1989 - يىلى 4 - ئىيۇندىن كېيىنكى خىتاي (1)

يېقىندا "كۆزىتىش" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "رۇسىيىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان 12 خىل ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ مەركىزى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1991 - يىلى كوممۇنىزم گۇمران بولغاندىن كېيىن، رۇسىيىدە 1992 - يىلىدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيىدە 12 خىل چوڭ دېموكراتىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.

خىتايچە سوتسىيالىزىم

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1989 - يىلى 4 - ئىيۇندا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن دېموكراتىك ھەرىكەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە، گەرچە بۇ دۆلەتتە كوممۇنىزم ۋە سوتسىيالىزىم تۈزۈمىنىڭ ئاساسى بولغان كوللېكتىۋىزىم ئاللىقاچان يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت يەنىلا دۆلەت تۈزۈمىنى "خىتايچە سوتسىيالىزىم" دەپ جاكارلاپ، "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەن سىياسەتنى قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھازىر "3 كە ۋەكىللىك قىلىش" دېگەن نەزىرىيە ئاستىدا خەلقنىڭ پىكىر قىلىش، سۆزلەش ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان، دۆلەتنى ساقچىلار ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەبىت دۆلەتكە ئايلاندى.

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەت 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە، كوللېكتىۋىزىم، سوتسىيالىزىم تۈزۈملىرى ئاللىقاچان گۇمران بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنىلا خىتاينى "سوتسىيالىزىم" دەپ جاكارلاۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە "قوي بېشى ئېسىپ قويۇپ ئىت گۆشى ساتىدىغان" ساقتىپەزلىك ئىكەنلىكى ھەممە ئادەمگە ئايان.

خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى پرولېتارىيات ئەمەس بەلكى كاپتالىستلار

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىمۇ ئاللىقاچان ئەزالىرى پرولېتارلار ئەمەس، بەلكى كاپىتالىستلاردىن بولىۋاتقان پارتىيىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ مۇستەبىتلىكى - بىرلا پارتىيە دىكتاتورىسى ھېچبىر ئۆزگەرگىنى يوق. مەلۇم زومىگەر شەخسىيلەر ئۆزى بەلگىلىۋالغان "داھى" لار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن "مۇقىملىق ھەمدىن ئەلا" دېگەن سىياسەتنى قوللىنىپ، خىتايدا خەلقنى ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن "تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، يىغىلىش، نامايىش قىلىش، قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقى" دىن مەھرۇم قالدۇردى. خەلقنى بېسىم ئاستىدا قالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى جەمئىيەتتىكى بايلىقلارنى خالىغانچە خىيانەت قىلىپ تەقسىمىلىۋېلىشتى. "مۇتلەق ھوقۇقتىن مۇتلەق چىرىكلىك كېلىپ چىقىدۇ". ئەگەر بىر پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكى ئاستىدىكى تەقسىمات تۈزۈمى ئۆزگەرتىلمىسە، ئۇنىڭغا نازارەت قىلىش بولمىسا، چىرىكلىكنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. چىرىك ئەمەلدارلار مۇستەبىت تۈزۈم ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر خىتايدا پاش قىلىنغان چىرىكلىك دېلولىرى ئاران 1٪ نى تەشكىل قىلىدۇ. تېخى پاش قىلىنمىغانلار يەنىلا ھوقۇق بېشىدا تۇرىۋاتقان چىرىك ئەمەلدارلار، گەرچە خەلق ئۇلارغا ھەر قانچە غەزەپلەنسىمۇ، ئۇلار بەرىبىر تېخى مەغلۇپ قىلىنمىغاچقا، "مۇقىملىق" دېگەن شۇئار ئارقىلىق ھوقۇقسىز خەلقنى باستۇرىۋاتىدۇ.

تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىكى قانلىق باستۇرۇش

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەت 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنى "چوڭ سىياسى خاتالىق سادىر قىلدى" دېسە، خىتاي ھۆكۈمىتى "بىز دۆلەتنى يەنە بىر قېتىم قۇتقۇزىۋالدۇق" دەپ جاكارلىغانلىقىمۇ ھەممە كىشىنىڭ ئىسىدە بار. ئەسلىدىلا جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقنى بۇزۇپ، زوراۋانلىق ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا خوجا بولۇشنى ئۆزىنىڭ شۇئارى قىلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھازىر بىردىنلا "مۇقىلىق ھەممىدىن ئەلا " دەيدىغان بولىۋالغىنى پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىمۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئايان.

ئەڭ پەس مۇددىئا ۋە ھېلە - نەيرەڭلەرنى "ئەقىل -پاراسەت" دەپ قاراش

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايلار يېزىپ چىققان "خىتاي تارىخى"، "دۇنيا تارىخى" ياكى مەشھۇر شەخسىيلەرنىڭ تەرجىمىھالى دېگەن كىتابلارغا قارىسا، ئۇنىڭدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى دېگەن نەرسە بايان قىلىنمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي كىم قاچان تۇغۇلغان، نىمىدە غەلىبە قىلغان، نىمدە مەغلۇپ بولغان، قانداق "ھېلە -نەيرەڭ" قوللانغان دېگەن بايانلا بار.

چەتئەللەردە يېزىلغان تارىخىي كىتابلاردا، مەسىلەن، "كلۇنبۇسنىڭ چوڭ قورۇقلۇقنى بايقىشى" دېگەن كىتابتا، ئۇ كىشىنىڭ دېڭىز يۈزىدىكى تەبىئىي ھادىسىلەر توغرىسىدىكى تەسۋىرلىرى، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرى، ئاراللارنى قانداق بايقىغانلىقىنىڭ تېخنىكىلىق جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولسا، خىتايدا يېزىلغان "جېن چىڭگوڭنىڭ تەيۋەننى بايقىشى" دېگەن كىتاپتا، ئۇ كىشىنىڭ باشتىلا "ۋەتەن ئۈچۈن" دەپ يولغا چىقىپ، بارغانلا جايدا قانداق ياشاپ -يەرلىشىپ، شۇ جايغا ئىگە بولىۋېلىشنىڭ ئاماللىرى ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن قانداق ھېلە - نەيرەڭلەرنى قوللنىش جەريانىلا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. خىتايلار بۇنداق ئەڭ پەس مۇددىئا ۋە ھېلە - نەيرەڭلەرنى "ئەقىل -پاراسەت" دەپ قارايدۇ. ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلققە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان ئەڭ ئەشەدىئىي باندىت -قاراقچىلار قوللانغان ھەربىي تاكتىكىلار، يەنى پۇرسەتپەرەستلىك، قۇۋلۇق - شۇملۇق ۋە ھېلە نەيرەڭلەر دىن ئىبارەت.

ئەمەلىيەتنى ئاستىن – ئۈستىن قىلىپ چۈشەندۈرۈش

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەتنى 1989 - يىل 4 - ئىيۇن كۈنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، 16 يىل ئىچىدە "مۇقىملىقنى ساقلاش" دېگەن شۇئار ئاستىدا خەلقنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. خەلققە ھەربىي تاكتىكا قوللىنىپ مۇئامىلە قىلدى. خىتايدا ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھەربىي تاكتىكا پەقەت مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈنلا ھەر قانداق نام ۋە ۋاستە قوللىنىشقا بولىدۇ، دەپ قارىلىدىئىغان تاكتىكا. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى خىيانەتچىلىكنى "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دەپ چۈشەندۈرىۋىرىدۇ. خەلققە قىرغىنچىلىق قىلغاننى "دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش " دەپ چۈشەندۈرىۋىرىدۇ. خىتايدا ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، نۇمۇسىنى سېتىش قاتارلىق يامان ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى "قابىلىيەت"، "ئەقىل-پاراسەت" دەپ قارىلىدۇ. خىتاينىڭ تارىخىي كىتابلىرىدىمۇ "يۇرتنى ئىگىلەپ ئۆزى خان بولىۋالىدىغان" ، ئىچكى قىسىمدا "رەھىمسىز كۆرەش باشلاپ، رەقىبىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان" قوراللىق باندىتلار " قەھرىمان" ، "داھى"، " يېتەكچى" دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. خىتايدا "36 تەدبىر" دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي تاكتىكا پۈتۈنلەي ھېلە-مىكىر ئىشلىتىش ۋە ئۆزگىنى ئالداشتىنلا ئىبارەت.

"ئۇقۇملارنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش" تاكتىكىسى

"شىخۇئا ئاگېنتلىقى" ، "خەلق گېزىتى" خۇسۇسىي ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى سۆزلەپ، ئۇنى "سوتسىيالىزىم" دا چىڭ تۇرغانلىق، دەپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قارىتا قوللىنىپ كېلىۋاتقان "ئۇقۇملارنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش" تاكتىكىسى ئىكەنلىكى ئېنىق. "يالغاننى تەكرارلاۋەرسە ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ" دېگەن ئوخشىتىشنى ئەمەلىيەتتە يولغا قويدى. جىنايەت سادىر بولماستىلا ئۇنى ئالدىن- ئالا جىنايەت دەپ ھۆكۈم قىلىپ جازالاشنىڭ ئۆزىمۇ، دەل "36 تەدبىر" دىكى ھېلىلەردىن قوبۇل قىلىنغان. ھەربىي تاكتىكاپەرەستلەر قانۇننى ھەقىقەتنى قوغدايدىغان قورال سۈپىتىدە قوللانمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئاساسىي قانۇننى پەقەت بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەز ئورنىدا كۆرىدۇ. دېڭ شاۋپىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ئۈچۈنلا ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى شۇ قەدەر رەھىمسىزلىك بىلەن قانلىق باستۇرغان ئىدى. جاڭ زېمىنمۇ خەلق قوللىمايدىغانلىقى ئۈچۈنلا "بىز 3 كە ۋەكىللىك قىلىمىز" دەپ ئۆزكتەملىك قىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى كرىزىسقا يۈزلەنگەن ھامان "مۇقىملىق" دەپ خەلققە پوپوزا قىلىدۇ. دېكتاتورا يۈرگۈزۈشكە تايىنىدۇ. ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا سۈيىقەست پىلانلايدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرى ئەمەلىيەتتە كوممۇنىزم دېگەننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئىشەنمىسىمۇ، ئەمما كوممۇنىزم دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. خەلققە "شاۋكاڭ جەمىيىتى" دېگەندەك ئوتۇپىيەنى مەجبۇرىي تاڭىدۇ.

"خىتايدا 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە پەيدا بولغان سىياسىي ئېقىم" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەتنى 1989 - يىل 4 - ئىيۇن كۈنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىنكى 16 يىل ئىچىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتى ماۋزېدوڭنىڭ مازىرىغا تاۋاپ قىلىش، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسنى تىرىلدۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.

گەرچە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتقان دېھقانلار ماۋزېدوڭنى ياقتۇرمىسىمۇ، پىكىر قىلىش، سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغان زىيالىلار ماۋزدوڭنى ياقتۇرمىسىمۇ، ماۋزىدوڭ ئىدىيىسى دېگەن نەرسە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بىلەن مۇتلەق بىللە تۇرالمايدىغان ئىدىيە بولسىمۇ، ئەمما ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى ھوقۇقنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇجىنتاۋ بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، ماۋزېدوڭ مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك "گورباچېۋ" ئەمەس، بەلكى "برى#نىئېۋ" بولۇپ چىقتى. دۆلەتنى ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرىۋالدى. ئۇ ھازىر ‘چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەرئ دېگەن كونا گەپنىمۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

"سوۋېت" يىقىلغاندىن كېيىن رۇسىيىدە يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر

"رۇسىيىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان 12 خىل ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىزم لاگىرىنىڭ مەركىزى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1991 - يىلى كوممۇنىزم گۇمران بولغاندىن كېيىن، رۇسىيىدە 1992 - يىلىدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيىدە 12 خىل چوڭ دېموكراتىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى.

"سوۋېت" دەپ ئاتىلىدىغان، ئەزالىرى يىغىن ئاچقاندا خەلق ۋەكىلى دەپ ئاتىلىپ، يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن ئۆز جايىغا قايتىپ بېرىپ ئەمەلدارلىقىنى قىلىدىغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ، ئەزالىرى يەرلىك ئەمەلدار ئەمەس، بەلكى جايلاردىن بىۋاستە سايلاپ چىقىلىدىغان دۆلەت پارلامېنتى تۈزۈمى تىكلەندى. رۇسىيىدە خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش پۈتۈن خەلق بىۋاستە سايلاپ چىقىلىدىغان پرېزىدېنت تۈزۈمى تىكلەندى. خۇددى ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، بىرازىلىيە، ئارگىنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىگى تۈزۈمى تىكلەندى. قانۇن سېستىمىسى بۇ دۆلەتتە باشقا سېستىمىلارغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل سېستىما بولۇپ تىكلەندى. كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم تىكلەندى. رۇسىيىدە 1992 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئىگىلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان ئىدى. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى )دەخل - تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك( ئاساسەن تىكلىنىپ بولدى. ھازىر خۇسۇسىي ئىگىلىك مىقدارى پۈتۈن خەلق ئىگىلىكنىڭ 80٪ نى ئىگىلەيىغان ھالغا كەلدى. رۇسىيىدە 19 كىشىلىك ئاساسىي قانۇن تىكلەش مەھكىمىسى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇپ ماقۇللاش تۈزۈمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. 1993 - يىلىدىلا پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇپ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇستەقىل ئىش بىجىرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈزۈمى تىكلەندى. ئەمما خىتايدا تېخى بۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولمىدى. (ۋەلى) (داۋامى بار)