نۆۋەتتە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ھەربىي تېخنىكىسى ۋە ھەربىي سۈپىتى مەسىلىسى ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇيان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاشۇرۇش بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قىسىملىرىنى ھەر تەرەپتىن زامانىۋىلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى قۇدرەتلىك قوراللىق كۈچلەرنىڭ بىرى قىلىش بىلەن بۇنى ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا خىتاي ئۆز دۆلەت ئىچىگە ۋە تېشىغا نىسبەتەن ئازادلىق ئارمىيىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. لېكىن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىغا مەنسۇپ گۇرۇھلارنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇنچىۋالا جەڭگىۋار ئەمەسلىكى ھەمدە ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان بىر قوشۇن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تۈرلۈك تەنقىدىي ماقالىلار دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا مەيدانغا چىقماقتا.
خىتاي تىلىدىكى ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن بىرىدە ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو ئارمىيىسى ھەر جەھەتتىن قالاق بىر ئارمىيە" ناملىق ماقالە بۇنىڭ بىر مىسالى بولسا كېرەك؟! مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ بىر قانچە جەھەتلەردىكى قالاقلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئاپتور بىرىنچى قىلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن قالاقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە؛ ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك نەزەرىيىسى ئاساسلىقى ئامېرىكىغا قارىتىلغان بولۇپ، خىتاي يۇقىرى ھەربىي تېخنىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە ناھايىتى ئاجىز ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي نەزەرىيلىرىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئەنئەنىۋى ھەربىي تاكتىكا ۋە نەزەرىيە بىلەن چەكلىنىپ قالغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلمىسىمۇ قالاق بولۇپ، جۇڭگو ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە پولك، چوڭ ئەترەت، ئوتتۇرا ئەترەت شەكلىدىكى 6 دەرىجىگە ئايرىلغان، بۇ ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمىسىگە قارىتىلغان. بۇ خىل تۈزۈلمىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلمىسىمۇ ئوخشاش بولۇپ، بۇ تۈزۈلمە ھازىرقى زامان ھاۋا ئۇرۇشلىرىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. ماقالە ئاپتورى ئازادلىق ئارمىيىنى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.
ماقالىدە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يەنە بىر كەمچىلىكى سۈپىتىدە باشقۇرۇش سىستېمىسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇش، كادىرلار ۋە ئارقا سەپ ئىشلىرىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى شەرھلىنىدۇ. ماقالە ئاپتورى مىسال سۈپىتىدە ئازادلىق ئارمىيىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە باشقا تەڭشەشلەرنىڭ پەقەت مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى، مۇناسىۋەتنىڭ يەنىلا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغانلىقى، تالانتلىق ئادەملەرنى ئىشلىتىشقا ئەتىۋار بېرىلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئارقا سەپ ئىشلىرى ئىزچىل تۈردە قالاق ھالەتتە قالغان.
خىتاي تىلىدىكى ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن بىرىدە ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو ئارمىيىسى ھەر جەھەتتىن قالاق بىر ئارمىيە"ناملىق مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرىي سەۋىيە قۇرۇلمىسى جەھەتتىنمۇ ئاجىز ئىكەنلىكى شەرھىلەنگەن. ئاپتورنىڭ قارىشىچە؛ جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى گەرچە ھەربىي ئىنستىتۇتلاردا تەربىيىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلار ئۆلچەمگە لايىق ئەمەس، پەقەت ئاددىي دەرسلەرنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئوفىتسېر تەربىيىلەش ئىسلاھ قىلىنمىغان. ئەسكەرلەرنىڭ قەھرىمانلىق، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق روھى ئاجىزلاپ كەتكەن ۋە ئۇلارنى ئىلغار ھەربىي تېخنىكا بىلەن تونۇشۇش ھەم كەسىپلىشىش جەھەتلەردىن غېرىب دۆلەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە؛ يەنە قالاقلىق، قوپاللىق، بىلىمسىزلىك ۋە ئاددىيلىق قاتارلىق تەرەپلەرمۇ ئەنە شۇ سۈپىتى تۆۋەن ئوفىتسېرلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ماقالىدە يەنە ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھە جەھەتتىكى قالاقلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئەسلىھەلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ھاۋا ئارمىيىسىدىمۇ ئىپادىلىنىدىكەن.
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچەملىرىگە يەتمىگەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئاۋىئاماتكىسىنىڭ بولمىغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇچۇر، ئالاقە ۋە كونترول قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ خۇددى پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش بىر قېتىمدا نەچچە مىڭ ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالالىشى رىئاللىقتىن يىراقتۇر.
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قورال-ياراقلىرىنىڭ قالاقلىقى مەسىلىسى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ كۆپىنچە ھىندىستان، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئىدى. ھاۋا ئارمىيىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتلەردە خىتاي رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن كۆپ ئارقىدا بولۇپ، ئۇ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى ھەم باشقا ئىلغار قوراللارنى ئۆزى ياساشقا ئەمەس بەلكى، رۇسىيىدىن سېتىۋېلىشقا تايانماقتا. (ئۈمىدۋار)