لى پىڭ دىڭ شاۋپىڭنىڭ تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى بېشارەت قىلدى

خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى دىڭ شاۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، دىڭ شاۋپىڭنىڭ تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، خىتاينىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن رەھبىرى دىڭ شاۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇنىڭ ھارپىسىدا 1988 - يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە خىتاينىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن لى پىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئورگان مەتبۇئاتى بولغان "ئەمەلىيەت" ژۇرنىلىدا " يولداش دىڭ شاۋپىڭنى خاتىرىلەش" تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى. لى پىڭ ماقالىسىدە، ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە چىقارغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى باستۇرۇش، سەنشا توسمىسى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ۋە گۇاڭدۇڭ داياۋەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ھازىرغىچە تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردە دىڭ شاۋپىڭنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە مەسلىھەتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.

4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى كەمدىن كەم تىلغا ئالىدىغان لى پىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "1989 - يىلى ئەتىيازدىن يازغا ئۆتىدىغان مەزگىلدە، خىتايدا بىر مەيدان قاتتىق سىياسى داۋالغۇش يۈز بەردى. يولداش دىڭ شاۋپىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابچى ۋە سىياسەتچىگە خاس غەيرىتى بىلەن، باشقا پېشقەدەم يولداشلار بىلەن بىرلىكتە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇ قېتىمقى سىياسى بوراننى باستۇردى. دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى ھازىرلاپ بەردى"

رويتىرس ئاگېنتلىقى بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، لى پىڭنىڭ يۇقىرىقى ئىپادىسىنى، "تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەستەن دىڭ شاۋپىڭغا ئىتتىرىپ قويغانلىق "، -دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتچىسى ۋە "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى"نىڭ مەسئۇل خادىمى چىن كۈيدﯤ ئەپەندىمۇ لى پىڭنىڭ تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى دىڭ شاۋپىڭغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى، بىراق 4 - ئىيۇن قىرغىنچىلىقىدىكى مەسئولىيىتىدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

- لى پىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىگەن دىڭ شاۋپىڭنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇش بۇيرۇقىنى بەرگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق يېڭىلىق ئەمەس، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەت. بىراق، لى پىڭ ماقالىسىدە بۇنى ئالايىتەن تەكىتلەپ، ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولدى. 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە كەلگەندە لى پىڭ ئۆزىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا دىڭ شاۋپىڭغا ئۇچۇرلارنى كۆپتۈرۈپ يەتكۈزگەنمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تېلېۋىزوردا ھەيۋە قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەنمۇ شۇ لى پىڭ. شۇڭا، ئۇنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىكى ئوبرازى شەكىللىنىپ بولدى. ئەگەر لى پىڭ ھەقىقەتەن پەقەت بۇيرۇقنى ئامالسىز ئىجرا قىلغۇچىلا بولغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۇنچە ئاكتىپلىق قىلمىغان بولاتتى. لى پىڭ دىڭ شاۋپىڭنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى باستۇرۇش قارارىنى چىقىرىش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەن، شۇنداقلا ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلغان، شۇڭا، ئۇ دىڭ شاۋپىڭغا ئوخشاشلا بىر جىنايەتچى. ئۇ، بۇ جىنايەتلىرىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىدىن باشقا، لى پىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە باشلانغان سەنشيا قۇرۇلۇشىمۇ نۆۋەتتە كىشىلەر تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. لېكىن لى پىڭ ماقالىسىدە، "ھەممىگە مەلۇمكى دىڭ شاۋپىڭ سەنشىيا توسمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق قارار چىقارغۇچى"دەپ بىلدۈرگەن. لى پىڭ ماقالىسىدە يەنە، 1986 - يىلى رۇسىيىنىڭ چېرنوبىل يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، گۋاڭدۇڭدا داياۋەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇش ئىشلىرى خوڭكوڭلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، غۇلغۇلا بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان:"دەل مۇشۇ جىددىي پەيتتە، يولداش دىڭ شاۋپىڭ ئېنىق كۆرسەتمە چىقىرىپ، مەركەزنىڭ داياۋەن يادروئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭ بىلەن داياۋەن ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قۇرۇش ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتى".

چىن كۈيدﯤ ئەپەندى لى پىڭنىڭ، ماقالىسىدە ئالايىتەن 4 - ئىيۇن ۋەقەسى، سەنشىيا قۇرۇلۇشى ۋە داياۋەن يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن ئىبارەت ئۈچ مەسىلىنى تەكىتلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- كىشىلەر بارغانسېرى شۇنى ھېس قىلىۋاتىدۇكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تارىختا بۇ ئۈچ مەسىلىگە بەرگەن باھاسى چوقۇم ئاغدۇرىلىدۇ. لى پىڭنىڭ ئەلۋەتتە بۇ ئۈچ مەسىلىگە بېرىلگەن باھانىڭ ئۇزاق ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگۈچىلىكى بار. شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى دىڭ شاۋپىڭغا ئىتتىرىپ قويماقچى بولغان. بۇ يەنە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھازىرقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئارىسىدىمۇ يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە بارغانسېرى گۇمان بىلەن قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. يەنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ ئۈچ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى رەت قىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لى پىڭ تۆتىنچى ئىيۇن ۋەقەسىدىكى ئەسلىمىلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئوينىغان رولىنى ئاقلىماقچى بولغان. بىراق خىتاي كومپارتىيىسى بۇ كىتابنى سىياسى جەھەتتىن تولىمۇ سەزگۈر دەپ قاراپ، نەشر قىلىشنى رەت قىلغان. (ئارزۇ)