جياۋ گوبياۋ ئەپەندى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر مەكتەپتىكى مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئات ساھەسىنى كونترول قىلىشتا قوللىنىۋاتقان تۈرلۈك ئۇسۇللىرىنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ساھەسىنى يەنىلا بۇندىن 25 يىل ئىلگىرىكىدەك قاتتىق كونترول قىلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.
چەتئەل مەتبۇئاتلاردىن يىراق تۇرۇش
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىشتا ئالدى بىلەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنى توسۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمايدىكەن. مەسىلەن ئۇ " خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىغا قارشى تۇرۇش" دىگەن تېمىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
ئاخبارات خادىملىرىنى كونترول قىلىشنىڭ مۇھىملىقى
جياۋ گوبياۋ ئەپەندىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ساھەسىنى كونترول قىلىشتا قوللىنىۋاتقان يەنە بىر ئۇسۇلى، ئالدى بىلەن ئاخبارات خادىملىرىنى قاتتىق كونترول قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەسىلەن، خىتايدا نەشر قىلىنىۋاتقان ھەر قايسى گېزىت -ژئورناللارنىڭ باش تەھرىرلىرى خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. ئۇلار ئۆزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولغاچقا، ھەر بىر ئىش- ھەرىكەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن مەتبۇئات خادىمى ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كونترول قىلىشى مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى گېزىت - ژئورناللاردا ناھايىتى گەپ ئاڭلايدىغان، شۇنداقلا مەركىزى ھۆكۈمەت نېمە دېسە شۇنى قىلىپ، ھەرگىز ئۆز ئالدىغا جۈرئەتلىك ھالدا ئەركىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئېلان قىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈش
ھازىر خىتايدا، مەتبۇئاتتا ئېلان قىلماقچى بولغان ماقالىلەر قاتمۇ-قات كونترول ئاستىدا بولۇپ، ھەر بىر ماقالىنى مۇھەررىردىن باشلاپ، بۆلۈم باشلىقى ۋە باش تەھرىرگىچە ھەممىسى بىر -بىرلەپ قاراپ چىقىپ، ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاندىن بېكىتىدىكەن. جياۋ گوبياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ " خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قاتمۇ- قات تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېزىلغان ماقالىلاردا سىياسى خاتالىق بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزدە تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ماقالىنىڭ ئاخبارات قىممىتىنى بەكمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى" دىدى.
جياۋ گوبياۋ ئەپەندى مۇتەخەسسىس ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ داۋاملىق ئاخبارات خادىملىرىنى يىغىپ خىتاي گېزىتلىرىدە نېمىلەرنى بېرىشكە بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە يىغىن ئېچىپ ئەسكەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قىسقىسى ماقالىلاردا ھەتتا "دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، فا لۇنگۇڭ" دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىشكىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت توربەتلىرىنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئېلېكترونلۇق خەت-چەكلەرنىمۇ توسۇپ ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئۇتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەملىكەتتىكى چېغىدا پايدىلىنىدىغان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تور بەتلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تور بەتلەرگە كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەللەردىن كېلىدىغان خەت-چەكلەرمۇ ئىنتايىن چىڭ تەكشۈرۈلىدۇ
جياۋ گوبياۋ ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە " خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ساھەسىنى كونترول قىلىشتا چەتئەللەردىن كېلىدىغان خەت-چەكلەرنىمۇ ئىنتايىن چىڭ تەكشۈرىدۇ" دەپ تەكىتلەپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان چاغدا، تەيۋەندىن ئۇنىڭغا كەلگەن بەزى بىر مۇبارەكلەش خاراكتېرىدىكى ماتىرىياللارنىڭ تاموژنىدا باستۇرۇپ قويۇلۇپ، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قولىغا تەككەنلىكىنى مىسال قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدۇ
مۇزاكىرە جەريانىدا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى بىر پروفېسسور جياۋ گوبىياۋ ئەپەندىدىن : " سىز خىتايدا تا ھازىرغىچە يەنىلا ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق دەپ كۆرسىتىۋاتىسىز. لېكىن، مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى بىرقەدەر ياخشىلىنىۋېتىپتىغۇ؟ بولۇپمۇ سارس ئاپىتى يۈز بەرگەن چاغدا، بېيجىڭ ۋە چىڭخۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئوي- پىكىرلىرىنى ئەركىن بايان قىلىپتىكەنغۇ؟" دەپ سورىغىنىدا، جياۋ گوبياۋ ئەپەندى ئۇنىڭغا: " سارس ئاپىتى يۈز بەرگەن مەزگىلدە، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى پەقەت 20 كۈن ئەتىراپىدا داۋاملاشقان، ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنىلا بۇرۇنقىدەك قاتتىق كونترول قىلىنىشقا باشلىدى" دەپ جاۋاب بەردى.
جياۋ گو بياۋ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: "كوممۇنىست خىتاي ئاخبارات ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارىمىز دەپ، مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ياراتسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مىھرىبان)