خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلاھات مەسىلىسى ھەققىدە


2004.11.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى جياۋ گو بىياۋ ئەفەندىنىڭ "خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىكىگە قارشى كۈرەش" ناملىق ماقالىسى بۇ يىل 8 - ئايدا ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ نەشىر قىلىنىشى خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. شۇڭا، توكيودا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىكى - ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق

مۇزاكىرە جەريانىدا، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت پىكرى تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى يۈ گۇمىڭ خىتاي ئاخبارات ساھەسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ "ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق" دېگەندەك ئىنتايىن قىيىن ئەھۋال ئاستىدا قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 90 - يىللارنىڭ بېشىدا، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ "خەلق گېزىتى" ۋە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى خېلىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئىكەن. لېكىن، ھازىر بولسا بۇ خىل تەشۋىقاتلار خەلق ئارىسىدا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

رەھبىرى قاتلامدا بىرلىك يوق

خىتايدىكى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بېي خەيداۋ ئۇنىۋەرسىتېتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى " خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەتبۇئات ساھەسىدىكى ئىسلاھات ھەرىكىتى ئاساسەن مەدەنىيەت ۋە نەشرىيات تۈزۈمى جەھەتتىكى ئىسلاھات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ھازىر خىتاينىڭ رەھبىرى قاتلاملىرىدا پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقتىن، يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا" دەپ بىلدۈردى. ئۇلار يەنە خىتايدىكى راس گەپ قىلغۇچىلارنىڭ كومۇنىستلار تەرىپىدىن قانداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدا ، مىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق

ياپونىيىدە ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان "ئوقۇش ھەم سېتىۋېلىش" ناملىق گېزىتنىڭ باشلىقى خۇ جىنتاۋ تەختكە چىققاندىن بۇيان خىتايدا ھېچقانداق ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆز ئوي- پىكىرلىرىنى مۇنداق مىساللار ئارقىلىق ئىپادىلىدى: "خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنى تەنقىدلەپ ماقالە ئېلان قىلغان جياۋ گوبياۋ گەرچە قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، دەرس ئۆتۈش ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان". "نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ بېيجىڭدىكى ياردەمچىسى جى ياۋيەن جاڭ زېمىننىڭ تەختتىن چۈشكەن خەۋىرىنى بىرىنچى بولۇپ خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى" دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان؛ سارس كېسىلىنى ئاشكارىلىغان ھەربىي دوختۇر جياڭ يەنيۇڭ ئەپەندى گەرچە "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش "جىنايىتىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، "4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك" دەپ مۇراجىئەت قىلغانلىقتىن، ئاخىرىغا بېرىپ يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. دېمەك خىتايدا ھەرقانداق بىر ئىش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدىكەن، ھەممىسى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ."

يىغىنغا قاتناشقان خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت پىكرى تەتقىقات بۆلۈمى باشلىقى يۈ گومىڭ "خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئورگانلار ئارىسىدا، مەيلى ساقچى قوشۇنىدا بولسۇن ياكى تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا ۋە ياكى تەشكىلات ئورگانلىرىدا بولسۇن، بىرىنچى قول باشلىق ئەمەلىيەتتە ھەممىسى دىگىدەك جاڭ زېمىننىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسى ئورۇن ئالماشمىغان. شۇڭا، خۇ جىنتاۋ گەرچە يېڭى ئوي - پىكىر ياكى يېڭى تەكلىپلەرنى ئويلىغان بولسىمۇ ئۇلارنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا يەنىلا جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭا بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ھازىرچە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي - تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت

خىتاي دۇنيا بويىچە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بېرىۋاتقان ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا بويىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان مۇخبىرلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت خىتاي بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. "يېڭى ئەسىر تور بېتى" نىڭ تەھرىرى جاڭ ۋېيگۇئو ئەپەندى "گەرچە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق تۈزۈم ئارقىلىق ئاخبارات ساھەسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئادىللىقنى تەشۋىق قىلىدىغان ھەققانىي مۇخبىرلارنى يەنىلا يوق دېگىلى بولمايدۇ، يەنى خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدە، ۋىجدانلىق ۋە راست گەپ قىلىدىغان ئاخبارات خادىملىرى يەنىلا مەۋجۇت. ئۇلار ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بىر خىل كۈچكە ۋەكىللىك قىلماقتا." دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.