خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (1)
2004.12.01
"توققۇز باھا"غا كىرىش سۆز
ئامېرىكىدا خىتايچە ھەم ئەنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق توققۇز پارچە باش ماقالىسى 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
بۇ "توققۇز باھا" ئۈچۈن يېزىلغان كىرىش سۆزدە مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقى ياۋروپادىكى ھەر قايسى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى گۇمران بولغاندىن كېيىن "كوممۇنىزم" دېگەن نەرسە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلاندى. "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن دۇنيادىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئەخلەتنىڭمۇ تازىلاپ چىقىرىلىپ كۆمۈپ تاشلىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.
تارىخقا قارايدىغان بولساق، -- دەپ بايان قىلىنىدۇ "توققۇز باھا"نىڭ كىرىش سۆزىدە، ---- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ بىر قىسقىغىنە دەۋر خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ - زۇلمەتلىك بىر تارىخىي دەۋر بولدى. يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، تەھدىت ۋە قىرغىنچىلىققا تولغان بىر دەۋر بولدى. بۇ دەۋردە، كوممۇنىست پارتىيە پەيدا بولغانلىكى جايدا يالغانچىلىق، مالىمانچىلىق، ئۇرۇش، تەھدىت، ئاچارچىلىق، مۇستەبىتلىك، قىرغىنچىلىق داۋاملىشىپ كەلدى. جەمىيەتتىكى ئەنئەنىۋى ئەخلاق - ئەقىدە ئۆلچەملىرى بۇزۇلدى. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مېھرى - مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى سىنىپى كۈرەش دەپ ئاتالغان ئۆز - ئارا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت مۇناسىۋىتى بولدى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ "كائىناتقا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش، يەر- زېمىنگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش، ئادەملەرگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش" دېگەن ئالجىغان شۇئارىنىڭ نەتىجىسىدە، ئادەملەر ياشاش ئۈچۈن تايانمىسا بولمايدىغان ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ خەلققە بالا- ئاپەت كەلدى. خىتايدا يۈز بەرگەن مۇشۇنداق جىنايى قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىۋاستە پىلانلاپ پەيدا قىلدى.
"توققۇز باھا" نىڭ كىرىش سۆزىدە يەنە مۇنداق دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ، -- شۇنىمۇ ئىقرار قىلىش كېرەككى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇشۇنداق جىنايى قىلمىشلارنى ئۆتكۈزۈشتە تامامەن بىزدىكى قورقۇنجاقلىقتىن پايدىلاندى. بۇنى ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئېلىشمىز كېرەك. قۇرۇلغىلى ئاران بىر نەچچە ئون يىل بولغان بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا، ئۆزىنى نەچچە مىڭ يىللىق خىتاي مەدەنىيىتىگە مەھكەم چېتىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ يەنە بىر ئالدامچىلىقى. ۋاھالەنكى، ھازىر فالۇنگوڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ جان تۇمۇرىغا خەنجەر ئۇردى. ئەمدى بىز كوممۇنىست پارتىيىسىز بىر جەمىيەتنى كۈتۈۋېلىشقا يۈزلەنمەكتىمىز.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى(1)
"توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ:
-- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان ئۆلتۈرگەن بىگۇنا ئادەم سانى 50 مىليۇندىن ئېشىپ كەتتى. ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان شۇ بىگۇنا ئادەملەرنىڭ يۈرىگى زىدە بولغان ئۇرۇغ -تۇغقانلىرى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ بىگۇنا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگىنى ئۈچۈن "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى زادى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ناھەق ئادەم ئۆلتۈرىدۇ" دېگەن سۇئالغا جاۋاب ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى. يېقىندا كوممۇنىست پارتىيە سىچۇئەننىڭ خەنيۇئەن يېزىسىدا، ھۆكۈمەت ئېلىپ بارغان قۇرۇلۇشنى دېھقانلار بۇ خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتىنى بۇزىدىغان قۇرۇلۇش دەپ قاراپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن يەنە ئوق چىقىرىپ دېھقانلارنى قىرغاندا، خەلق يەنە "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى خەلققە مىلتىق بىلەن مۇئامىلە قىلماي، گەپ - سۆز بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان قىلغىلى بولامدۇ" دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كوممۇنىست پارتىيە توپۇلاڭغا، بۇلاڭچىلىققا، مىلتىققا تايىنىپ قۇرۇلغان ئىدى، يەنە شۇنىڭغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ماۋ زېدوڭ "جاھاننى مالىمان قىلىپ ئاندىن تۈزەش كېرەك، 7 - 8 يىلدا بىر قېتىم شۇنداق قىلىپ تۇرۇش كېرەك" دېگەن ئىدى.
ماۋزېدوڭ مانا شۇنداق 7 - 8 يىلدا بىر قېتىم مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، مالىمانچىلىقنى بانا قىلىپ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كوممۇنىست پارتىينىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلەرمۇ شۇنداق قىلىپ كېلىۋائىتدۇ. دېمەك قىرغىنچىلىق قىلىش خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىردىن ۋاستىسى بولۇپ كەلدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى قىرغىنچىلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا
"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"دە ئېلان قىلىنىۋاتقان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا"دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن بىگۇناھ ئادەم سانى 50 مىليوندىن ئاشىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى قىرغىنچىلىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ يەر - زېمىنگە ۋە مال - مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يېزىلاردا يەر ئىگىلىرىنى قىرسا، شەھەرلەردە بۇرژۇئازىلارنى قىرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۈستقۇرۇلما جەھەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پارتىيىگە قارشى گۇرۇھلارنى باستۇرۇش، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، ئەكسىيەتچى دىنى تەشكىلاتلارنى پاچاقلاش، زىيالىيلارنى ئۆزگەرتىش دېگەن ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى.
كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسى جەھەتتىكى مۇتلەق رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ خەلقنى بىر- بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىپ ئۆلتۈرۈشنى يولغا قويدى. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى سىياسى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىئەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغان خەلقنى قوراللىق باستۇردى. كوممۇنىست پارتىيە جەمىيەتتە ئۆزىنىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرىدىغان فالۇنگوڭنى باستۇردى.
دۇنيادا كوممۇنىزم گۇمران بولۇپ، كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەر پارچىلىنىپ، ئىزىلگەن مىللەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشىشكە باشلىغاندىن كېيىن ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلققە قارىتا قاتتىق باستۇرۇشنى يولغا قۇيۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك - مۇستەقىللىققا ئېرىشىشىنى توسۇشقا باشلىدى.
پەقەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كىشىلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ تۇرالايدۇ
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىش خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلايدىغان بىردىن- بىر ئۇسۇلى. قىرغىنچىلىق قىلغانسىرى، ئۇ قانلىق قىلىچىنى تاشلىيالمايدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتايدا 1949 - يىلىدىن كېيىن سىياسى جەھەتتە زەربىگە ئۇچرىغان ئادەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇس سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپراقىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايدا غەيرى نورمال ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم سانى 5 0 مىليوندىن 80 مىليونغىچە بولۇپ، پەقەت مۇشۇلا ھەتتا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈن دۇنيادا ئۆلگەن ئادەم سانىدىنمۇ كۆپ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۇنيادىكى باشقا كوممۇنىست پارتىيىلەرگە ئوخشاش خەلققە قارىتا قىرغىنچىلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆز ئىچىدىكى ئاز - تولا ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بار كىشىلەرگىمۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ. پەقەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كىشىلەرلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ تۇرالايدۇ.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاپ ئادەم ئالدايدۇ
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پات - پات ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاپ، پارتىيىنىڭ خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى تېررورلۇق، ۋەھشىيلىك ئوبرازىنى يوق قىلىشقا تىرىشىدۇ.
مەسىلەن، خەلق خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرىدىغان پارتىيە بولۇۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ياتلارنى جازالاپ قۇيۇپ، ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلەر ئۆزىنى قوغدايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھېچقاچان ئۆزگەرگەن ئەمەس. ھەر قانداق بىر نورمال جەمىيەتتە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە كۆيۈنىدىغان، بىر - بىرىنى سۆيىدىغان مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.
