كانادادىكى ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئېدمونتون شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەردىكى ئېدمونتون ئېگىز كۆۋرۈكىنىڭ رەڭگىنىڭ 24 سائەت شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ رەڭگىدە بولۇشى، يەنى كۆك چىراغلارنىڭ ياندۇرۇلۇشىنى قارار قىلدى.
مەزكۇر كۆۋرۈك شەھەرنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىدىن بولۇپ، ئادەتتە كاتتا پائالىيەتلەر بۇ كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆۋرۈك رەڭگى، يەنى كۆۋرۈكنىڭ چىراغلىرى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىلىدۇ.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەنە شۇ كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈلدى.
يىللاردىن بېرى كانادادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى مۇكەررەم قۇربان خانىم رادىئومىزغا مۇنداق دەيدۇ:
”بىز دەۋايىمىزنى، كىملىكىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ئوخشىمىغان يېڭى ئۇسۇللاردا ئاڭلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ تۇرىمىز. بىز ياشاۋاتقان شەھىرىمىزدە مۇشۇنداق بىر پروگراممىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كەڭرەك بىر جامائەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مەزكۇر كۆۋرۈكتە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق“.
مۇكەررەمنىڭ دېيىشىچە، كۆۋرۈكنى شەرقىي تۈركىستان رەڭگىدە كۆرسىتىش ئىلتىماسىنى ھۆكۈمەتكە ئىككى ئاي بۇرۇن سۇنغان؛ شۇنداقلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى ۋە كىشىلەرگە ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە ئۇنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ھەققانىي بىر تەلەپ دەپ قارىغان ۋە ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان.
