خىتاينىڭ ھەربىي ئاق تاشلىق كىتابى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر

0:00 / 0:00
CHINA-RUSSIA-MILITARY-200.jpg
22-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قىڭداۋدا رۇسىيە بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى " خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، ھەربىيلەرنى قىسقارتىش ۋە قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقى" دېگەن ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەيدانىنى چۈشەندۈرۈشى بىر تەرەپتىن بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلەش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى ھەققىدە خەلقئارانى تېخىمۇ كونكرېت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، " خىتاي تەھدىدى" قارىشىنى يوقىتىش ئىكەن.

مەقسىدى: خىتاي تەھدىدى قارىشىنى يوقىتىش

خوڭكوڭ چىڭشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى جىڭ يۈشو خىتاينىڭ ئېلان قىلغان بۇ ئاق تاشلىق كىتابىدا كۆپ يېڭىلىق يوقلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىدى ئىنتايىن ئېنىق. ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خىتاينىڭ بىر تەھدىت ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلىش. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەر يىلى چىقارغان خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرى دوكلاتىغا ۋاسىتىلىق ھالدا جاۋاب قايتۇرۇش."

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ، ھەربىي ھازىرلىقلىرى تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى ئۇزۇندىن بۇيان تەنقىد قىلىپ كەلگەن. بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتىدىغان ئەنئەنىسىنى بۇزۇشى بولۇپ، بۇ بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ئاق تاشلىق كىتابىدا ئاساسلىقى نەزەرىيە ۋە كۆز- قاراشلار يېزىلغان. ئۇنىڭدا ھەربىي خىراجەت، ئەمەلىي ھەربىي كۈچى، قوراللىرىنىڭ تىپى ۋە قوراللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ھەققىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلار يەنىلا ئىنتايىن كەمچىل ئىكەن.

ئاق تاشلىق كىتاب خىتاي تەھدىدى قارىشىنى يوقىتالمايدۇ

بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ھەققىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلار يەنىلا ئېلان قىلىنمىغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ ئېكىسپورتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي دۆلەت كابېنتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، ھەربىيلەرنى قىسقارتىش ۋە قىرغىنچىلىك خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش قاتارلىق ساھەلەردە، خىتاينىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچ ۋە بىخەتەر خەلقئارالىق مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يەن، خىتاينىڭ ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا يادرو قوراللارنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە خەلقئارالىق قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى چەكلەش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەمما تەيۋەن سىياسەت تەتقىقات كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى پروفېسسور ياڭ نيەنزۇ بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى يوقىتىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداقۋ دېدى:

"خىتاي ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنى ھەربىي جەھەتتىن كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغان دۆلەت دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى ھەمدە ھەربىيلەرنى قىسقارتتى. بىراق، باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن يەنىلا گۇمانلىنىپ كەلدى. بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئەمەلىيەتتە، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىت ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرەلەيدىغان مەزمۇن يوق. پەقەتلا ئىلگىرىكى مەيدانلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن. شۇڭا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىلىرى بۇنىڭ بىلەن يوقىمايدۇ."

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدىكەن، تەيۋەن يەنىلا خىتاينى ئۆزىگە دۈشمەنلىك غەرىزى بار دەپ قارايدىكەن.

كونكرېت ئۇچۇرلار يەنىلا كەمچىل

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى سىياسەت تەتقىقات ئورنى " خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى" نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بەيتىس گىلنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ بىر ئىجابىي تەرەپ ئىكەن.

بىراق ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي راسخوتىنى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە چىقىمى ۋە دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى نۇقتىسىدىن تىلغا ئېلىپ، كونكرېت سانىنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

"بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ھەققىدىكى كونكرېت ئۇچۇرلار يەنىلا ئېلان قىلىنمىغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ ئېكىسپورتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن".

بۇ يىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شۇنداقلا ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭمۇ 60 يىللىق خاتىرىسى. ھالبۇكى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ پات ئارىدا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ تەبرىك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭنىڭ دەل بۇنىڭ ھارپىسىدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، ھەربىيلەرنى قىسقارتىش ۋە قىرغىنچىلىك خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش تىرىشچانلىقى ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشىنىڭ، دىپلوماتىيىدە بەلگىلىك ئەھمىيىتى بار ئىكەن.

بەيتىس گىلنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئامېرىكىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان بولۇپ، بولۇپمۇ خوشنا دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ يېڭى خەۋىپسىزلىك تاشقى سىياسىتىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئارزۇ)