«مەدەنىيەت ئىگىدارچىلىقى» ھوقۇقىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى يۈزى
2025.03.12

خىتاينىڭ «شىنخۇا» ئاگېنتلىقى 4-مارت خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان 41 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەرگە قارىغاندا، قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە قاشتېشى، ساپال بۇيۇملار، فارفور، مىس، بىناكارلىق ئەشيالىرى، ياغاچ ئويمىلار، تاش ئويمىلار ۋە مىس ھەيكەل قاتارلىقلار بار ئىكەن.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئامېرىكا ئېلىپ كەتكەن خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 20 قېتىمغا بۆلۈپ قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئۆزئارا كېلىشىم ئىمزالىغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ قېتىملىق كېلىشىمدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھازىرغا قەدەر 4 قېتىم مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە ھەمكارلىشىپ تەخمىنەن 594 پارچىغا يېقىن بۇيۇملار قايتۇرۇلغان ئىكەن.
قايتۇرۇلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىچىدە، يىل دەۋرى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن مەنچىڭ سۇلالىسى (1644-1911) دەۋرىگە بولغان جەريانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر قىسىم ساپال بۇيۇملار، قاشتېشى، مىس بۇيۇملار، بۇددا ھەيكىلى ۋە تىبەت سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىق نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بۇيۇملار بار ئىكەن.
خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 7-مارتتىكى مەزكۇر ۋەقەگە دائىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو ۋېنلى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش - ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغداش دېمەكتۇر» دېگەن.
خوش، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە مىللىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىشتىن سۆز ئېچىۋاتقان بۇ ئەرباب، ئەجەبا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىمۇ ئوخشاش پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىۋاتامدۇ-يوق؟!
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن بايقالغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بولسۇن ياكى تارىختىن بۇيان شۇ زېمىندا يارىتىلغان قەدىمىي قۇرۇلۇش، مەسچىت ۋە مازار-خانىقالارغا ئوخشاش مەدەنىيەت مىراسلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا بۇزۇپ-چېچىش، يوقىتىش ياكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ئېغىزىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدە تەشۋىقات يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆز تېرىتورىيەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2022-يىلدىكى تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتايدىن ئېلىپ كېتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 1مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى 47 دۆلەتتىكى 200 گە يېقىن مۇزېيدا ساقلانماقتا ئىكەن. ئۇندىن باشقا شەخسلەرنىڭ قولىدىمۇ يەنە سانى ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن مەدەنىيەت بايلىقلىرى ساقلانماقتا. بۇ بۇيۇملارنىڭ چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىشى، 1840-يىلدىن 1945-يىلغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا يۈز بەرگەن ئىكەن. خىتاي مەنبەلىرىدە 1840-يىللاردىكى ئەپيۇن ئۇرۇشى، خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەرھلەنگەن بولۇپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ فېئودال خانىدانلىقىدىن يېرىم فېئوداللىق، يېرىم مۇستەملىكە دەۋرىگە كىرگەن بۆلۈنۈش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل كۆزقاراشقا ئاساسەن، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى خىتايدىن بۇلاپ كېتىلگەن ياكى ئوغرىلاپ ئېلىپ كېتىلگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى مۇستەملىكىچىلىك، جاھانگىرلىك ۋە ئىمپېرىيالىزمىنىڭ ئاجىز ئەللەرگە قىلغان مەدەنىيەت تاجاۋۇزىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. خىتاي تەتقىقاتچى چېن رۈيدا ئۆزىنىڭ «ئۆتمۈشنى ئەسلەش: مۇستەملىكە دەۋرىدە يوقالغان خىتاي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي دۆلىتىنىڭ يوقالغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ يوقىلىش سەۋەبلىرىنى مۇنداق 3 تۈرگە يىغىنچاقلايدۇ: بىرىنچىسى، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى؛ ئىككىنچىسى، چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى؛ ئۈچىنچىسى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىش. چېن رۈيدا ماقالىسىدە يوقالغان خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىچىدە نۇقتىلىق ھالدا غەربىي-شىمال رايونىغا جايلاشقان يىپەك يولىدىكى ھىندى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سەنئەت ئەسەرلىرىنى چەت ئەللەردىن قايتۇرۇپ ئەكېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. 2023-يىل 28-ئاۋغۇست خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىنىڭ ئۆز دەۋرىدە خىتايدىن ئېلىپ كەتكەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
دەرۋەقە، بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە خىتايغا تەۋە بۇيۇملاردىن باشقا يەنە تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جايلاردىن، شۇنداقلا تىبەت ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن نۇرغۇن مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ساقلانماقتا. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ئەنگلىيەدىن باشقا يەنە گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا.
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى ھېسابلانغان مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن زېمىنلاردىن قېزىۋېلىنغان، كېيىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش توغرا كەلسە، بۇلارنىڭ ئەڭ ھەقدار ئىگىلىرى ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق، ئەلۋەتتە. چۈنكى تارىختىكى ئاشۇ شانلىق مەدەنىيەت بىنا قىلىنغان ۋە گۈللەپ-ياشنىغان دەۋرلەردە، خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ بۇ رايونلاردا ھېچقانداق سىياسىي ياكى مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بولمىغان. شۇڭا چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ھەقدارلىق ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولۇشى كېرەك.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش بېرىلگەن نۇسخىسى 2025-يىل1-مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ جىچېڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن سۆزىدە، «شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا، تارىختا شىنجاڭنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ كەلگەنلىكى ھەمدە كۆپ مەنبەلىك دىن ۋە مەدەنىيەت پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىش كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۈسەن، نىيە ۋە بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكلىرىغا ئالاھىدە دىققىتىنى بېرىپ، بۇ جايلاردىن تېپىلغان ئاسارئەتىقىلەر ياكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىغا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تامغىسىنى بېسىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشتە، كۆپ تەرەپلىمىلىك مېخانىزملاردىن پايدىلىنىپ خەلقئارا كېلىشىملەر ئارقىلىق، بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى بازارغا سالماقتا. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1954-يىلى ئېلان قىلىنغان «گاگا ئەھدىنامىسى» (Hague Convention)، 1970-يىلى ئېلان قىلىنغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇنېسكو ئەھدىنامىسى» (UNESCO) ۋە 1995-يىلى ئېلان قىلىنغان «يۇنىدروئىت ئەھدىنامىسى» (UNIDROIT) قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى خەلقئارا كېلىشىملەر بىلەن قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 2020-يىلى مارتتا خىتاي دۆلىتى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە 23 دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىشى بولسۇن ياكى ئۇلارنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ خالىغانچە شەرھلەش قىلمىشى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ھەرىكەتتۇر. بۇ ھەقتە كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتورى ماگنۇس فىسكەسيۆ «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھەت ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇنى پەقەت مۇزېيلاردىلا كۆرگەزمە قىلىش قىلمىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى بىر تەشۋىقات قورالى، خالاس، دەپ كۆرسەتكەن.
قىسقىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياكى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ۋە ئۇنى دۇنياغا تەقدىم قىلغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك. بۇ خەلقئارا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەھدىنامىلىرىدىمۇ شۇنداق بەلگىلەنگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا مۇزېيلىرىدا ياكى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىنستىتۇتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئەڭ ھوقۇقلۇق ھەقدار ئىگىلىرى ئۇيغۇر خەلقىدۇر. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۆزلىرىنىڭ تارىختىكى بۇ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە چىققۇدەك بىر ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى بۇ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى تاكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى قۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىگە چىققۇدەك بىر ئىمكان يارىتىلغۇچە، خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا مۇزېيلىرىدا ساقلىنىشى ۋە كۆرگەزمە قىلىنىشى ئەڭ بىخەتەر يولدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتسە، شەك-شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئىز-تىزسىز يوق قىلىنىدۇ ياكى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ يېپىنچىسى كىيدۈرۈلۈپ شەرھلىنىدۇ. بۇنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغا باغلىق بارلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىلىش ئويۇنلىرى ئىسپاتلىماقتا.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]