خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ (HRW) خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول 11-نويابىر كۈنى تەشكىلاتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى 14 يېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 23 يېشىدا تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى راھىلە ئۆمەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىتايدىن جاۋاب تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.
”14يېشىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى خەۋەر“ ناملىق ماقالىدە، رادىيومىزنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، راھىلە ئۆمەرنىڭ 2021-يىلى 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
ماقالىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تېخى مۇستەقىل دەلىللىيەلمىگەنلىكى، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە قالغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە جىددىي ئەندىشە قوزغىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
يالقۇن ئۇلۇغيول ماقالىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايوننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ 16 يىللىق، تاغىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىر ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يالقۇن ئۇلۇغيول ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ”قەشقەر ۋاقتى“ Kashgar Times ۋە ”ئۇيغۇر پوچتىسى“ Uyghur Post خەۋەرنى چىققان ھامان ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا چاقىردى. تورلاردا يەنە كۆپلىگەن مەرسىيە ۋە تەزىيەلەر ئېلان قىلىندى.
راھىلە ئۆمەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى لاگېر ۋە تۈرمىدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
