شىمالىي كورىيە بىلەن تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ھىسابلانماقتا

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئاددىي ئامما ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ "بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى، ھازىرقى مۇناسىۋىتىمىز بىر قانچە ئون يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھىساپلىنىدۇ" دېدى.

گەرچە، كۈزەتكۈچىلەر كولىن پوۋېلنىڭ بۇ قارىشىغا تامامەن قوشۇلمىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئومۇمى يۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى خېلى يامان ئەمەس دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئېلىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتقان مەزگىلدە، ئىككى خىل مەسىلىنىڭ بۇندىن كېيىن ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ئىشتىكى ئورنى

ئامېرىكىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەيمىئاردۇننىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە، خىتاي ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش شىمالىي كورىيىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىكەن. شۇڭا خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك بولۇپلا قالماستىن، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل رولىنى ئىشقا سېلىشى مۇھىم شەرتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەلۋەتتە، بۇنداق دېگەنلىك خىتاينىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ دېگەنلىك ئەمەس، بىراق ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا بىزنىڭكىدىن چوڭ. شۇ سەۋەبلىك خىتاي چوقۇم شىمالىي كورىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى كېرەك".

خىتاينىڭ ئەندىشىسى

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى لى جېمىڭ، شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدىكى قارىشىنى مۇنداق بايان قىلغان: "خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە چېگرىداش خوشنا دۆلەتلەر. ئۇلار دۆلەت تۈزۈلمىسى جەھەتتىمۇ بىر- بىرىگە يېقىن، خىتايدا ھەتتا خىتاي ئەندىشە قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان چاۋشەن مىللىتى رايونى بار. خىتاي يەنە كۆپلىگەن شىمالىي كورىيىلىك كۆچمەنلەرنىڭ خىتايغا بېسىپ كىرىش خەۋپى ئاستىدا، خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى نەزەردە تۇتۇپ، خىتاي شىمالىي كورىيىگە زور مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە زور مىقداردا ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرى ئېلىپ بارىدۇ. بىراق خىتاي بىزگە ئوخشاش، چوڭ كۆلەملىك يوقىتىش خاراكتېرلىك يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك، بۇ مەسىلىگە ئېتىۋار بەرگەن ئەمەس. دېمەك، خىتاي ئىقتىسادىي تەسىرى بىلەن نەتىجىلىك بىر مەقسەتكە ئېرىشەلەيدۇ."

ئاخىرىدا لى جېمىڭ خىتاي شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە 6 تەرەپ سۆھبىتى ئىچىدە ئەڭ تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، دىگەن خۇلاسىنى چىقارغان.

تەيۋەننىڭ ئورنى

نۆۋەتتە، تەيۋەن مەسىلىسى ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانى يەنىلا، ۋاشىنگتون تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ دىگەن پرىنسىپتا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ "بىر دۆلەت پىرىنسىپى" سىياسىتى بويىچە، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىدۇ. ۋاشىنگتون تەيۋەن بىلەن بېيجىڭ تېنچلىق يولى بىلەن ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

تەيۋەن مەسىلىسى ۋە شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەقىقەتەن، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھالقىلىق مەسىلىلەرمۇ؟ دىگەن بۇ قاراش ھەققىدە توختالغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دېدى:

بىراق، يەنە بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر، ئەگەر ئامېرىكا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بىرەر دۆلەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان جاي تەيۋەن بولىشى مۇمكىن دەپ قاراشماقتا.

جون خاپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافىئىسورى رامپۇدۇن ئەپەندى مۇنداق دەپ قارايدۇ: "تەيۋەن رەھبەرلىرى ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، ئەگەر خىتاي خەلق جۇمھۇريىتى بىلەن تەيبېي، تەيۋەن بوغىزىدا توقۇنۇشۇپ قالسا، ئامېرىكا ئىنتايىن قېيىن بىر ئەھۋالدا قالىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تارىخىي ۋەزىپىمىز تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەركىتى شۇنىڭدەك پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرىشى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گەرچە تەيۋەن بوغىزىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلمىسىمۇ، ھازىرقى ۋەزىيەت يەنىلا بۇش ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۈرەككەپ ھېسابلانماقتا. (ئەقىدە)