خىتايدا قەدىمكى زاماندىمۇ "ئۆزەڭ راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغا تەڭلىمە" دەيدىغان ئەدەپ - قائىدە بار ئىدى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلققە پۈتۈنلەي خەلق ئۆزى خالىمايدىغان كوممۇنىزم دېگەن نەرسىنى تاڭدى، قورال كۈچى ئارقىلىق مەجبۇرىي تاڭدى. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ "كۆرەش" پەلىسەپىسى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە مۇھەببەتنى يوق قىلىپ، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىپ تۇردى. خەلقنى پارتىيە ئۆزى قىرىپلا قالماي، بەلكى خەلقنى ھەم بىر - بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىپ ئۆز - ئارا قىرغىنچىلىق قىلغۇزدى. بىز بۇنى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەركىتتە كۆردۇق، ھازىرمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېزىلاردا "يەر ئىسلاھاتى" دەپ ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا يەر ئىسلاھاتىنى ئادەم ئۆلتۈرمەيمۇ قىلغىلى بولاتتى. مەسىلەن، تەيۋەندە بۇنداق مەسىلە يەر- زېمىننى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىنغان ئىدى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى ئەسلىدىلا بۇلاڭچى، باندىتلاردىن كېلىپ چىققاچقا، ئۇ قانخورلوقتىن ۋاز كەچمىدى.
چوڭ قۇرغلۇقتىكى يەر ئىسلاھاتى، ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېزىلاردا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى بولدى. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 1951 - يىلى 2 - ئايدا "ئەكسىيەتچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ئاز بولغان رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ ئادەم تۇتۇش كېرەك، يېزىلاردا ئۆلتۈرىلىدىغان ئادەم نىسبىتى مىڭدە بىردىن كۆپراق بولۇش، شەھەرلەردە مىڭدە بىردىن ئازراق بولۇش كېرەك" دەپ يوليۇرۇق چۈشۈرگەن. بەزى جايلاردا ھەتتا "ئىغۋا تارقاتقانلارنىمۇ دەرھال ئۆلتۈرۈش كېرەك" دېگەن ماددا بەلگىلەنگەن.
خىتاي كوممۇنىست پاتىيىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى 3 - نومۇرلۇق ئەربابى تاۋجۇ ئەپەندى "ھەر بىر مەھەللىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك، ھەر بىر ئائىلىدىنمۇ كۆرەش قىلىنىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك" دەپ ۋەزىپە بەلگىلىگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى "مىڭدە بىر" دېگەن نىسبەتنى نېمىگە ئاساسەن بەلگىلىگەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ئەمما، ئەمەلىيەت شۇنداق بولدىكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېزىلاردىكى يەر- زېمىن ئىگىلىرىنى "زومىگەر" دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى "مىڭدە بىر" دېگەن نىسبەتكە توغرىلاپ ئۆلتۈردى. بۇ ئارقىلىق قالغان كىشىلەرنى قورقۇتۇپ - يۈرىگىنى مۇجۇپ ئىدارە قىلماقچى بولدى.
ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن جىنايى نام توقۇپ چىقتى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پاتىيىسىنىڭ يەر ئىسلاھاتى جەريانىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى --- مەلۇم بىرىكىشىنى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن پارتىيە ئۆزى "ئاكتىپلار" دەپ تاللىۋالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا جىنايى نام توقۇپ چىقىش، شۇ ئاساستا كۈرەش يىغىنلىرىنى ئېچىش، كۈرەشكە ئېلىنغۇچى شۇ ئويدۇرۇپ چىقىلغان پاكىتلارغا ئىقرار قىلمىسا، ئاكتىپلار "ئۆلتۈرۈش كېرەك" دەپ ۋاقىراش، بۇ ئاۋازغا ئاساسەن پارتىيىنىڭ يىغىن باشقۇرغان قوراللىق يەر ئىسلاھات كادىرلىرى دەرھال قارار چىقىرىپ نەق مەيداندىلا ئېتىپ تاشلاشتىن ئىبارەت بولغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر "ئەكسىيەتچى" دېگەن نام بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 2 مىليون 400 مىڭ. بۇ جەرياندا ناھىيە دەرىجىلىكتىن جاجاڭلارغىچە بولغان گومىنداڭ خادىملىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 5 مىليوندىن ئارتۇق. بۇ ئىككى ساننى قوشقاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەر ئىسلاھاتىدا ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى 10 مىليونغا يېتىدۇ.
