
تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلنىڭ بىرى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەقىل ئىدراكى، تارىخى شۇنداقلا كىملىكىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن. دەۋرىمىزگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئانا تىلى مائارىپىغا يۈرگۈزگەن ناتوغرا سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلى پاجىئەلەرگە يۈزلەنمەكتە. يەنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر تىلى نۆۋەتتىكى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قالدى دەپ كۆرسىتىپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردە خىتايچە دەرس ئۆتۈشنى ئومۇملاشتۇردى ھەمدە مائارىپتا خىتايچىنى ئاساس قىلىدىغان بىر ۋەزىيەت بارغانچە كۈچەيمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىگە ھەتتا نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر كادىرلارمۇ ئاۋاز قوشۇپ " تۇڭگانلارنىڭمۇ تىلى يوق، بەرىبىر مىللەت بولۇپ تۇرۇۋاتىدىغۇ ؟! ئۇيغۇرلار خىتايچىنى ئۆگەنسە نېمە بوپتۇ " دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي تاڭىدىغان، ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى بىلمىسە چىقىش يولى تاپالمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئەجەللىك زەربە بەرمەكتە.
ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى، ئۆزىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان، ئەندىشىگە چۈشكەن مۇشۇنداق كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. شۇنداقلا بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشتىن ئىلگىرى، دەۋىرنىڭ سەۋەبلىرىدىن باشقا ئانا تىلىغا ئىگە چىقىش، مەسئۇل بولۇش ۋە قوغداش ھەققىدىمۇ مۇلاھىزىلەر يۈزگۈزمەكتە.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.