ماۋزېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى .
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئادەملەرنىڭ تەبىيلىكىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئادەم ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئالدى بىلەن تەبىئەت دۇنياسىغا مەنسۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك جەمىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ كەلمەكتە.
ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "ئادەم سىنىپقا مەنسۇپ" دېگەن كۆز قاراشنى خەلققە مەجبۇرىي تاڭدى. "ئاسمانغا قارشى كۈرەش قىلىش، يەرگە قارشى كۈرەش قىلىش، ئادەمگە قارشى كۈرەش قىلىش چەكسىز خوشاللىق" دېگەن ئالجىغان شۇئار بىلەن خەلقنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى. خەلقنى تەبىئىي ئادەم ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ياسىۋالغان "سۈنئى ئادەمگە" ئايلاندۇرماقچى بولدى. ئادەمنى كوممۇنىست پارتىيە بەرسە يەيدىغان، بەرمىسە يېمەيدىغان، خۇددى ئىتلارغا ئوخشاش يىمەكلىك بېرىشكە قوڭغىراق چالسا ئاندىن شۈلگىيىنى ئېقىتىپ يۈگۈرۈپ كېلىدىغان ئادەمگە، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاتاكا سېگنالى چېلىنسىلا دەرھال ئالغا قاراپ يۈگۈرۈپ كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشتىن ئۆزگىنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرماقچى بولدى. كوممۇنىست پارتىيىسى باشلىغان تەبىئەتكە ، پەن - ئىلىمغا قارشى تۇرىدىغان بۇ خاتا يولدا خەلق ھەددى- ھېسابسىز بەدەل تۆلىدى.
ئىشلەپ باي بولماي، بۇلاپ باي بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىنسانىيەت ئەلمىساقتىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆز ئەمگىكىنىڭ مىۋىسىنى يەپ ، قانچە كۆپ ئىشلىسە شۇنچە كۆپ بايلىققا ئېرىشىپ ياشاپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىشلەپ بايلىققا ئېگە بولماي بەلكى ئىشلىمەيلا بولاڭچىلىق قىلىپ بايلىققا ئېگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەقىل ۋە مېھنەت سەرپ قىلىپ بايلىقققا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ بايلىقلىرىنى لۈكچەكلەرگە بۇلاتقۇزدى. باي بولغانچە كىشىنى بىر-بىرلەپ بۇلاڭ - تالاش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. يەر ۋە مۈلۈك ئېگىلىرىنىڭ مۇقەددەس خۇسۇسى مۈلكىنى، يەنى يېرىنى، مال - بىساتىنى ھەقسىز تەقسىم قىلىۋېلىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى. يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى، شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان كاپىتالىستىك خۇسۇسى مۈلۈكنى سوتسىئالىستىك ئۆزگەرتىش دېگەن ھەرىكەتلەردەل خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يۈرگۈزگەن بۇلاڭچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ مىسالىدۇر.
ياش ئۆسمۈرلەرنى ھۈرمەتسىز، قائىدىسىز قىلىپ چىقىدىغان مائارىپنى يولغا قويدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىنسانىيەتتە ئاتا - ئانىلارغا،
چوڭلارغا، ئۇستازلارغا ھۈرمەت قىلىش، بالىلارنى، ياشلارنى ئاسراش دېگەن ئەدەپ - قائىدە ئەلمىساقتىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "ئىسيان كۆتۈرۈش يوللۇق" دېگەن شۇئار بىلەن ياش ئەۋلاتلارنى 15 ياشتىن بۇرۇنلا چوڭلارنى، ئۇستازلارنى ھۈرمەتلىمەيدىغان، بەلكى خالىغانچە سۆكۈپ ئاياغ - ئاستى قىلىدىغان، جەمىيەتتىكى سۆز- ھەرىكەت، قائىئىدە -يۇسۇن ۋە تازىلىق ئادەت ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلمايدىغان قىلىپ تەربىلەيدىغان مۇئارىپنى يولغا قويدى. 1968 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ھەتتا بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قارىمىقىدىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە، قىز ئوقۇغۇچىلارمۇ مۇئەللىم خانىمغا بەد- بەشرە قالپاق كىيگۈزۈپ، ئۈستى-بېشىغا سىيا چېچىپ، بوينىغا تاختا ئېسىپ سازايى قىلغاندىن كېيىن، مۇئەللىمىنى مىخ بېكىتىلگەن تاختا بىلەن ئۇرۇش، ئۈستى - بېشىغا قايناقسۇ چېچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىر قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇئەللىم خانىمىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قاراشلىق قىزلار ئوتتۇرا مەكتىۋىدىمۇ مەكتەپ مۇدىرى بولغان خانىمغا ئەسكى داسنى تۇتقۇزۇپ "مەن جىن-شەيتان" دەپ توۋلاتقۇزغان، ئۇنىڭ چاچلىرىنى قىرقىغان، يۇلغان يەردە ئۆمىلەپ ماڭغۇزغان ئىدى.
خەلقنى مەينەت باسقان خەلققە ئايلاندۇرماقچى بولدى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىنسانىيەت ئىلىم - بىلىم بىلەن تەرەققى قىلماقتا. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىلىم - بىلىم ئېگىلىرىنى "سېسىق زىيالىي" دەپ ئاتاپ چەتكە قاقتى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ئادەملەرنى مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ئادەملەردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. بىلىملىكلەرنى يېزىلارغا بېرىپ بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلاپ تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇرلىدى. ھەتتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن جاڭشى ئۆلكىسىدىكى قان شۇرىغۇچى پارازىت يۇقۇملۇق كېسەللىكى تارقالغان رايۇنغا ئىبەرتىشنى تاللىۋالدى. . ۋاھالەنكى، ئىنسانىيەت ئەلمىساقتىن تارتىپ تازىلىققا رىئايە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى ئاسراپ كەلمەكتە . ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئادەمنى "پۈتۈن بەدىنى لايغا مېلەنگەن، قوللىرى قاپارغان، كىرلىشىپ قارىداپ كەتكەن، ئۈستى - بېشىنى چاڭ -توزان بېسىپ قىزىللاشقان" مەينەت ئادەملەرگە ئايلىنىشقا مەجبۇرلىدى. مۇشۇنداق كىشىلەرگە ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەمەلدار بولۇپ خەلقنى شۇنداق يولغا يېتەكلەشكە چاقىردى. (ۋەلى) (داۋامى بار)