ماۋزېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە ھەرگىز رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمىلىيەت دەل شۇنداق بولدى. قوللانغان ئۇسۇلىمۇ ناياھىتى قەبىھ .
خىتاي كوممۇنىست ماركسىزمنى تەرەققى قىلدۇرمىدى، بەلكى تارىختىن بۇيانقى ھەممە ئەسكىلىكنى توپلاپ ۋارسلىق قىلدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش نەزەرىيىسى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنى ماركسىزم -لېنىنىزمنى تالانتلىق بىلەن، ئىجادكارلىق بىلەن تەرەققى قىلدۇردى، دەۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ماركسىزمنى بۇرمىلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەممە ئەسكىلىك ۋە زۇلۇم شەكىللىرىنى توپلاپ ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلدى. "كوممۇنىزم جەمىيىتى" دېگەن خىيالى نەرسە بىلەن خەلقنى ئالداپ ئەنئەنىۋى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى بۇزدى؛ سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئىنسانىيەتتىكى ئېتىقاتلارغا رىقابەت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئەنئەنىلەرنى يوقىتىپ دىنسىزلىقنى تەشەببۇس قىلدى.
دۆلەتنى لېنىنچە زوراۋانلىق ئىنقىلاب ۋاسىتىسى بىلەن ئىدارە قىلدى. "ئىقرار قىلسا كەڭچىلىك قىلىش، قارشىلىق كۆرسەتسە قاتتىق جازالاش" دەپ ئاتالغان يالغان سىياسەت ئارقىلىق خەلقنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە شەرتسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق دېكتاتورلۇقنى "ئىنقىلاب" دەپ ئاتىۋىلىپ، بۇ ئارقىلىق يېزىلاردا يەر ئىگىلىرىنى يوقىتىپ يەرلەرنى، شەھەرلەردە كاپىتالىستلارنى يوقىتىپ پۇل ۋە بايلىقلارنى بۇلاپ - تالاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن "ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىدىغان كوممۇنىزم" قۇرىۋالدى.
"ئىدىيە ئۆزگەرتىش" ئارقىلىق خەلق ئىچىدىكى يېڭى ھېس- تۇيغۇلارنى يوقىتىپ ماڭدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، "ھەقىقەتنى سۆزلەش" ، "ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش" ، ‘ئاجىزنى بوزەك قىلماسلىق، زوراۋانغا تىز پۈكمەسلىك" ، "ئەلنى نەزەردە تۇتۇش، شەخسىنى ئىككىنجى ئورۇنغا قويۇش" ، "ئەلنى گۈللەندۈرۈش ھەممە ئادەمنىڭ بۇرچى" ، "رەھبەرلەرنىڭ بۇرچى ئەلگە ياخشىلىق ياغدۇرۇش" دېگەن سۆزلەر ھەممە ئادەمگە تۇنۇش سۆز. بۇ، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان جەمىيەتتە تەشەببۇس قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ دۇردانىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى بۇنداق ئەنئەنىۋى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن زىيالىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ مېڭىسىنى يۇيۇش، جەمىيەتتىكى بۇرژۇئازىيە ئىدىيىسىنى تەنقىتلەشنى يولغا قويدى. ھەتتا خەلقنىڭ ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئەدەبىيات، سەنئەت، درامما، تارىخ، مائارىپ ساھەلىرىدە قانداقتۇر بىرەر كىتابنى تەنقىد قىلىشنى باھانە قىلىپ چوڭ ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغاپ، قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىپ خەلقتىكى يېڭى ھېس- تۇيغۇلارنى يوقىتىپ ماڭدى.
"ئىدىيە ئۆزگەرتىش" ئۈنۈم بەرمىگەندە مۇنتىزىم ئەسكىرى قوشۇن بىلەن خەلقنى باستۇردى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى شۇ قەدەر كۆپ روھى زەربە ئارقىلىقمۇ خەلقنى تەلتۈكۈس بويسۇندۇرالمىدى.
80 - يىللارغا كەلگەندە، خەلقنىڭ كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ خىيانەتچلىك - چېرىكلىكىگە قارشى تۇرۇش ئاۋازى يەنە كۆتۈرۈلدى. بۇ چاغدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇنتىزىم ئەسكىرى قوشۇن بىلەن خەلقنى باستۇردى. بېيجىڭنىڭ تىئەنئەنمېن مەيدانىدا بولۇپ ئۆتكەن شۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا، خىتاي كوممۇئىست پارتىيىسى ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك قوزغاش ئۈچۈن ھەربى ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرگەن، ئارمىيە سولداتلىرىنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشلەرنى قانداق پىلانلاپ پەيدا قىلغانلىقى كىشىلەرنىڭ تېخىچە ئېسىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.
ئالدامچىلىق ئۈنۈم بەرمىگەنسىرى، كوممۇنىست پارتىيە ساقچى قوشۇنىنى شۇنچە كۆپەيتمەكتە
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ جىيانىيەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن گېزىت - ژورنال، رادىئولارنى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىپ، خەلقنى ئەركىن سۆزلەتمىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى "دۈشمەن رادىئوسىنى ئاڭلىدى" دەپ باستۇردى. جاڭ زېمىن پۈتۈن خەلقنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ساقچى، ئەدىلىيە قاتارلىق پۈتۈن قانۇن سىستېمىسىنى ئىشقا سالدى. "ھەرگىز كەڭچىلىك قىلماسلىق" دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. خەلق ئىچىدە ئالدامچىلىق ئۈنۈم بەرمەي، خەلقنىڭ قانۇنىي يول بىلەن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۆرىشى ئەۋج ئالغانسىرى ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ساقچى قوشۇنلىرىنى شۇنچە كۆپەيتمەكتە.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىۋېرىپ، ئاخىر خەلقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ بولدى. ھازىر دۆلەتتە سايلام بولسا كوممۇنىستلارنى ھېچكىم سايلىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ خەلقنى باستۇرۇپ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا بىر نەچچە مىليون كىشىلىك ساقچى قوشۇننى تەييارلاپ تۇرماقتا. (داۋامى بار) (ۋەلى)
