خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (4)

ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە ھەرگىز رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. قوللانغان ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى قەبىھ بولدى.

"مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دا ئەلەم كۆرىشىنى ماۋ زېدوڭ باشلىغان

"خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئەلەم كۆرىشىنى ماۋزېدوڭ باشلىغان.

1968 - يىلى 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ماۋ زېدوڭ تيە ئەنمېن راۋىقىدا قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ ئىسمى سوڭ بىنبىن ئىدى. بۇ ئىسىم نازاكەتلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ماۋ زېدوڭ ئۇنىڭغا "نازاكەتلىك بولماي ئەلەم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇش كېرەك" دەپ يوليورۇق بېرىپ "قىزىل قوغدىغۇچى" دېگەن يەڭ بەلگىسىنى تاقاپ قويغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتە "ئەلەم بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك" دېگەن ئەڭ ئالى يوليورۇق ئوقۇلۇپ، پومېشچىك، باي دېھقان، ئەكسىلئىنقىلاپچى، بۇزۇق ئۇنسۇر، ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش باشلاندى. جەمىيەتتە "قىزىل قوغدىغۇچى" دېگەن بەلگە تاقىۋالغانلارنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى چېكىدىن ئاشتى. لۆ ۋېن ئەپەندىنىڭ "داشىڭنى تەكشۈرۈش دوكلاتى" دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، داشىڭ ناھىيىسىدىكى 13 كوممۇنا، 48 ئەترەت دائىرىسىدىلا 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە بولغان بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 325 ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

"مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئاز دېگەندە نوپۇسنىڭ يېرىمى زەربىگە ئۇچرىدى

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنكى 50 نەچچە يىل ئىچىدە، ھەر خىل سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىنى ئېنىقلاش قىيىن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوراللىق بېسىۋالغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قارىتا باشقىچە ناملار بىلەن قىرغىنچىلىق قىلغان تەپسىلى ساننى ئېنىقلاش تېخىمۇ قېيىن. ئەمما، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قەۋرىستانلاردا تىزىملىكتە ئىسمى بارلىكى ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىن ۋەيران بولمىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. مۇتلەق كۆپۈنچىسىنىڭ خوتۇن - بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ئۆلگۈچىدىن چېگرا ئايرىشقا بۇيرۇق قىئىلىغان. ئۇلار ئۆي - تۇرالغۇلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىنكى سەرسانلىقتا يا مەجرۇھ بولۇپ يا ساراڭ بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھەرىكەتتە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان "ئۆگىنىش كۇرس" لىرىغا كىرىپ قالغانلار ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالدى. ياپونىيىدە چىقىدىغان "سودا خەۋەرلىرى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە يېرىمى زەربىگە ئۇچرىدى. يۈز مىليونلىغان ئائىلە ۋەيران بولدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىنقىلاپنى ئېكىسپورت قىلىپ، خوشنا دۆلەتلەردىمۇ قىرغىنچىلىق پەيدا قىلدى

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىنقىلابنى چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق خوشنا دۆلەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. پەقەت بىر كامبودىيىنىلا مىسالغا ئالىدىغان بولساق، كامبودىيىلىك بوربوت ئەپەندى 1965 - يىلى 11 - ئايدا خىتايغا كېلىپ "مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ" دېگەن دەرسنى 3 ئاي ئوقۇغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ بېرىپ كوممۇنىست پارتىيە قۇرغان. كامبودىيە كوممۇنىست پارتىيىسى 68 - يىلى ئارمىيە قۇرۇپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى 3 مىڭدىن ئاشقان. بوربوت گۇرۇھى 75 - يىلى 4 - ئايدا كامبودىيىنىڭ پايتەختىنى ئىگىلىگەندە، ئۇنىڭ قولىدىكى قوراللىق قوشۇننىڭ ئادەم سانى 80 مىڭغا يەتكەن.

ۋاڭ شەنگېن يازغان "ۋېتنامغا ياردەم بېرىپ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش خاتىرىسى" دېگەن كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى 30 مىڭ ئادىمىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوراللاندۇرغان. بۇ قوشۇن كامبودىيىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان خىتاي ئاھالىلىرىدىنمۇ 200 مىڭ ئادەمنى قىرغان. بۇ گۇرۇھ كامبودىيىنىڭ مىراسخور پادىشاسى سىخانۇكنىڭ ئىككى شاھزادىسىنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندا، بوربوت گۇرۇھى بېيجىڭدىكى جۇۋ ئېنلەينىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، سىخانۇكنى دەرھال بېيجىڭگە ئەكىلىپ قويغان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاشكارا قىرغىنچىلىقى 1930 - يىللاردىلا باشلانغان

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قىرغىنچىلىق قىلىشنى 1930 - يىللاردىلا باشلىغان ئىدى.

ئەينى يىللاردا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى خۇۋېر كىشىلەرنى بىر ئۇقۇپ ئويلاپ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلغان بىر كىتاب بار. ئۇ، لېي جېڭيۋەن ئەپەندى 30 - يىللاردا يازغان "خىتايدا ئىچكى دۈشمەن كىم" دېگەن كىتاب ئىدى. بۇ كىتابتا تەسۋىرلىنىشىچە، بىر كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى مەكتەپكە بېرىپ، مۇئەللىملەرنى مەجبۇرلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى تىزىلدۇرۇپ چىقىپ دۆلەت شېئىرى ئوقۇتقان. نەق مەيداندا ياپونغا قارشى تۇرغان ياشلاردىن 13 كىشىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا باغلاپ چىقىپ، ئۇلارنى بىر - بىرلەپ قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن. قارنىنى يېرىپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋالغان. دۆلەت شېئىرى ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئاۋازى بۇغۇلۇپ ناخشىسى بۇزۇلغان.

ئاپتورنىڭ ئىزاھات بېرىشىچە، كوممۇنىستلار ياش بالىلارنى قىرغىنچىلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن خەلقنى قورقىتالمايدىغان بولۇپ قالغاندا، يەنە ھەرخىل دەھشەتلىك ئادەم قىيناش ئۇسۇللىرىنى، مەسىلەن، ئۇچۇق - ئاشكارا سورۇندا تېرىسىنى سويۇپ ئۆلتۈرۈش، تۇزلۇق سۇ ئىچكۈزۈپ قۇيۇپ سۇ بەرمەي ئۇسسىتىپ ئۆلتۈرۈش، داش قازاندا قاينىتىپ ئۆلتۈرۈش، مۇزدا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلغان.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر خەلق ئىچىدە ئۇچۇق - ئاشكارا قىرغىنچىلىق قىلىشنى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش، ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە ھۈكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى قىلىپ تاللىۋالغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)