1-نويابىر تۈركىيەنىڭ ترابزون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 10-ئايلانما مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ”ترابزونسىپور“ كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى تاماشىبىنلار سۇپىسىدا غايەت زور شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن ۋە پەلەستىن بايرىقىنى ئېچىپ، بۇ ئىككى رايون خەلقىگە بولغان قوللىشىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى ترابزون كوماندىسى ئۆز مەيدانى بولغان ئاقيازى تەنتەربىيە مەيدانىدا غازىئانتەپ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن. تۈركىيەدىكى «ئەن سون خەۋەر»، «خەۋەر 7» ۋە ”تۈركىيە ۋاقتى“ قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەستانىلەر بايراقلارنى ئېچىش بىلەن بىرگە، «زۇلۇمغا قارشى بىر يۈرەك»، «بالىلار ئۆلۈۋاتقاندا سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ» ۋە «دەريادىن دېڭىزغىچە ئەركىن پەلەستىن» دېگەن لوزۇنكىلارنىمۇ ئاسقان.
”ئەن سون خەۋەر“نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەستانىلەر بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى زۇلۇم، بېسىم ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن. نەق مەيدان سۈرەتلىرىدە، كۆك رەڭلىك ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن پەلەستىن بايرىقى تاماشىبىنلار سۇپىسىدا يانمۇيان نامايان بولغان.
