ئالدىنقى پروگراممىلاردا "يەر ئىسلاھاتى"، "ئۈچكە قارشى تۇرۇش"، "بەش كە قارشى تۇرۇش" دېگەن ھەرىكەتلەر ۋە "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دەپ ئاتالغان ھەرىكەتتىن كېيىن پەيدا بولغان چوڭ ئاچارچىلىق ھەققىدىكى قىسمى بېرىلگەن ئېدى. بۈگۈنكىسى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتىن تيەن ئەنمېن ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى فالۇنگوڭنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگىچە بولغان جەريان ھەققىدىكى بايانلار
"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دا 100 مىليون ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن 9 پارچە باش ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا، 1966 - يىلى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى باشلانغان "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەت "10 يىللىق بۇلاڭچىلىق" دەپ ئاتالغان.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، "جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر" دېگەن كىتابتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە قولغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەن ئادەم سانى 4 مىليون 200 مىڭ. غەيرى نورمال ئۆلگەن ئادەم سانى 1 مىليون 728 مىڭ، ئەكسىلئىنقىلابچى دەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئادەم سانى 135 مىڭ. ھەركەت جەريانىدىكى ئەلەم كۈرىشىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 237 مىڭ، يارىلانغان ئادەم سانى 7 مىليون 30 مىڭ، ۋەيران بولغان ئائىلە 71 مىڭ 200.
كوممۇنىست پارتىيە ئېلان قىلغان بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنىش قىيىن، ئەمما نېمىلا بولسۇن، بۇ، 1985 - يىلى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئوڭچىلىرى ماۋ زېدوڭچى سولچىلارنى تەنقىدلەش ئۈچۈن تەييارلاپ ئېلان قىلغان سان. بۇ بېيجىڭنىڭ خەۋىرى بار جايلاردىن ئېلىنغان سان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئەمما شىنجاڭ، تېبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، يۈننەنلەردە بولۇپ ئۆتكەن ئەڭ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلار ئاشكارا بولىغىنى يوق، ئۇنى تېخى دۇنيا بىلمەيدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى يېزىشقا جۈرئەت قىلغان ياكى جۈرئەت قىلىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەر ئاللىقاچان يوقىتىۋېتىلگەن. 80 - يىللاردا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ باش شۇجىسى بولغان خۇياۋباڭ ئەپەندىمۇ يۇگۇسلاۋىيە مۇخبىرىغا "مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا 100 مىليون ئادەم، يەنى پۈتۈن نۇپۇسنىڭ 10 دىن بىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى" دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا نۇرغۇن ئالىملار ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىغان
"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سولچىلىرى ئالجىغان ئىدى. ئۇ چاغدا بىلىملىك كىشىلەرنى كەمسىتىدىغان ھەتتا ئالجىپ، بىلىملىك ئادەملا بولسا ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ، خورلاپ ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان كىشىلەر "سىنىپى دۈشمەنلەرگە ئۆچمەنلىكى بار" راست "ئىنقىلاپچى" دەپ ئاتىلاتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئازابقا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئەھۋال كۆپەيگەن ئىدى. لاۋ شې، فۇ لېي، ۋۇ خەن، چۇئەن پىڭ ۋە ئۇيغۇر مىللىتىدىن كېلىپ چىققان جەن بوزەن قاتارلىق ئەينى ۋاقىتتا خىتايدىكى ناھايىتى مەشھۇر زىيالىيلار دەل شۇنداق شارائىتتا ئازابقا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش يولنى تاللىغان.
خىتايدا دۆلەت ئىشىكى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن دۇنيا "راست تيەن ئەنمېن" نى كۆردى
دېڭ شاۋپىڭ خىتايدا سولچىلىققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكى دۇنياغا ئېچىۋېتىلغاندىن كېيىن، خىتايدا دۇنيا بىلەن بولغان ئۇچۇر-ئالاقە پەيدا بولدى. خىتايغا چەتئەللىكلەر كۆپلەپ كېلىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 30 نەچچە يىل ئىچىدە دۇنيا خىتايدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتىن خەۋەرسىز ئىدى. ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، دۇنيا ھەتتا 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭنىڭ تيەن ئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تانكا بىلەن قانداق باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك كۆردى.
1999 - 2002 - يىلىغىچە ھەر كۈنى يەتتە فالۈڭوڭچى ئۆلتۈرۈلدى
1989 - يىلىدىكى تيەن ئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتۇشقا باشلاپ 10 يىل ئۆتكەندە، 1999 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇشقا كىرىشىپ، 2002 يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر فالۇنگوڭچىلاردىن 7000 كىشىنى ساقچى پونكىتلىرىغا قاماپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرغا ئەۋەتىپ، تۈرمىلەرگە سولاپ، روھى كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىدا خارلاپ- ئازابلاپ ئۆلتۈردى. ھېساپلاپ كۆرىدىغان بولساق، مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا ھەر كۈنى يەتتە نەپەر فالۇنگوڭچىنى ئۆلتۈرۈپ ماڭدى. (ۋەلى)