا بلانشې (Yves-François Blanchet) يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىكى ئاخبارات يىغىنىدا بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ: «شۇنداق بىر كاندىداتنى جەلپ قىلالىغىنىمىزدىن پۇتۇن كىبەكلەر ئىتتىپاقى ئەزالىرى ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز» دېدى.
ئاخبارات يىغىنىدا زۇمرەتئاي مۇنداق دېدى: «مەن ئىلگىرى پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئىرادىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدىم، ئەمدى بولسا كىبەك خەلقى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كۈرەش قىلىشنى خالايمەن.» ئۇ يەنە كىبەكنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
زۇمرەتئاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مىللەت سۈپىتىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىر كىشىنىڭ ئۆخشاپ كېتىدىغان ئەھۋالدىكى كىبەكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش پۇرسىتى ئۇنىڭغا ئىشەنچ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغان.
زۇمرەتئاي ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 10 يېشىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم يەر شارىۋىي تەشەببۇس بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بېسىم، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاپ كەلگەن.
بۇ قېتىم سايلامدا زۇمرەتئاي كانادانىڭ سابىق مۇھىت ۋە كېلېمات ئۆزگىرىش مىنىستېرى ستىۋېن جىلبو (Steven Guilbeault) بۇ يىل ئاۋغۇستتا ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن بوش قالغان ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق ئورنىنى تالىشىدۇ.
جەۋھەر ئىلھام: دادام ئىلھام توختىنىڭ ھايات ۋە سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن
2026-يىل 25-ئۆكتەبىر، خىتاي تۈرمىسىدىكى پروفېسسور ئىلھام توختى 57ياشقا كىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ دادىسىغا يازغان تۇغۇلغان كۈن خېتىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزىۋېتىلگەن بۇ سىياسىي مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
جەۋھەر خېتىدە، ئۆزىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان دادىسى بىلەن بىللە تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەشكە بولغان قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا كىتاب ۋە بىلىمگە بولغان مۇھەببىتىنى ئېنىق ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ خېتىدە مۇنداق يازدى: ”بۈگۈن مەن پەقەت سىزگە تۇغۇلغان كۈن تەبرىكىنى يەتكۈزۈشنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ سىزنى ئەستە ساقلىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. ئادالەتسىزلىك بىلەن قامالغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋاتقان، سۆيىدىغان، سېغىنىدىغان ۋە كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلايدىغان بىر ئائىلە بار.“
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەشكىلات ئىلھام توختىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.
جەۋھەر ئىلھام كۆپ يىللاردىن بۇيان دادىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. ئۇ خېتىدە، دادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ،دادىسىغا ئارتىلغان ئاتالمىش ”دۆلەتنى پارچىلاش“ جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشنىڭ ئۇنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئېتىقاد ۋە پىرىنسىپلارنىمۇ يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جەۋھەر خېتىدە دادىسىغا مۇنداق خىتاپ قىلدى: ”دادا، بىزنىڭ قاچان قايتىدىن بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى تەبرىكلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن. ئەمما بۇ كۈننىڭ كېلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن ۋە كۈرەش قىلىمەن.“
جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، دادىسىنىڭ ھايات ۋە سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابى فرانسىيەدە نەشردىن چىقتى
چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، جەمئىيەتشۇناس، دوكتۇر دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى: بىر خىتاي مۇستەملىكە تۈرىنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى» ناملىق كىتابى 15-ئۆكتەبىر فرانسىيەنىڭ ”بايقاش“ «La Découverte» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى تارىخىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈپكى مەنبەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كىتابنىڭ نەشرىيات چۈشەندۈرىشىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپتور كىتابتا خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، نازارەت-كونتروللۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى سىستېمىلىق ۋەيران قىلىش ھەرىكەتلىرى 2016-ۋە 2017-يىللىرىدا توساتتىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسىلەر ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىچىل ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كىتابتىكى بايانلار 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشىدىن باشلىنىپ، ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت مابەينىدە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن سىياسىي، نۇپۇس، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتلاملىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنغان.
كىتابتا ئاكادېمىك تەتقىقاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى، تارىخىي ئارخىپلار ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا، نۆۋەتتىكى زۇلۇملار ئۇزۇن بىر تارىخىي ئېقىم ئىچىگە قويۇپ كۆزىتىلگەن، ھەمدە يىغىۋېلىش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، تۇغۇتنى تىزگىنلەش، تىلنى يوقىتىش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.
دىلنۇر رەيھان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بۇ كىتابنىڭ ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى: ”ئۇيغۇرلارنىڭ (خىتايدىكى) بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەمەس بەلكى مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق ئىكەنلىكىنى سىياسەتچىلەرگىلا ئەمەس ئاۋام خەلققىمۇ بىلدۈرەلىسەك ۋە بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرالىساق، بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى چوڭ بۇرۇلۇش بولىدۇ. مۇشۇنىڭدىن تارتىپ غەلىبىگە قاراپ ماڭغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.“
دىلنۇر رەيھاننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەيت قىلىشىچە، 20-ئۆكتەبىر، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە، كىتابتىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر تەھلىللەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئىگىلىنىشىچە، 19-نويابىر دىلنۇر رەيھان پراگادىكى فرانسىيە ئىجتىمائىي ۋە ئىنسانىي پەنلەر تەتقىقات مەركىزىدە بۇ كىتابنى ئىنگلىز تىلىدا تونۇشتۇرىدىكەن.
