گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى توختىماي "ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز" دەپ ئىپادە بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن دەپ ئاجراتقان مەبلىغى ئوخشاش بولمىغان ھەم يېتەرلىك بولمىغان. بۇنى ئاز دەپ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى چىرىكلىك تۈپەيلىدىن، ئەيدىز بىمارلىرىغا ئاجرىتىلغان پۇلنى خىيانەت قىلغان ۋە دەل جايىغا ئىشلەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز بىمارلىرى داۋاملىق ھالدا ئەمەلىي ياردەمگە ئېرىشەلمەي، تېخىمۇ چارىسىز ھالەتتە قالغان.
بىمارلار ئەمەلىي ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
ھازىر ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم قىلىمىز دەپ، بېيىپ كېتىۋاتقان ئەيدىز تەشكىلاتلىرى بىر - ئىككىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى جىق. ئۇلارنىڭ خىزمىتى بىمارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەمەس، بەلكى باي بولۇشنىڭ ئامالىنى تېپىشتۇر.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى "خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەيدىز مەسىلىسىدە ئەڭ مۇھىمى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئۇلار ھازىر ئۆزلىرى ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئەيدىز بىمارلىرى يېتەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كەلگۈسىدە تېخىمۇ بەك دەپسەندە قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ بالىلار، ئۇلار كوچا - كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ، ئاخىرىغا بېرىپ يامان يوللارغا مېڭىپ كېتىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.
ئەيدىز مەسىلىسىنىڭ خىتايدا كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بىر تەرەپتىن ئەيدىز مەسىلىسىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەتسىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇپ، ئەيدىز پائالىيەتچىلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق جازالاۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەيدىزنى باھانە قىلىپ، خەلقتىن يىغىلغان پۇل بىلەن ئۆزى بېيىۋاتقان يالغان تەشكىلاتلارنى بىر تەرەپ قىلماي، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەن.
ساختا تەشكىلاتلار كۆپەيمەكتە
ئەينى چاغدا خېنەندىكى ئەيدىز ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا مەلۇم قىلغان داڭلىق خىتاي دوختۇرى گاۋ ياۋجيې يېقىندا، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ خىل ساختا تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.
دوختۇر گاۋ ياۋجيې "خېنەندە ھازىر ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم قىلىمىز دەپ، بېيىپ كېتىۋاتقان ئەيدىز تەشكىلاتلىرى بىر - ئىككىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى جىق. ئۇلارنىڭ خىزمىتى بىمارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەمەس، بەلكى باي بولۇشنىڭ ئامالىنى تېپىشتۇر. يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ پۈتۈن قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. مەنچە بۇ تەشكىلاتلار يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن سۆز بىرىكتۈرىۋالغان، ئۇلارنىڭ ئارقا تېرىكى كۈچلۈك" دەپ كۆرسىتىپ، بېيجىڭدىكى "كېيىنكى ئەۋلادلارغا غەمخورلۇق قىلىش جەمئىيىتى" نام جەھەتتە خېنەندىكى ئەيدىزلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ شۇ جايدىكى ئاددىي بىر دورىخانا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خەلقئارانىڭ يارىدىمى چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقىغا ماڭماقتا
نيو-يوركتىكى بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى، خىتاي دېموكراتى شۆ ۋىي ئەپەندى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مەسىلىنى "خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە، چۈنكى ھازىر خىتاي جەمئىيىتى پۈتۈنلەي چىرىكلىشىپ كەتكەن بىر جەمىيەتكە ئايلانغان، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولسا خەلقنى ئەخمەق قىلىپ، پارىخورلۇق قىلىشنى كەسپ قىلىۋالغان، بولۇپمۇ سەھىيە مەسىلىسىدە، كۆز بويامچىلىق قىلىشقا بەكمۇ ئۇستا بولۇپ كەتكەن" دەپ بىلدۈردى.
شۆۋېي ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يەنىلا يوشۇرۇپ كەلمەكتە، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ ئابرويىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇمۇس ئىش. شۇڭا ئۇلار ئىلاجى بار ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، ھەتتا ئەيدىز جەھەتتە خەلقئارادىن بېرىلىدىغان ياردەمنى قوبۇل قىلىشنىمۇ ئانچە خالىمايدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن، خىتايغا ياردەم بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنى كۆرگەن خىتاينىڭ پارىخور ئەمەلدارلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، " قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپرەك پۇلنى يانچۇققا سالغىلى بولىدۇ" دەپ خىيانەت قىلىشنىلا ئويلايدۇ." دەپ كۆرسەتتى.
شۆۋېي ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، " خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بۇ خىل ئالدامچىلىق ۋە پارىخورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى پۈتۈنلەي تۈزۈمگە باغلىق بىر ئىش، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىرقى تۈزۈمىدە نازارەت قىلىش ياكى دېموكراتىيە دېگەن نەرسە يوق. ئەگەر بۇ خىل تۈزۈم ئۆزگەرمەيدىكەن، زىيان تارتقۇچى مەڭگۈ خەلق بولۇپ، پايدا كۆرىدىغانلار مەڭگۈ شۇ ئاز ساندىكى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)