خىتاي "دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى " ئېلان قىلدى


2004.12.27

خىتاي دۆلەت كابىنتى دۆشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان "خىتاينىڭ 2004 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى"، تەيۋەن مۇستەقىللىقى شۇنداقلا خىتايغا كېلىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە قارشى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ 100 بەتلىك مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "خەلقئارا چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئامما خەلقئارادا ئادىل ۋە مەنتىقىغە ئۇيغۇن شەكىلدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى سىستېما تېخى شەكىللەنمىدى". ئۇنىڭدا يەنە، خەلقئارادىكى چوڭ دۆلەتلەر كۈچ تەڭپۇڭلىقى ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، 2.5 مىليون كىشىلىك خىتاي ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ھەرىكەتچان ۋە ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن قوراللاندۇرۇش، دەپ كۆرسەتكەن. ھەربىي قىسىملاردا ئادەم كۈچىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئورنىغا تېخنىكا كۈچىنى ئاساس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىچلىقىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ئەيىبلەنگەن

ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىپلىگەن ئاق تاشلىق كىتاپتا مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى تەيۋەن بوغىزىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ". خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا، ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي قوراللىق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى "ياۋرو - ئاسىيا ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات مەركىزى" نىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەننى قولغا كەلتۈرۈش خىتاينىڭ خەلقئارا چوڭ دۆلەت بولۇش يولىدىكى مۇھىم ئامىل، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئامېرىكىنى شەرقىي ئاسىيادا ھەربىي تەسىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىپلىگەن ئاق تاشلىق كىتاپتا، ئامېرىكا رايوندىكى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە، دەپ كۆرسەتكەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتكە قارشى ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن باشقا، مەۋجۇت تەھدىتلەرگە قارشى يەنە قانداق كونكېرت تەدبىرلەر ئالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مىياردلارچە دوللارلىق قورال - ياراق سېتىۋالدى. يەنە بىر جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارىتىلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قىستىماقتا. گېرمانىيە ، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمبارگونى بىكار قىلىپ، خىتاي بىلەن قورال - ياراق سودىسى قىلىش تىرىشچانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى قەتئى دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

خىتاي، ياپونىيە ۋە كورىيە

ئاق تاشلىق كىتاپتا ياپونىيىنىڭ چەتەلگە قوشۇن چىقىرىپ ، ھەربىي پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشى شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى، "ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،" دەپ قارىغان. ئەركىن ئەكرەم ياپونىيە مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

ئاق تاشلىق كىتاپتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ب د ت نىڭ تىنچلىقنى قوغداش، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجرىبىسىنى ئىگىلەشكە تىرىشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستان ، رۇسىيە ، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان . مانېۋىرنىڭ ئىككى قېتىملىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشقورغان، ئىلى قاتارلىق جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر مانېۋىرنىڭ مەقسىدى ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە قىلىش، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خىتاينىڭ خامچوتى بارغانسېرى ئاشماقتا

ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ يىلقى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى 26 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ساننى 2003 - يىلدىكى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىغا سېلىشتۇرغاندا 11 ٪ كۆپ. بىراق چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى زاتلار، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى رەسمى خام چوتىدىن 4 ھەسسە كۆپلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاينىڭ رەسمى مەلۇماتىدىكى ھەربىي خام چوتى قورال - ياراق سېتىلىش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، قورال - ياراقلارنى ئاسراش قاتارلىق نەرسىلەرگە خەجلەيدىغان چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىك خاراكتېرلىك قوراللار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللىماسلىق، كېڭەيتمەسلىك شۇنداقلا باشقىلارنىڭ بۇ خىل قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرمەسلىك،" دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ئامېرىكا خىتاينىڭ پاكىستان ، لىۋىيە ك شىمالى كورىيە ، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى نازۇك تېخنىكىلىق ھەربىي قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ ، بەزى خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويغان. بۇ مەسىلە ئۇزۇن بېرى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ جىددى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.