ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 2005- يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى

0:00 / 0:00

رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش جەھەتتە بىر قاتار ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغانلىقىنى يەكۈنلەپ ئۇلارغا رەخمەت ئېيتتى ۋە بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.