0:00 / 0:00
تىلىنى قوغدىيالمىغان مىللەت، مىللىي سالاھىيىتىنىمۇ قوغدىيالمايدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسى بولۇپ ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى بىلەن مائارىپتىنمۇ سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان ئانا تىلىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا، شۇنداقلا قانداق قىلىپ يات مىللەت بىسىمى ئاستىدا قالغان ئانا تىلىنى قوغداش ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىشماقتا.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىدىن ئاڭلاڭ.