پارتىيە ياچىكىلىرى يېزىلارنى ئىگەللەپ بولغاندا يەر ئىسلاھاتى ئاخىرلاشتى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يەر ئىسلاھاتىدىن بۇرۇن، يېزىلار دىنى تەشكىلاتلار ئاساسىدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلاتتى، يېزا ئاقساقاللىرى ئاساسەن بايلار ياكى دىنى يېتەكچىلەردىن تەركىپ تاپقان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى يەر ئىسلاھاتىدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەندىن كېيىن، يېزىلارنى پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياچېكىلىرى ئېگەللىدى. پارتىيىنىڭ يېزا كادىرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن بايلارنىڭ خۇتۇن - قىزلىرىنى ئېگەللەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۈلكىگىمۇ ئىرىشتى. خىتاي كوممۇئىست پارتىيسى يېزىلاردىكى يەر ئېگىلىرىنى، دىنى رەھبەرلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن يېزا خەلقىنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويۇپ باشقۇرۇشقا باشلىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇلاڭچىلىق، باندىتلىقتىن كېلىپ چىققان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا "خىيانەتچىلىك پارىخورلۇق ئەۋج ئالغان ئىدى. بۇ چاغدا، 1951 - يىلى 12 - ئايدا، مەركىزى كومىتىتى "خىيانەتچىلىككە، ئىسراپخورلۇققا، بىئۇگراتلىققا قارشى تۇرۇش" دەپ ئاتالغان " 3كە قارشى تۇرۇش" ھەرىكىتىنى ۋە پارخورلۇققا، باج ئوغۇرلاشقا، دۆلەت مۈلكىنى ئوغۇرلاشقا، مەھسۇلاتقا ماتېرىيالنى كام ئىشلىتىشكە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغۇرلاشقا قارشى تۇرۇش دەپ ئاتالغان "5 كە قارشى تۇرۇش" ھەرىكىتىنى قوزغاپ، شەھەرلەردىمۇ قىرغىنچىلىق قىلىشقا، پۇل - مال ئېگىلىرىنى بۇلاش-تالاشقا باشلىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شاڭخەي شەھرىنىڭ باشلىقى چېن يى ئەپەندى بايلار ئازاپقا چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈشكە باشلىغان ئەھۋالنى كۆرۈپ "دۈشمەنلەر ئاسماندىن پاراخۇت بىلەن چۈشمەكتە" دەپ قاقاھلاپ كۈلگەن. بەزى بايلار خوڭكوڭغا قېچىپ كەتسە، ئۇلارىڭ بالا- جاقىلىرىنى داۋاملىق باج تۆلەشكە قىستىغان. شۇ ۋاقىتتا شەھەر خەلقى بىنادىن سەكرىگەنلەرنى كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، بىنالارنىڭ يېنىدىن مېڭىپ ئۆتۈشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان. 1996 - يىلى پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن "دۆلىتىمىز قۇئۇرلغاندىن بۇيانقى سىياسى ھەرىكەتلەر" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، "خۇفېڭ گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇش" دېگەن ھەرىكەتتە 5000 دىن ئارتۇق ئادەمنى شۇ دېلوغا چېتىۋالغان. "3 كە قارشى"، "5 كە قارشى" دېگەن ھەرىكەتتە 323 مىڭ 100 ئادەم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (1-2)
- خىتاينىڭ 55 يىلى (2)
- خىتاينىڭ 55 يىلى (1)
- پۇلنىڭ پىرىۋوت نىسبىتىنى ئەركىن قويىۋېتىش ۋاقىت جەدىۋىلىنى خىتاي يەنە رەت قىلدى
- خىتايدىكى ھوقوق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە تەسىرى بار؟ (4)
- خىتاينىڭ تاۋۇز چاغىنىدىكى ھەشەمەت ۋە يىغا - زار
- خىتايدىكى ھوقوق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە تەسىرى بار؟ (3)
- خىتايدىكى ھوقوق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە تەسىرى بار؟ (2)
- خىتايدىكى ھوقوق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە تەسىرى بار؟ (1)
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى قاچان گۇمران بولىدۇ (4)