ئامېرىكا - ياپونىيە - ھىنىدىستان 3 دوۋلەت بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋېرى توغرىسىدا

0:00 / 0:00
Hkg200.jpg
ياپون، ئامەرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ دەڭىز ئارمىيە مانېۋېرى.(AFP PHOTO/JAPAN POOL via JIJI PRESS JAPAN OUT)

ئامېرىكا - ياپونىيە - ھىنىدىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋەرىغا قاتنىشىدىغان پاراخوتلىرى بۈگۈن، 16 - ئاپرىل، دۈشەنبە كۈنى، ياپونىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن تىنچ ئوكيانغا قاراپ يولغا چىققان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھېچقايسىسى بۇ ھەربىي مەشىقنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.

ئامېرىكا،ياپونىيە، ھىنىدىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دېڭىز قىسىملىرى بۈگۈندىن باشلاپ تىنچ ئوكياندا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن،، 16 - ئاپرىل، دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھۇجۇمچى پاراخوتى، ھىنىدىستاننىڭ ئۈچ ئۇرۇشچى پاراخوتى ۋە ياپونىيىنىڭ تۈرت ھېمايىچى پاراخوتى ياپونىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن تېنچ ئوكيانغا قاراپ يولغا چىققان.

ئامېرىكا - ياپونىيە - ھىنىدىستان - ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت تۆرت دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك ھەربىي بىرلىك تىكلەنمەكتە

خەۋەردە بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ دېڭىز قىسىملىرى تىنچ ئوكياندا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇستەھكەم ھەربىي بىرلىك ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ئۆزلۈكسىز ھالدا جىددىي بولۇپ كېلىۋاتقان ياپونىينىڭ باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا، ياپونىيىنى ئامېرىكا، ھىنىدىستان ۋە ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت 4 دۆلەت بىلەن كۈچلۈك ھەربىي بىرلىك ئورنىتىشقا چاقىرغان. ئەمما شىنزو ئابې بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقتىن خىتاينىڭ گۇمانلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقنى ۋە ئورناتماقچى بولغان تۆرت دۆلەتنىڭ ھەربىي بىرلىكىنى خىتايغا قارىتىلمىغان دەپ جاكارلىغان. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ باش مىئىستىرى مانمۇخان سىنخا ئەپەندىمۇ، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا، ياپونىيىلەر بىلەن يېقىن ۋە ئىشەنچلىك ھەربىي ئالاقە تىكلەشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ۋاشىنگتوننىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي ئىتتىپاقدېشى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 7 ‏- دېڭىز پىلوتىنىڭ 18 پاراخوتى ۋە 50 مىڭ ئەسكىرى ياپونىيە تېرىتورىيىسى ئىچىدە تۇرىدۇ.

ياپونىيە ۋاشىنگتوننىڭ مۇھىم ھەربىي ئىتتىپاقدېشى

ئامېرىكا،ياپونىيە، ھىنىدىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ دېڭىز قىسىملىرى ھازىر تىنچ ئوكياندا ئۇچۇر-ئالاقە، باشقۇرۇش، ماسلىشىش، پاروللارنى ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ۋە 'سۇنامى' دەپ ئاتىلىدىغان دەھشەتلىك دېڭىز چاپقۇنلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرىي كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ياپونىيىنىڭ توكيو قولتۇقىدىكى ئاراللارنى بويلاپ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مەشىقى ئېلىپ بارماقتا. ھازىر ئامېرىكا ۋەياپونىيە دېڭىز قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىنىدىستان يەنە بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، رۇسىيە، ۋېتناملار بىلەنمۇ بىللە ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، دۇنيادا بىتەرەپ سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھىندىستان، ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا، ياپونىيىلەر بىلەن ھەربىي جەھەتتە پەرق ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھەتتا ھىنىدستان 1998 ‏- يىلى يادرو قورال سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ھىنىدىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېراقلاشقان ئىدى.

بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى 2006 ‏- يلىدىن كېيىن تېز تەرەققى قىلماقتا

2003 ‏- يىلىدىن باشلاپ، بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىنىشقا باشلىدى. 2004 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا ئامېرىكىنىڭ 'لوس ئانجىلىس' ناملىق يادرو قۇۋىتى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن ھىندىستاننىڭ 'دېھلى' بەلگىلىق 7 سۇ ئاستى ھۇجۇمچى پاراخوتى بىرلىكتە ئەرەب دېڭىزىدا ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزدى. شۇ يىلى 11 ‏- ئايدا يەنە ھىنىدىستاننىڭ مومبايدا 'دېڭىزدا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش' مەشىقى ئۆتكۈزدى. 2006 ‏- يىلى 2 ‏- ئايدا، ھىندىستان بىلەن ياپونىيە بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھىنىدىستان، ئامېرىكا ۋە ياپونيىلەرنىڭ ھەربىي ئالاقىسى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

ياپونىيىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى 1000 دېڭىز چاقىرىمى دائىرىسىدىن ھالقىپ، مولوككا ئاراللىرىدىن ئۆتۈپ 2000 دېڭىز چاقىرىمى يىراقلىقتىكى ھىندى دېڭىزى، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقلەرگىچە يېتىپ بېرىپ، ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىنىدستاننىڭ ھەربىي بازىلىرى بۇ ئۈچ دۆلەت ئورتاق پايدىلىنىدىغان بازىلارغا ئايلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىنىدىستاندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھازىرقىدەك ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ئىككى خانىلىق سان بۇيىچە كۆپەيتىلگەنلىكى سەۋەبچى بولغان.

ئۈچ دۆلەت دېڭىز قىسىملىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقى بىۋاستە خىتايغا قارىتىلغان، -- دەيدۇ ھىندىستان تەتقىقاتچىسى

‏-‏-‏- مىنىڭ قارىشىمچە، ‏-‏-‏- دەپ بايان قىلىدۇ ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدىكى تىنچلىق ۋە تۇقۇنۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور گوتتا ئەپەندى، ‏-‏-‏- راستىنى ئېيتقاندا، ئۈچ دۆلەت دېڭىز قىسىملىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىقى بىۋاستە خىتايغا قارىتىلغان. بۇ قېتىمقى ھەربىي مەشىق ئارقىلىق ھەتتا ئامېرىكا،ياپونىيە، ھىنىدىستان، ئاۋسترالىيىدىن ئىبارەت تۆرت دۆلەت بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىمۇ كۆزىمىزگە ئېنىق كۈرۈنۈۋاتىدۇ.

ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىنىدىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت دېڭىز قىسىملىرى بىرلىكتە ھەربىي مەشق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇ جاۋشې ئەپەندى ھازىر ھەدەپ باش كۆتۈرۈۋاتقان خىتايغا رېقابەت ئېلان قىلدى.

بۇ ۋاقىتتا تەيۋەنمۇ خىتاي بىلەن رېقابەتلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكىغا كەلگەن تەيۋەن ۋەكىلى بۇرۇنقىدەك گومىنداڭچىلاردىن ئەمەس. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندە، بۇرۇنقىدەك بارماق ئىزى ئالىدىغان قاتتىق رەسمىيەتلەر ئۆتەلمەي، خۇددى ئامېرىكىلىقتەك مۇئامىلە قىلىنغان. 'خىتاي مۇھاجىرلىرى' دەپ ئاتىلىدىغان كىشلەر قارشى ئالغىلى چىقمىغان. ئۇ ئايرۇدرومدا قىلغان سۆزىدە "تەيۋەنگە ۋەكىللىك قىلىمەن، ئەمدى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق خىتاي بىلەن رېقابەتلىشىدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئۆز نامى بىلەن كېرىدۇ" دېگەن. (ۋەلى)