ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى نەدە؟


2007.04.03

بۇ يىلنىڭ بېشىدا گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئامېرىكىنى تەنقىد قىلغان سۆزىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون-موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار پەيدا بولدى، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا-بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، قايتىدىن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلاپ قېلىشىنى قىياس قىلىشتى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغاۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.

رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدۇ.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مەزكۇر تېما ئۈستىدە رۇسىيە ۋە ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلىگەن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرى ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش شەكلىنى ئالغان توقۇنۇش كېلىپ چىقمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رۇسىيىدىكى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى، سابىق رۇسىيە باش مىنىستىرى ئېۋگېنىي پرىماكوفنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان مۇخائىل دېلىگىن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبىنى چۈشەندۇرگەن. " بىرىنچىدىن" - دەيدۇ مىخائىل دېلىگىن- " ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان رۇسىيە رەھبەرلىك ساھەسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بانكىلىرىغا قويغان. ئىككىنچىدىن، رۇسىيىدە ئەمەلىيەتتە ئارمىيە ۋە دېڭىز پىلوتى يوق، چۈنكى قارا دېڭىز پىلوتى ھەتتا بولغارىيە ۋە رومانىيەنىڭ سەۋىيىسىگە يەتمەيدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەددىدىن زىيادە ئاجىز، بىراق ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىمۇ رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشقا قىزىقماسلىقى كېرەك"

موسكۋادا ياشايدىغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسى مىخائىل دېلىگىن سۆزىدە يەنە "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىراسلىرى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئامېرىكا غەلىبە قىلدى. ئەگەر رۇسىيە مىراسلىرى ئۈچۈن كۈرەش بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى خىتاي ئىگىلىۋېلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ناچار بولىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاي كىچىك ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچى بولۇپ، بەلكى كېيىن تەڭ باراۋەر ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتچى بولالايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پۈتۈنلەي باشقىچە رېئاللىقتۇر" دەپ تەكىتلەيدۇ.

توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن

رۇسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىختىلاپلاردىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيە مۇتەخەسسىسى مىخائىل دېلىگىننىڭ سۆزىگە نىسبەتەن باشقىچە كۆز قاراشنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا مۇتەخەسسىس، ئامېرىكىدىكى گۇندزون ئىنىستىتۇتىنىڭ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى دەيۋىد ساتتېر ئەپەندى " ئىختىلاپلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ دەپ ئويلىمايمەن، چۈنكى، بۇنىڭدىن ساقلىنىشقا ھەرىكەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىز رۇسىيىنىڭ كونتروللۇق ئاستىدىكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتكە باغلاپ، خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەرنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پەرەز قىلىشىمىزغا ئاساس باركى، رۇسىيە رەھبەرلىرى رەقىبلىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا مەغلۇب قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارايدۇ، ئەگەر بۇ شۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، توقۇنۇشتىن قېچىش قىيىن بولىدۇ. ئەگەر رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنى مەدەنىيەتلىك دۇنيادا قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەملەر بويىچە تۇتۇۋالسا، توقۇنۇش تەھدىدلىرى تۈگەيدۇ" دەپ، جەزىملەشتۈرىدۇ.

رۇسىيە شەخسىيەتچىلىك تۈسى ئالغان رەھبىرىي قاتلىمىدىن ۋاز كېچىش كېرەك كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشىلاش ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋە خەلقلىرىنىڭ ئارزۇلىرىغا ئۇيغۇن بولۇپ، ئىككى دۆلەت كۆپ جەھەتلەردە ئورتاق مەيدان ۋە مەنپەئەتلەرگە ئىگە. ئورتاقلىق ئاساسەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىختىلاپلار بۇرۇندىنلا داۋاملىشىپ كەلگەن. موسكۋادىكى كارنېگى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى لىلىيا شېۋسوۋا خانىم رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ ئۆزىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئالدى بىلەن ئادەملەر، جەمىيەت، تارىخ ۋە كېلەچەك ھەققىدە ئويلاپ، ئۆزىنىڭ تار شەخسىيەتچىلىك تۈسى ئالغان رەھبىرى سىنىپىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئۆزارا ئىشىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

لىلىيا شېۋسوۋا يەنە رۇسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ۋە ئىختىلاپلاردىن ساقلىنىشتا ئامېرىكىنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ئالدى بىلەن تاشقى سىياسەتتىكى قوش ئۆلچەمدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىدىكى ياشلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيالىيلار ھە سودىگەرلەر قاتلىمىغا بەكرەك تەسىر كۆرسىتىشى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى سودا رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ بىرلىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلدىن ئىبارەت.

دېموكراتىيە مەسىلىسى ۋاشىنگتون-موسكۋا ئارىسىدىكى نازۇك نۇقتا

رۇسىيە –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاق يىمىرىلگەندىن كېيىن ئىزچىل نورمال تەرەققى قىلغان بولۇپ، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن پرېزىدېنت جورجى بۇشنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىدا ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپلىق نۇقتىلار داۋاملىق ھەل قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بىر قىسىم شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈشى رۇسىيىنى بىئارام قىلغان. گەرچە ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بۇ مەسىلىدە موسكۋاغا ئالدىن چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق موسكۋا يەنىلا بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ قارىغان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىپ قالغان ئىدى. تېخى يېقىندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش يۆنىلىشىنى كۈچەيتكەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە، رۇسىيىدە كېلەر يىلى بولىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشقان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ پرېزىدېنت پۇتىننى دېموكراتىيە يولىدىن چېكىنگەنلىك بىلەن تەنقىد قىلغان ئىدى. ھازىر، پۇتىننىڭ 3- قېتىم ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىق نامزىتىنى قويماسلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يەنىلا ئۆز تەرەپدارلىرىنى ھاكىمىيەتكە چىقىرىپ، يەنىلا ئۆز تەسىرىنى ۋە سىياسىي يۆنىلىشىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

دېموكراتىيىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋاشىنگتون-موسكۋا مۇناسىۋەتلىرىدىكى نازۇك نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ۋاشىنگتون موسكۋانى دېموكراتىك ئىسلاھاتنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل دەۋەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.