ئاسىيا ۋاقتى ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاينى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاننى ھە دەپ ئۆزىگە تارتماقتا" تېمىلىق ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستاننىڭ تېز باش كۆتىرىشى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا. ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بۇ يىل ئىيۇلدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇنى "دۆلەت زىيارىتى" دەرىجىسى بىلەن داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشى، شۇنداقلا جورج بۇشنىڭ كىلەر يىلىنىڭ بېشى ھىندىستاننى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.
ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيىمۇ كىلەر ئايدا يېڭى دېھلى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ. ئەنگىلىيىنىڭ باش مىنىستىرى تونىي بلەيىر بولسا، يېقىندا يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ھىندىستان ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. بۇنداق زىچ دىپلوماتىك پائالىيەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھىندىستان نۆۋەتتە دۇنيا دىپلوماتىيە سەھنىسىنىڭ بىر قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يېقىنلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.
پەرقلىق مۇئامىلە
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مانموخان سىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، پرېزىدېنت بۇش ئۇنى پەقەت ئاز ساندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان يۇقىرى دەرىجە بويىچە قوبۇل قىلغان. ھەمدە ئۇنى ئاق سارايدا دۆلەت زىياپىتىگە تەكلىپ قىلغان. جورج بۇش يەنە مانموخان سىڭنى ئامېرىكىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئامېرىكا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا قىلىشقا ئۇنىمىغان مۇئامىلىلەر ئىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا خىتايدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ماقالىگە قارىغاندا، مانموخان سىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا يەنە ھىندىستاننىڭ يادرو تېخنىكىغا ئىگە چوڭ دۆلەت ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ، ھىندىستاننىڭ تىنچ يوللارغا ئىشلىتىلىدىغان يادرو پروگراممىلىرىغا تېخنىكا ياردىمى بېرىشكە قوشۇلغان. جورج بۇش ھىندىستانغا يەنە ف-16 ۋە ف- 18 تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ مانا مۇشۇنىڭدەك تەدرىجىي ھالدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ خىتايدىن ھەزەر ئەيلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
تەبىئىي رەقىبلەر
ئاسىيا ۋاقتى ژورنىلىنىڭ تور بېتىدىكى بۇ ماقالىدە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، يەر تۈزۈلۈشىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ۋە ھىندىستان تەبىئىي رەقىبلەر بولۇپ، ئىككى دۆلەت خوشنا بولۇپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە چېگرا ئىختىلاپى بار. ھالبۇكى مەيلى خىتاي ياكى ھىندىستان بولسۇن، رايوندا ئاساسىي كۈچ بولىمەن دەيدىكەن چوقۇم قارشى تەرەپنى بېسىپ چۈشۈشى كېرەك. شۇڭا ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتاينى كونترول قىلىش خاھىشى بار.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت. ھىندىستان ئەلۋەتتە بۇ رايوندا خىتاينىڭ زورىيىشىنى توسالايدىغان بىردىنبىر كۈچ. شۇڭا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىككىنچى قارار ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ھىندىستاننى ھەدەپ ئۆزىگە تارتىپ، ھىندىستاننىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى خىتاينىڭ كۈچلۈك بىر خوشنىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغان. ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى ھىندى ئوكيان ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىسىدىكى بىر ئاجىز نۇقتا بولۇپ، ئەگەر ھىندىستاننى قولغا كەلتۈرگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى توشۇش لىنىيىسى ئاساسەن كاپالەتكە ئىگە بولىدىكەن.
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ھىندىستان ئۈچۈنمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، ئىقتىساد، ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن پايدىلىق ئىكەن. ئەمما ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر بولغاندىن سىرت، رۇسىيە ۋە خىتايمۇ ھىندىستاننىڭ ئامېرىكىغا يېقىنلىشىپ كېتىشىنى توسىماقتا ئىكەن.
رۇسىيىنىڭ تاكتىكىسى
رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھىندىستان ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قورال- ياراق خېرىدارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ 70٪ قورالى رۇسىيىدىن كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىندىستان رۇسىيىنىڭ ھىندى ئوكيانغا ئۆتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭىمۇ رۇسىيە كىلەر ئايدا ھىندىستان بىلەن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى ۋە ھىندىستانغا يەنە نۇرغۇن قوراللارنى سېتىپ بەرمەكچى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئېكىسپورت شىركىتىنىڭ مۇدىرى سېرگىي، ئامېرىكىدىن كېلىدىغان پايدىسىز ئامىللارنى يوقىتىش ئۈچۈن، رۇسىيىنىڭ ھىندىستانغا قورال ئېكىسپورتىدىن سىرت، تېخنىكىلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ قولىدىكى يەنە بىر كارتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز. ھىندىستان ئاساسلىقى نېفىت ئىمپورتىغا تايىنىدىغان دۆلەت. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، قانداق قىلغاندا ئۇزۇن ۋە مۇقىم نېفىت تەمىنات لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. رۇسىيە بۇ جەھەتتە ھىندىستاننى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلغاندا، ھىندىستان نېفىت شىركىتىنىڭ رۇسىيە نېفىتلىكىنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشىغا قوشۇلغان.
ماقالىدە يەكۈنلىنىشىچە، ھىندىستانمۇ، خىتاينىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدىكەن. شۇڭىمۇ ئۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ھەتتا بەزىدە بېيجىڭغىمۇ دوستانە قىياپەت كۆرسىتىپ، ئامېرىكىدىن ئەڭ چوڭ مەنپەئەت ئېلىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن. (ئارزۇ)