خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (2)خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى(1)


2004.12.06

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى(1)

ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە ھەرگىز رەھىمدىللىق سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى.

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىق

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا يېزىلاردا ئېلىپ بارغان يەر ئىسلاھاتى، شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان خۇفېڭ گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇش، 3 كە قارشى، 5 كە قارشى دېگەن سىياسى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خەلق ئىچىدە دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دەپ ئاتالغان ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىنى قوزغاش ئارقىلىق ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ خەلقنى قىردى.

1994 - 2 - ئايدا قىزى بايراق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان "جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەشتىن كېيىن، 1959 - يىلىدىن 1961 - يىلىغىچە پەيدا بولغان چوڭ ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانى 40 مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ، ئۆتكەن ئەسىردە دۇنيادا پەيدا بولغان ئەڭ چوڭ ئاچارچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزى پەيدا قىلغان بۇ "چوڭ ئاچارچىلىقنى" نى "3 يىللىق تەبىئىي ئاپەت" دەپ ئاتىۋالدى. ئەمەلىيەتتە، شۇ يىللاردا شىددەتلىك تايفون بورىنى، قىيان - تاشقىن ياكى چوڭ قۇرغاقچىلىق، قۇرۇت - ھاشارەت ياكى دەھشەتلىك مۆلدۈر، قىرو-ئۈششۈك دېگەندەك پەۋقۇلاددە تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پەيدا قىلغان "زور بالايى ئاپەت" ئىدى.

چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دېگەن ھەرىكەتتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەممە ئادەمنى چۆللەردە ئوتۇن يىغىپ، تاغلاردا رودا قېزىپ، ئۆڭكۈر قېزىپ -ئوچاق ياساپ پولات - تۆمۈر تاۋلاشقا ھەيدەپ چىقىپ كېتىپ، ئېتىزلاردىكى كۈزلۈك ھوسۇلنى يىغىدىغان ئادەم قالمىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ ھەرىكەتتە خىتاي كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىدا مۇبالىغىچىلىق چېكىدىن ئاشتى. لىئۇجۇ ۋىلايىتىنىڭ شۇجىسى "خۇئەنجاڭ ناھىيىسىدە بىر مو يەردىن 130 مىڭ جىڭ شال ھوسۇل ئېلىندى" دەپ مۇبالىغىچىلىق قىلىپ نەمۇنىچى بولدى. جايلاردا مۇبالىغە قىلىنغان سانغا ئاساسەن دېھقانلاردىن باج ئېلىنغاچقا، دېھقان باج تاپشۇرغاندىن كېيىن قولىدا ئۇرۇغ، يېمەكلىك ئۈچۈن ھېچنىمە قالمىغان ئىدى. بەزىلەر ھەتتا كەلگەن باجنى تاپشۇرالمىغان. باج تاپشۇرالمىغانلارنى "ئاشلىقنى يوشۇردى" دېگەن جىنايى نام بىلەن جازالىدى. پارتىيە شۇجىلىرى "ئادەم ئۆلىدىغان ئىش دائىم بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ بېجىنى تاپشۇرماي بولمايدۇ" دەپ بۇرۇق چۈشۈرۈپ تۇردى. كادىرلار يېزىدا كىمنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقسا، ئۇنى "ئاشلىقنى يۇشۇرۇپ ئۆيىدە تاماق قىلدى" دەپ مەلۇم قىلىپ جازالاتتى. شۇ سەۋەبتىن دېھقانلار ئۆيىدە ياۋايى ئوت- چۆپلەرنى پۇشۇرۇپ يېيىشكىمۇ پېتىنالمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرگەن ئىدى.

بەزى مەھەللىلەردە جەسەتلەرنى كۆمىدىغان ئادەممۇ قالمىغان

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇرۇنقى زامانلاردا ئاچارچىلىق يۈز بەرسە، ھۆكۈمەت ئۇماچخانا قۇرۇپ، ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا بىر قوشۇق بولسىمۇ يېگىلى بىرنېمە بېرەتتى. ئۇلارنى توقچىلىق رايونلارغا بېرىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى.

ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "پارتىيىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ" دەپ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن رايونلاردا مەھەللىلەرگە پوست قويۇپ، ئاچ قالغان دېھقانلارنى سىرتقا ماڭغۇزمىدى. ئاچ قالغان دېھقانلار ھۆكۈمەتتىن ئىسكىلاتلارنى ئېچىپ خەلقنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارنى "ئەكسىل ئىنقىلابى توپىلاڭ كۆتۈردى" دەپ باستۇردى. گەنسۇ، خېنەن، ئەنخۇي، خۇبېي، سىچۇئەنلەردە بەزى مەھەللىلەردە ئاچ قېلىپ يوللاردا يىقىلىپ قېلىپ ئۆلگەن دېھقانلارنىڭ جەسىتىنى يىغىپ كۆمىدىغان ئادەم قالمىغان.

ئاچارچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان جايلاردا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى يېگەن

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن توققۇز پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يازغۇچى ساچىڭنىڭ "دادىۋەندىكى غەلىتە ۋەقەلەر" دېگەن ئوچىرىكىدا، ئاچارچىلىق ئېغىر بولغان جايلاردا كىشىلەر جەسەتلەرنى توغراپ پۇشۇرۇپ يېگەنلىكى، ئۇمۇ تېپىلمىغاندا بالىلىرىنى ئۆز - ئارا ئالماشتۇرۇپ يېگەنلىكى جاي نامى ۋە ئادەم ئىسمى بىلەن كونكېرت خاتىرىلەنگەن.

1959 - يىلى لۇسەن يىغىنىدا ۋىجدانى بار ئەمەلدارلاردىن پېڭ دېخۇئەي ئەپەندى بۇ ۋەقەلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ماۋ زېدوڭ ئۇنىڭغا "ئوڭچى" دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدە دۆلەتنىڭ ئىسكىلاتى ئاشلىققا تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى كۆپ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە سەۋەپچى بولغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شۇجىسى خې جىڭنەن بىلەن باي ناھىيىنىڭ شۇجىسى خې رۇي دېگەن كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىماي، ئەكسىچە مۇكاپاتلاپ، ئەمەلىنى ئۆستۈرگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.