ماۋزېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكالىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى .
ماۋ زېدوڭنىڭ ئابرۇيپەرەسلىكى ۋە نامەردلىكى
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولسا، ئۇ ئالدامچىلىق، زومىگەرلىك، رەھىمسىزلىك، ھەتتا نامەردلىككە تولغان تارىخ. ئادەتتە بۇلاڭچى - قاراقچىلارمۇ بۇلاپ - تالاپ تاپقان غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلىشقاندا ئۆز - ئارا مەردلىك قىلىشىدۇ. ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرىدا ھەتتا شۇلارچىلىكمۇ مەردلىك يوق. "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دېگەن ھەرىكەتتە، "بىر مو يەردىن 130 مىڭ جىڭ ھوسۇل چىقتى" دېگەن يالغانچىنى ماۋ زېدوڭ قوللىغان ئىدى. گېنېرال پېڭ دېخۇئاي بۇنداق گەپنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا دېھقانلار مۇشۇنداق يالغانچىلىقنىڭ كاساپىتىدە ئاچارچىلىققا قېلىپ ئۆلىۋاتقانلىقىنى ماۋ زېدوڭنىڭ ئالدىدا ئىسپاتلاپ كۆرسەتتى. "ئادەمگە قارشى كۈرەش قىلىش چەكسىز خۇشاللىق" دەيدىغان كۆرەڭ ۋە ئابرۇيپەرەس ماۋ زېدوڭ بۇرۇن ئۇرۇشلاردا ئۆزىنى بىر نەچچە قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان پېڭ دېخۇئايدەك ئۇزۇن يىللىق سەبدېشىنى، ئۇنىڭغا پەقەت راست سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆچمەنلىك قىلىپ، "ئوڭچى" دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ ئاغدۇرۇپ، دەھشەتلىك زۇلۇم ئاستىدا ئۆلتۈردى.
"يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىقنى ئاساس قىلىش" دېگەن باش سىياسەت قوللىنىلغاندىن كېيىن ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىندىمۇ؟
"خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1952 - يىلى، شۇ بىر يىل ئىچىدىلا مەملىكەت بويىچە ئېلىنغان ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى "گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردىكى ئومۇمى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ بولدى" دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا، "يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىقنى ئاساس قىلىش" دېگەن باش سىياسەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. "تاغلار باش ئەگسۈن، دەريالار يول بەرسۈن" دېگەن يەنە بىر ئالجىغان شۇئار بىلەن دەريالارنى توسۇپ، كۆللەرنى تىندۇرۇپ، ئورمانلارنى كېسىپ، يايلاقلارنى بۇزۇپ يەر ئېچىپ ئاشلىق تېرىش ھەرىكىتى باشلاندى. ھەر يىلى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە ئاچارچىلىق بولغان يىللاردىمۇ، "ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مەھسۇلات مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئاشتى" دېگەن تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇردى. ئەمەلىيەتتە، خەلقنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنىڭ بۇزۇلۇشى يىلدىن - يىلغا ئېغىرلاشقان ئىدى. خىتاينىڭ ئومۇمى ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىمۇ تارىختىكى تېررىتورىيىسى ھازىرقىدىن كۆپ كىچىك بولغان سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكىنىڭ 3 تىن 1 ئىگىمۇ تەڭ كەلمەيتتى.
"تاغلار باش ئەگسۈن، دەريالار يول بەرسۈن" دېگەن شۇئاردىن خەلقە كەلگەن بالايى- ئاپەت
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ پەن - ئىلىمگە قارشى ھەرىكەتلىرىدىن خەلققە بالايى - ئاپەت كەلدى. 1950 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ خۇئاڭخې دەرياسىدا سەنمېنشا سۇ ئېلىكتىر سىتانسىسى دېگەن بىر ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئىلىكتىر قۇۋىتى ئادەتتىكى بىر ئۆستەڭ سۇدىن ھاسىل بولغان ئېلىكتىر مىقتارىغا تەڭ ئىدى. ۋاھالەنكى، ئۈنۈمى ئاز ئەمما ھەشەمىتى چوڭ بۇنداق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن دەريا تۇغانلىنىپ ، ئېقىندىكى لاتقىلار توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، 2003 - يىلىغا قەدەر بۇ ۋادىدا ھەر 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بىر قېتىم چوڭ سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ خەلقە بالايى - ئاپەت يېغىپ كەلمەكتە. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇمادىيەن رايۇنىدىمۇ بىرنەچچە جايدا سۇ ئامبىرى ياسالغان ئىدى. 1975 - يىلى بىر سۇ ئامبىرىنىڭ توغىنى يار كېتىپ 24 سائەت ئىچىدە 60 مىڭ ئادەم ئۆلدى.
سەنشا قۇئۇرلۇشى دېگەندەك قۇرۇلۇشلارنى باھانە قىلىپ غەربكە نوپۇس كۆچۈرۈشتىن نېمە ئاقىبەت كېلىپ چىقماقتا؟
"خىتاي كوممۇنىست پارتىئىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردا يەنە "جەنۇپنىڭ سۈيىنى شىمالغا ئېقىتىپ ئاپىرىمىز" دېگەن شۇئار بىلەن چاڭجاڭ دەرياسىدا بوغازنى توسۇپ تېخىمۇ ھەشەمەتلىك بىر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇردى. بۇ چوڭ پىلاننىڭ بىر قىسمى بولغان باشقا سۇ ئېلېكتىر سىتانسىلىرىمۇ چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنلىرىدىئا ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، چاڭجاڭ ۋادىسىدا ئىكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلىق تىز بۇزۇلۇپ، خەلقنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى تېخىمۇ كۆپ خەتەرلەرگە يۈزلەندى، تەبىئى ئاپەتلەر كۆپەيدى. شۇ سەۋەبتىن خەلق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى. كوممۇنىست پارتىيە ھازىر خەلقنى باستۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى قوغداۋاتىدۇ.
نېفىت ئۈچۈن پىلانلىغان شۇملۇق
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا قارشىلىق كۆرسىتىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پەنگە قارشى ھەركەت قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئالجىپ، ھەتتا نېفىت ئۈچۈن "ھېمالايا تاغلىرىدىكى قارلىق - مۇزلۇقلارنى ئاتوم بومبا بىلەن پارتلىتىپ ئىرىتىپ، چىڭخەي - تىبەت ئېگىزلىكىدە ئاتوم بومبا بىلەن پارتلىتىپ دەريا ياساپ سۇ ئەكىلىپ، غەرپ تەرەپتىكى رايۇنلارنى ئۆزگەرتىش " دېگەن پىلانلارنى ئوتۇرىغا قويۇپ باقتى. گەرچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پەن - ئىلىمگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، سۇ قۇرۇلۇشى دېگەن باھانە بىلەن غەربكە نوپۇس كۆچۈرۈپ گەنسۇ، چىڭخەي، ئىچىكى موڭغۇلىيە، شىنجاڭلاردىكى چەكسىز يايلىق ۋە ئوتلاقلارنى ئېچىپ، يەر يېپىنجىلىرىنى بۇزدى. تەبىئەت دۇنياسىغا قىلىنغان بۇنداق بۇزغۇنچىلىقتىن ھاسىل بولغان قۇم - بوران ئاپىتىدە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە قۇم يېغىش يىلدىن - يىلغا شىددەتلىك بولماقتا. (داۋامى بار) (ۋەلى)