"ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (3)

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ 'ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابى 2005 ‏-يىلى 10 ‏-ئايدا نەشر قىلىندى. خىتايدا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن مۇھىتنى بېشىدىن كۆچۈرگەن كۆپ كىشىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ خاتىرىلەپ، رەتلەپ چىقىلغان بۇ رىيال تارىخي خاتىرە گوللاندىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ ماۋزېدوڭ دەۋرىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن كوممۇنىزم لاگېرىدا ياكى كوممۇنىستلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقان جايلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقلار ھەققىدىكى ئەس -خاتىرىسىنى قوزغىماقتا.

'ئاچ ئەرۋاھلار' نىڭ تەسۋىرى

'ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا، ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندى ئوخشىمىغان جايدا، ئوخشىمىغان كىشىنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىگە ئاساسەن 'ئاچ ئەرۋاھلار' دېگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلەر ئاچارچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بىرىنچى قەدەمدە، قوسىقى ئىچىگە تارتىشىپ، ئورۇقلاپ، تېرىسى نېپىزلەپ، سۆڭەكلىرى چوقچىيىپ قالىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، پۈتۈن بەدىنى ئىششىيدۇ. بۇ ئالامەتلەرنى شۇ دەۋرنى بېشىدىن كۆچۈرگەن كىشىلەر ئەسلىيەلىشى مۇمكىن. شۇ يىللاردا، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بەدىنى ئىششىپ كەتكەن ئادەملەرنى ' كېسەللىك' دەپ چۈشەندۈرۈشكە رۇخسەت قىلمايتتى، گەرچە بۇ پۈتۈنلەي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن بولغان كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلسىمۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، بەدىنى ئىششىغان كىشىلەر نىڭ چىرايى تەدرىجى ھالدا نۇرسىزلىنىدۇ، يەنى چىرايىدىن ئادەم سىياقى كېتىدۇ، كۆز قارىچۇقى چوڭىيىپ-خۇنۈكلىشىپ قالىدۇ، قانسىز - مادارسىزلىنىپ ئىڭرىغىدەك ھالى قالمايدۇ، جان ئۈزگەندىن كېيىن تولغىنىپ قالىدۇ.

خىتايدىكى چوڭ ئاچارچىلىقنى كىم لايىھىلىگەن؟

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندى 'ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىدا، ماۋزېدوڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن بۇ چوڭ ئاچارچىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدىكى ئالەمنى قاپلىغان يالغانچىلىقنىڭ مەقسەتلىرىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشقان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ماۋزېدوڭ خەلق ئىچىدە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. بەلكى ئاچارچىلىقنى تەبئىي ئاپەت، پارتىيە ئىچىدىكى ھوقۇق كۈرىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ خىتاينىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنى ئاقسىتىپ قويغانلىقتىن بولدى، دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتە شۇ يىللاردا خىتايدا ھاۋا رايى نورمال، ھېچقاچان ئالاھىدە بىرخىل تەبئىي ئاپەت بولۇپ مەھسۇلات كاملىغان ئەمەس، بەلكى شۇ يىللاردا خىتايدىن چەتئەللەرگە تېخىمۇ كۆپ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىپ تۇرغان. كىشىلەرنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، شۇ يىللاردا يەرلىك ئەمەلدارلار ماۋزېدوڭنىڭ ' ئۈچ قىزىل بايراق' دېگەن سىياسىتىنى ماختاپ، خوشامەتچىلىك قىلىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى مۇبالىغە قىلىپ مەلۇم قىلغان. ھۆكۈمەت مەلۇم قىلىنغان سانغا ئاساسەن دېھقانلاردىن باج -سېلىقنى ئاشۇرۇپ ئالغان. بۇ جەرياندا قوللانغان ۋاسىتە، باج ئېلىشتا زورلۇق ئىشلىتىش ناھايىتى قەبىھ بولغان. بۇ چوڭ ئاچارچىلىق ئەمەلىيەتتە تەبىئىي ئاپەتتىن ئەمەس، ئادەم ئاپىتىدىن كېلىپ چىققان، تېگى - تەكتىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، بۇ چوڭ ئاچارچىلىقنى ماۋزېدوڭ لايىھىلىگەن. كېيىن بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى ماۋزېدوڭغا 'سەمىمىي - ساداقەتلىك بىلدۈرگەن' يەرلىك كادىرلارغا ئارتىپ قويۇپ، ئۇلارنى جازالىغان. بىر ئافرىقىلىق ئوقۇغۇچى شۇ ۋاقىتتا خىتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر 'يېڭى نەزىرىيە'نى تونۇشتۇرۇپ 'خىتاي مىللىتىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى دۇنيادىكى باشقا ھېچقانداق مىللەتكە ئوخشىمايدىكەن، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، بۇ مىللەتنىڭ ئۆز بەدىنىدە تەڭشىلىپ ، تولۇقلىنىپ كېتىۋېرىدىكەن' دەپ سۆزلىگەن.

دېھقانلار ماۋزېدوڭغا ئىشىنىپ ئۆلگەن

جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ كىتابىدا، خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق چوڭ ئاچارچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قارىتا نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدىغان ئادەم چىقمىدى؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللارغا قارىتا چۈشەنچە بېرىلگەن. بېيكېر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ قېتىمقى ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن كىشىلەر ئاساسەن دېھقانلار. ئادەتتە دېھقانلار كوممۇنىست پارتىيىگە بەك ئىشىنەتتى، ئۇلار رەئىس ماۋزېدوڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن كېلىپ بىزنى قۇتقۇزىدۇ، دەپ ساقلاپ تۇرغان، ئەمما شۇنچە كۆپ ئادەم ئاچارچىلىقتا ئۆلۈم گىردابىغا يەتكەندە، ئۇلاردا قارشىلىق ئەمەس، ھەتتا نالە قىلىشقىمۇ مادار قالمىغان.

ئاچ ئەرۋاھلار كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مەھسۇلاتى

'ئاچ ئەرۋاھلار - ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق' ناملىق كىتابنىڭ ئاخىرقى سۆز دېگەن بابىدا بايان قىلىنىشىچە، جەسپېر بېيكېر ئەپەندى 1998 ‏- يىلى شىمالىي كورىيىگە بارغاندا خىتايدا كۆرگەن ئاچارچىلىق ئاللىقاچان بىر تارىخقا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيىدە ئەمدى باشلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. لېكىن شىمالىي كورىيىمۇ خىتايغا ئوخشاش ئۆزىدە ئاچارچىلىق بولغانلىقىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇمۇ خىتايدەك ھەربىي قىسىملارنىڭ ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇنداق رىيال ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ تۇراتتى. 1932 ‏-33 ‏- يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن ئىدى. 1959 ‏- يىلىدىن 61 ‏- يىللىرىغىچە خىتايدا چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، 1990 ‏-يىللاردا يەنە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان شىمالىي كورىيىدە چوڭ ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئومۇمەن، كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە ھەر 20 نەچچە يىلدا بىر قېتىم چوڭ ئاچارچىلىق بولۇپ كەلمەكتە. 1970 ‏- يىللاردا كامبودژىدىمۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ 3 تىن بىر قىسمى ئۆلۈپ كەتتى، بۇ دۆلەتتىمۇ ئاچارچىلىق بولمىغان دېگىلى بولمايدۇ. كېيىنچە، 'ئافرىقىچە ماركىسىزم' يولغا قويۇلىۋاتقان ئېپوپىيە، سۇدان دېگەن دۆلەتلەردىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن دوس بولغاندىن كېيىن پات -پاتلا ئاچارچىلىق يۈز بېرىدىغان بولۇپ قالدى. ئومۇمەن، كوممۇنىستىك پارتىيە كونترول قىلىۋالغانلىكى جايدا ئاچ ئەرۋاھلار نى پەيدا قىلىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيىلەر بۇنداق ئارخىپلارنى خەلقتىن يۇشۇرماقتا. بەزىلىرىنى ئاللىقاچان يوق قىلىۋەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتىكى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش قىيىن. بۇمۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە. پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزمغا ئۈزۈل -كېسىل خاتىمە بېرىلمىگىچە، چوڭ ئاچارچىلىق ۋە ئۇنى يوشۇرىدىغان چوڭ يالغانچىلىقتىن خالى بولۇش قىيىن. (تۈگىدى) (ۋەلى)