"مۇخبىرلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسى" نىڭ مەقسىدى نېمە؟


2005-08-22
Share

يېقىندا "خىتاي ياشلار گېزىتى" يېڭىدىن بىر خىل مۇخبىرلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر مۇخبىرلارنىڭ يازغان ماقالىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلىسە، ماقالە يازغۇچى مۇخبىرغا مۇكاپاتلاش نومۇرى قوشۇلىدىكەن. قوشۇلىدىغان نومۇر قانچە كۆپ بولسا ماقالە ئىگىسى شۇنچە كۆپ پايدا ئالىدىكەن.

ئەمەلدارلارنىڭ باھاسى ھەممىدىن قىممەتلىك

مەزكۇر بەلگىلىمىدە گەرچە "باھالاشتا كىتابخانلارنىڭ پىكىرىمۇ ئاساس قىلىنىدۇ" دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاممىنىڭ باھالىشىغا بېرىلىدىغىنى پەقەت 50 نومۇر ئىكەن. ئەگەر يېزىلغان ماقالە ئىتتىپاق كومىتېتى رەھبەرلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلىسە 80 نومۇر، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلىسە 100 نومۇر، خىتاي تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشەلىسە 120 نومۇر قوشۇلىدىكەن. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك نومۇر 300 بولۇپ، بۇ نومۇرنى پەقەت ماقالىسى مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەن. دېمەك ماقالىنىڭ دەرىجىسى ئادەتتىكى كىتابخانلارنى باھالىشىغا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ باھالىشىغا قاراپ ئۆرلەيدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ بەلگىلىمە "خىتاي ياشلار گېزىتى" دە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا "خىتاي ياشلار گېزىتى" نىڭ تەھرىرى لى داتۇڭ گېزىتخانا رەھبەرلىرىگە 10 مىڭ خەتلىك نارازى بىلدۈرۈش خېتى يېزىپ، "خىتاي ياشلىرى گېزىتى" نىڭ باش تەھرىرى لى ئېرلياڭ ۋە مەركىزىي ئىتتىپاق كومىتېت سېكرىتارى جاۋ يۇڭنى قاتتىق تەنقىدلىگەن.

مەقسەت يەنىلا مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىش

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار "بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇخبىرلارنى قۇل ئورنىدا كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. ئۇلار يەنە "بۇ خىل بەلگىلىمىنى بېكىتىشتىكى مەقسەت، پەقەت كەڭ كىتابخانلارنى ئەمەس، بەلكى ھوقۇقدارلارنى خۇش قىلىش ۋە رازى قىلىش ئۈچۈندۇر، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى "خىتاي ياشلار گېزىتى" تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بۇ خىل مۇخبىرلارنى تەقدىرلەش بەلگىلىمىسىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى:

"مەنچە بۇ بەلگىلىمە، قارىماققا يېڭى بىر خىل تۈزۈمدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە يەنىلا كونا پرىنسىپنى ئاساس قىلغان. يەنى كونا پرىنسىپ بويىچە، يېڭى ئۇسۇل ئارقىلىق مەتبۇئاتنى كونترول قىلىشنىڭ تەدبىرى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە تەشۋىقات بۆلۈمى دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر ئورگان بار. بۇ خىل ئورگان ئەينى چاغدا پەقەت گېتلېرنىڭ فاشىست گۇرۇھىدىلا مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ھازىر كوممۇنىست خىتايدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەتتە مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي كومپارتىيىسى دەل مۇشۇ ئورگان ئارقىلىق پۈتۈن مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ھازىر گەرچە، سىز خىتايدا سانائەت، يېزا ئىگىلىك، بانكا ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، سودا قىلالىغىنىڭىز بىلەن، مائارىپ، نەشرىيات ياكى مەتبۇئات ساھەلىرىدە ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەركىنلىككە ئىگە بولالمايسىز، مەسىلەن، ئۆز ئالدىڭىزغا رادىئو ئىستانسىسى ياكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەندەكلەرنى قۇرۇشىڭىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپاتىيىسىنىڭ جان تومۇرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى كوممۇنىست خىتاي مەتبۇئات ساھەسىدە ئىشلىگەنلەرنى كوممۇنىزم ئىدىيىسى ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇراتتى، ھازىر بولسا خىتايدا ھەممىلا ئادەم پۇلغا ئىنتىلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل نومۇر قويۇپ باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش دېگەندەك ئۇسۇلنى قوللانماقتا. مەقسەت يەنىلا مەتبۇئاتنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرۇش".

تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش

رادىئومىزنىڭ ئوبزورچىسى چىڭ جىن سۇڭ ئەپەندى ئامېرىكا شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدىكى پەرقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:

" ئەگەر مۇخبىرلارنىڭ يازغان ماقالىسىنى باھالاش ھەققىدىكى بۇ خىل بەلگىلىمە ئامېرىكىنىڭ مەتبۇئات ساھاسىدە چىقىرىلغان بولسا، يەنى "مۇخبىرلارنىڭ يازغان ماقالىسىنى چوقۇم پرېزىدېنت بۇش ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ باھالىشىغا قاراپ تۇرۇپ مۇكاپاتلاش كېرەك" دېگەندەك بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا چوقۇم ئامېرىكىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدىغان بىر ئىش بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھازىرقى زامان دېموكراتىك دۆلەتلەردە مەتبۇئات بولسا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان، يەنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، پۈتۈن جەمئىيەتنى ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە كەڭ ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنى ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشتۇر. خىتايدا بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسى بولۇپ، مەتبۇئات پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلقنى كونترول قىلىدىغان قورالىغا ئايلانغان".

ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە " يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مەتبۇئات ساھاسىدە، بىر قىسىم مۇخبىرلار ھەقىقەت ئۈچۈن ياشاش، ھەقىقەت ئۈچۈن راست گەپ قىلىش يولىنى تاللىماقتا. لېكىن بۇنداق مۇخبىرلار يەنىلا ناھايىتى ئاز ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن مەتبۇئات خادىملىرى يەنىلا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، ۋىجدانىنى سېتىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ قۇلى بولۇپ ياشاۋاتىدۇ" دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت