راھىلە داۋۇت گېرمانىيەدە «جاسارەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

ئەركىنلىك فوندى بۇ مۇكاپات ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدىكى جاسارىتىنى تەقدىرلەش، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىككە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيەدىكى ئاخبارات ۋە نەشرىيات گۇرۇھى بولغان ئاكسېل سپرىنگېر(Axel Springer) نىڭ 9-نويابىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەزكۇر گۇرۇھ قارمىقىدىكى ئەركىنلىك فوندى شۇ كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئاياللار ئالىي يىغىنى»دا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پروففېسسور راھىلە داۋۇتقا «جاسارەت مۇكاپاتى» بەرگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە راھىلەنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

ئەركىنلىك فوندى بۇ مۇكاپات ئارقىلىق راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدىكى جاسارىتىنى تەقدىرلەش، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىككە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى شەرقىي گېرمانىيە دىكتاتۇر تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىشلىرى كومىسسارى ئېۋېلىن زۇپكې مۇكاپاتلاش نۇتقىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارىشىنى تەنقىد قىلغان ھەمدە راھىلە داۋۇتنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قامالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

راھىلە داۋۇت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر فولكلورى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، مازارلار، تاۋاپ ئەنئەنىسى ۋە خەلق مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغان ھەمدە بۇ ساھەدە كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنى يېتىشتۈرگەن.

ئۇ 2017-يىلى دېكابىردا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان. 2023-يىلى سىنتەبىردە، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان، ئامما ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە قامىلىۋاتقانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق يىغىننى شەرقىي گېرمانىيە دىكتاتۇر تۈزۈمى زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئىشلىرى كومىسسارى، ئاكسېل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يىغىن 2026-يىللىق «بېرلىن ئەركىنلىك ھەپتىلىكى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاياللار ھوقۇقى، دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.