خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەسىرى شەرقىي ئافرىقىغا قاراپ كېڭەيمەكتە

بېيجىڭنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى سۇندان بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقى ئاخىرقى يىللاردا تېز كېڭەيدى. خەلقارا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي ئافرىقا رايۇنىدىكى پائالىيىتى، بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادى مەنپەئەتى ۋە بۇ رايۇندىكى دۆلەتلەر بىلەن ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈمىتىنى نامايەن قىلىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە.نېفىت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق بېيجىڭنىڭ سۇدان بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋېتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمىنى ئىگىللەيدۇ. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى سۇدانغا مەبلەغ سالغان ئاساسلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر شىركەت 1995 -يىلدىن بېرى سۇداندىكى نېفىت مەنبەلىرىنى قىدىرىش ۋە قېزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.

ئامېرىكىنىڭ 1997 - يىلدىكى خارتۇم ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادى ئىمبارگو قويۇش قارارى، خىتاي شىركەتلىرىگە سۇداندىكى سودا پائالىيىتىنى كېڭەيتىش پۇرسىتى ياراتقان . ئامېرىكىنىڭ خارتۇم ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئىقتىسادى ئىمبارگۇسى سۇداندىكى ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرىنى مەزكۇر دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى نامىدىكى نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق خىتاي مەبلىغى سۇدان نېفىت سانائىتىگە ئېقىپ كىرمەكتە . خىتاي شىركەتلىرى ھازىرغىچە سۇداندا بىر قانچە چوڭ نېفىتلىكنى ئاچتى ، نېفىتلىكلەردىن سۇداننىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى دېڭىز پورتىغا تۇتىشىدىغان ئىككى نېفىت تۇرۇبا يولىنى ياسىدى . ئاز كەم 10 يىلنىڭ ئالدىدا نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئەللەر قاتارىدىكى سۇدان، ھازىر نېفىت ئېكسپورتىدىن يىلىغا 2 مىليارت دوللار كىرىم قىلماقتا . بۇنىڭ بەدىلىگە سۇدان ‘ ئۇلۇغ نىل نېفىت شىركىتىئ نىڭ 40 ٪ ھەسسىدارلىق ھوقۇقىنى خىتايغا ئۆتۈنگەن.

بىراق سۇدان بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ سۇدان مەسىلىدە كۈچلىك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى ناپوزىنى ئىشقا سېلىپ ، خارتۇم ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ھازىرلىقلاردىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ، خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىدىن كىرگەن تاشقى پېرىۋۇتقا قورال - ياراق سېتىۋېلىپ، غەربىي سۇداننىڭ دارفۇر رايۇنىدىكى پۇخرالارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. سۇدان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن خارتۇم ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدىكى ئەرەپ قوراللىق كۈچلىرى، دارفۇر رايۇنىدىكى يەرلىك قارا تەنلىكلەرلەردىن نەچچە مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىپلەنگەن.غەربىي سۇداندىكى كرىزىسىنى ئېرقىي تازىلاش ھەركىتى دەپ ئەيىپلىگەن ئامېرىكا، سۇدانغا ئىمبارگو قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بىراق خىتاي ئىمبارگو قويۇشقا قارشى چىققان ئىدى .

ئامېرىكا ۋېكفورىست ئۇنىئەئېرسىتىتىنىڭ سىياسى پەنلەر بويىچە پراففىسورى لى ۋېيجىن، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى چۈشەنچىسى بويىچە باشقىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارلاشىش نىيىتى يوقلىغىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ئۈچۈن دىپلوماتىك سورۇنلاردىكى رەسمىئىيەت خارەكتىرلىك سۆز بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، خىتاي سۇدانغا ئىمبارگو قويۇشنى ماقۇل كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئىچكى ئىشلارغا ئارلاشماسلىق پرىنسىپىنى تەكىتلەيدۇ ، مەسىلىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىنى ئويلىشىدۇ دەپ كۆرسەتتى.

لى ۋېيجىن خىتاينىڭ سۇدان مەسىلىسىگە ئارلىشىشنى خالىماسلىقىدىكى سەۋەپلەرنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ : “ خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر جۈملىدىن شىنجاڭ مەسىلىسى، شىزاڭ ھەتتا تەيۋەن مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا مەسىلىنى سۇداننىڭ ئىچكى ئىشى دەپ تەكىتلىشى مۈمكىن. چۈنكى سۇداننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىش خىتاينىڭ ئۆزىدىكى شىنجاڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى، شىزاڭ ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە بېرىپ چېتىلىدۇ. شۇغا بېيجىڭ سۇداندىكى كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئۆزىدىكى مىللى مەسىلىلەرگە ئۈلگە يارىتىشىنى خالىمايدۇ” .

خىتاينىڭ شەرقىي ئافرىقا بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقى سۇدان ۋە ياكى نېفىت ساھەسى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرى سۇدان، ئېفىئوپىيە، سسومالى ۋە تانزانىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە شەرقىي ئافرىقا ئەللىرىدە تاش يول، تېرىقچىلىق، تۆمۈريول، ئېلىكتىر ئىستانسىسى، سۇ ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغىمۇ مەبلەش سالماقتا. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي - ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسىسى دومىنگوس جاردو مۇكالىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئافرىقا رايۇنىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك ستىراتىگيىسى شەرقىي ئافرىقا ۋە شۇنداقلا ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سىياسى، ئىقتىسادى تەسىرىنى قەدەممۇ - قەدەم كېڭەيتىشتۇر. (ئەركىن)