"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" پەيدا قىلغان تەسىرلەر

"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارادا خىتاي جامائىتى ئارىسىدا جىددى تەسىر قوزغىماقتا.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھرىدە، نيو-يورك شەھرىدە، لوس ئانجىلىس شەھرىدە، سان-فىرانسېسكو شەھرىدە، كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھرىدە، ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھرىدە، تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھرىدە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا بولۇپ 10 نەچچە چوڭ شەھەردە "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە 9 باھا" ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلغان. نەق مەيدانىدىن خەۋەر قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا:

خىتاي تارىخىدىكى يەنە بىر چوڭ مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى

ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا "كۆزۈتۈش" ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە 9 باھا ناملىق بىر يۈرۈش ئوبزور 2004 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 كۈنىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ماقالىلارنى يېڭى تاڭرېن تېلېۋىزىيىسى ۋە ئۈمىد ئاۋازى رادىئوسىمۇ ئاڭلاتتى. بۇ ماقالىلار خىتاي جامائىتىدە مەنىۋى ، ئىدىيە، سىياسى جەھەتلەردە ناھايىتى چۇڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇ ھازىر خىتاي تارىخىدىكى يەنە بىر چوڭ مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى" دېگەن.

راستچىللىق ۋە ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدىغان ئادەم يوق

ئامېرىكا خرىستىيان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى نيې سېن ئەپەندى "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى 30 نەچچە دۆلەتتىكى 100 دىن ئارتۇق چوڭ شەھەردە 800 مىڭ تىراژ بىلەن تارقىلاتتى. 9 باھا ئېلان قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ تىراژى 500 مىڭ نۇسخا كۆپەيدى. 1 - باھا ئېلان قىلغان كۈنىدىلا، ماقالىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇغان ئادەم سانى 60 مىڭغا يەتتى. 9 - باھا ئېلان قىلىنغان كۈنى، ماقالىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوقۇغان ئادەم سانى 1 مىليونغا يەتتى. شۇ كۈنى 50 نەچچە مۇتەخەسسىس ئىنتېرنېتتە يازما ھېسسىيات ئېلان قىلدى. روشەنكى، راستچىللىق ئىچىدە، ئەركىنلىك ئىچىدە ياشاشنى خالىمايدىغان، كوممۇنىست پارتىيە پەيدا قىلغان سىقىنجىدىن قۇتۇلۇشنى خالىمايدىغان ئادەم يوق" دېگەن.

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ

خىتاي مۇھاجىرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ خېيى ئەپەندى "9 باھانىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلاردىكى خەلق ئۈچۈن ئەيتقاندا، "9 باھا" ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. ھازىر دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەتنىڭ ئىچىدە پەقەت 4 دۆلەتتىلا كوممۇنىست پارتىيە ھوقۇق تۇتىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەتلەردىكى خەلق، ھەتتا ھوقۇق تۇتىۋاتقان كوممۇنىستلار ئۆزىمۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمايدۇ. دېموكراتىيە كوممۇنىست پارتىيىدىن قورقمايدۇ، تىنچلىق ئۇرۇشخۇمارلاردىن قورقمايدۇ" دېگەن.

ماركسىزم - ئىنسانىيەت بىلەن دۈشمەنلىشىشنى مەقسەت قىلغان بىتئەت

ۋاشىنگتوندىكى ئادۋوكات يې نىڭ ئەپەندى "مەن 35 يىل ساقلاپ ئاندىن 9 باھادەك مۇشۇنداق ئەمەلىي ماقالىلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇ ماقالىلاردا خىتايدا 80 يىل ئىچىدە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلغان كوممۇنىست پارتىينىڭ مەنبەسى ماركسىزم ئىكەنلىكى، ماركسىزم بولسا ئىنسانىيەت بىلەن دۈشمەنلىشىشنى مەقسەت قىلغان بىتئەت ئىكەنلىگى شەرھىلەنگەن" دېگەن.

خىتايدىكى ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات -- دۇنيادىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئۇلۇغ ئېقىمنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى

تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتى سىياسىشۇناسلىق پاكولتىتىنىڭ پىروفوسسورى فۇلبىرايت ئەپەندى "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتىن - ئاياق خەلقتىن ئېغىر ئالۋاڭ - سېلىق ئېلىش، قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، كەڭ دائىرىلىك قىرغىنچىلىق ۋاقەلىرىنى پەيدا قىلىش، مىللىي تىل - يېزىق سېستىمىسىنى بۇزۇش، ئەنئەنىۋېي مەدەنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش، بىلىم ئەھلىلىئىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. ھازىر بەزى كىشىلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چوڭ قۇرۇغلۇقتا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتايدا ئاللىبۇرۇنلا ئاچارچىلىق پەيدا بولماسلىقى لازىم ئىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاللىبۇرۇنلا ھازىرقىدىنمۇ ياخشى، خۇددى تەيۋەندەك بولىشى لازىم ئىدى، ئىلىم ئەھلىلىرى شۇ قەدەر كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى لازىم ئىدى. ھازىرقى تەرەققىيات دۇنيادىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئۇلۇغ ئېقىمنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىدەك، شەرقى ياۋروپادىكى كوممۇنىست پارتىيىلەردەك گۇمران بولماي، پەقەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئامالسىز ھالدا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى ، ھازىرمۇ ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا" دېگەن.

ئەركىن سۆزلەشتىن ئېھتىيات قىلىش - كوممۇنىست پارتىيە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە باسقان زۇلۇم تامغۇسىنىڭ تەسىرى

فاڭ فۇلىنىڭ "9 باھا" ھەققىدە يازغان بىر ئوبزورىدا "9 باھا چوڭ قۇرۇغلۇققىمۇ تارقىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. ئەمما خەلق يەنىلا سىياسى سىقىنجى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەركىن سۆزلەشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ. بۇ، دەل كوممۇنىست پارتىيە كىشىلەردنىڭ يۈرىكىگە باسقان زۇلۇم تامغۇسىنىڭ قالدۇق تەسىرى" دېگەن. (ۋەلى)