خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە توققۇز باھا (6)

ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە ھەرگىز رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكالىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. قوللانغان ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى قەبىھ .

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى ئالدىدا ماڭىدۇ

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن 9 پارچە ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش مودېلى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان.

ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. ئۇنىڭ تەشۋىقاتى پاكىتلارنى بۇرمىلاش، توقۇپ چىقىش ئاساسىدا نەشر قىلىنىدۇ. مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلقنى تەربىيىلەپ، دۈشمەنلەرگە نەپرەتلىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن "ئاق چاچلىق قىز" دېگەن ھېكايىنى خەلق چۆچەكلىرىدىن ئۆزگەرتىپ، "ليۇ ۋېنسەي" ئوبرازىنىمۇ بۇرمىلاپ يېزىپ، تەييارلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ئۇسۇلنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا. ھەتتا بۇ ئۇسۇلنى ھازىر دۇنياغىمۇ كۆتۈرۈپ چىقتى. ھازىر فالۇنگوڭنىڭ ئوبرازىنى بۇرمىلاپ دۇنياغا كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تېبەتلەرنىڭ مىللەت ئوبرازىنىمۇ دۇنياغا بۇرمىلاپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقنى باستۇرۇش تاكتىكىسى

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن9 پارچە ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيان، بۇ قېتىم "بىر ئۇچۇم" دۈشمەن دەپ ، يەنە بىر قېتىمدا يەنە "بىر ئۇچۇم" دۈشمەن دەپ بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلققە زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزىۋالغان "مۇتلەق كۆپ سانلىق" ۋە "بىر ئۇچۇم" ياكى 95٪ ۋە 5٪ دېگەن رامكىغا ئاساسەن، بىر نەچچە يىلدا بىر قېتىم سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىيەتتە بىر تالاي ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش مودېلى

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن 9 پارچە ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى جەمىيەتتە تونۇلغان ئادەملەردىن بىر نەچچىسىگە زىيانكەشلىك قىلماي ئۇلارنى ساقلاپ قېلىپ، دۇنياغا ئۆزىنى قىرغىنچىلىق قىلمىغان قىلىپ كۆرسەتتى.

مەسىلەن، گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىراللىرىدىن لوڭ يۈن، فۇ زويى، دۇ يىمىن دېگەندەك كىشىلەرنى ئۆلتۈرمەي ساقلاپ قالدى. ئەمما، گومىنداڭنىڭ ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى، ھەتتا ئادەتتىكى ئەسكەرلىرىنىمۇ ئاساسەن ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان "بىرنەچچىنى ساقلاپ قېلىپ، بىر تالاينى ئۆلتۈرۈش" مودېلىنى قوللانغاندىن باشقا يەنە "بىرنى ئۆلتۈرۈپ مىڭنى چۆچۈتىش" تاكتىكىسىنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردا يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان پۇقرالارغا قارىتا "دۈشمەننى بىخىدىلا يۇقۇتۇش" ، "قاتتىق زەربە بېرىش" دېگەن يېڭىچە قىرغىنچىلىق مودېلنى قوللاندى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قانلىق قىلىچىنى تاشلىدىمۇ؟

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن 9 پارچە ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرغانلىقتىن، خەلقنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەپسىلى ئىگىلەش قېيىن. بولۇپمۇ شىنجاڭ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، يۈننەنلەردىكى خەلقنىڭ دەردىنى ئۇقۇش تېخىمۇ قېيىن. پەقەت ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغىلا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيانقى ھەرخىل ھەركەتلەردە ئۆلگەن ئادەم سانى 50 مىليوندىن ئاشىدۇ. زەربە بېرىلگەن ئادەم سانى 6 يۈز مىليون، يەنى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 50٪ يېرىمىغا تەڭ. ئۆلتۈرۈلگەن ۋە زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تۇققانلىرى ئۈچۈن ئىچ ئاغرىتىپ ئازاپلاندى. روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولدى. ناھەقچىلىققا چىدىمىغانلىرى ئۆلتۈرۈلدى، مېيىپ بولدى. ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە بولغان ئۆچمەنلىكى قەلبىگە چۇڭقۇر ئورنىدى.

ستالىن ۋە ماۋزېدوڭ

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" دېگەن 9 پارچە ماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ قىرغىنچىلىق قىلىش تارىخى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەبىتى ستالىن بىلەن خىتاينىڭ مۇستەبىتى ماۋ زېدوڭنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش كۆز قارىشى ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ئادەم سانىمۇ نىسبەت جەھەتتە ئوخشاش.

ستالىن "بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى پاجىئە بولسا، ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى پەقەت سان - سىفىردىن ئىبارەت" دېگەن بولسا، ماۋ زېدوڭ "ئادەم ئۆلۈش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش، قايسى سۇلالىدە ئادەم ئۆلمىگەن" دېدى. ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئومۇم نوپۇسنىڭ 10 دىن بىرىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ماۋ زېدوڭمۇ خىتايدا ئومۇم نوپۇسنىڭ 10 دىن بىرىنى ئۆلتۈردى. كامبودىيە كوممۇنىست پارتىيىسى نوپۇسنىڭ 4 دىن بىرىنى ئۆلتۈردى. شىمالى كورىيەدە خەلق ئاچارچىلىققا قېلىپ 1 مىليون ئادەم ئۆلۈپ بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قاتارلىق كوممۇنىست پارتىيىلەر تېخىچە مەۋجۇت، ئۇلار ھېلىمۇ ھەر خىل ئوخشىمىغان شەكىل بىلەن خەلقنى قىرماقتا. (داۋامى بار) (ۋەلى)