خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى
ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇنلا "بىز ئەكسىيەتچىلەرگە قارىتا ھەرگىزمۇ رەھىمدىل سىياسەت قوللانمايمىز" دەپ جاكارلىغان ئىدى. 50 نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت دەل شۇنداق بولدى. زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولدى .
خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى مىللى مەدەنىيەت -ئەنئەنىلەرنى قانداق ۋەيران قىلدى؟
"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە باھا" ناملىق 9 پارچە باشماقالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 1952 - يىلى "مەملىكەتلىك بۇددا دىن جەمىيىتى" قۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا تويىن دىن جەمىيىتى، ئىسلام جەمىيىتى ۋە خرىستىيان جەمىيىتى دېگەن باشقا چوڭ دىنىي تەشكىلاتلارمۇ كەينى - كەينىدىن قۇرۇلدى. ھەر قايسى جايلاردا ئۇنىڭ شۆبىلىرىمۇ قۇرۇلدى. كوممۇنىست پارتىيە "مىللى دىن، مەدەنىيەت، ئەنئەنىلەرنى تەرەققى قىلدۇرش" دېگەن نام بىلەن قۇرۇپ چىققان بۇ تەشكىلاتلار پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ، مىللىي دىنىي، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان تەشكىلات ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتايدا كوممۇنىزم سىياسەتلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىدىغان ئورگانغا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دىنسىزلىق تەشەببۇسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان غالچىلارغا ئايلاندى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى جەمىيەتتىكى بارلىق دىنى ۋەخپىلەرنى مۇشۇ تەشكىلاتلارنىڭ نامى بىلەن پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلىۋالدى.
دىن ئەھلىلىرىنى سىنىپقا ئايرىپ، قالپاق كەيگۈزۈپ باستۇرۇش
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، 1958 - يىلى نەشىر قىلىنغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خرىستىيانلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلدى" دېگەن كىتابتا پاش قىلىنىشىچە، "يەر ئىسلاھاتى" دېگەن ھەرىكەتتە خرىستىيان دىندارلىرىدىنلا "پومېشچىك"، "زومىگەر" دېگەن سىنىپقا ئايرىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئادەم سانى 8840. ئۇلاردىن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئىبەرتىلگەنلەر 39200. خرىستىيان دىندارلىرىدىن ‘ئەكسىلئىنقىلاپچى" دېگەن جىنايى بەدنام بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر .450، يەنە شۇ جىنايى بەدنام بىلەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئىۋەتىلگەنلەر 24800.
"بۇددا دىن زاۋۇتى" دېگەننى ئاڭلىغانمۇ؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، خىتايدا خرىستىيان دىنى باستۇرۇلۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا دىنلارمۇ باستۇرۇلدى. باشقا دىندىكى دىندارلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دائىرىسى ھەتتا تېخىمۇ كەڭ بولدى. جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھرىدە "بۇددا دىن زاۋۇتى" دېگەن بىر زاۋۇت قۇرۇلغان. كوممۇنىست پارتىيە بۇ شەھەردىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىكى "راھىپ ۋە راھىبەلەرنى ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش"، دېگەن نام بىلەن بۇ زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت ھەقسىز ئىشلىتىپ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلدى. خۇنەن ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى "راھىبەلەرنى دەرھال تويىنى قىلىپ ئەرگە بىرىۋېتىش كېرەك" دەپ بۇيرۇق چىقارغان. بۇرۇقتا يەنە "ئەگەر راھىپلارمۇ دەرھال خوتۇن ئالمىسا، ئۇلار ھەربىي قىسىمغا قوشۇپ ئۇرۇشقا ئىۋەتىلىدۇ" دەپ ئېلان قىلغان.
كوممۇنىست پوپ، راھىب، تويىن، ئىماملانى كۆرگەنمۇ؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، "جەمىيەت" دەپ ئاتالغان بۇنداق ھەرخىل دىنى تەشكىلاتلاردا، ئىبادەتخانىلاردا، مەسچىتلەردە كوممۇنىستلار "دىندار" بولۇۋالدى. ئۇلار ھەتتا ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا كاشايا كېيىپ، سەللە يۆگەپ دىنى فورما بىلەن يۈرىدىغان بولدى. بۇددا نوملىرىنى، تويىن كىلاسسىكلىرىنى، ھەتتا ئىنجىلنى، قۇرئاننى خاتا تەپسىر قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەلكىسئىنقىلاپچى، زومىگەر ۋاھاكازا دېگەندەك ھەرخىل جىنايى بەدناملار بىلەن خەلقنى باستۇرشىنى "تەڭرىنىڭ ھۆكمى" دەپ تەستىقلاپ تۇردى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش "ۋاجىپ" دەپ يالغان پەتىۋا چىقاردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى چىقارغان ھەرقانداق چاقىرىققا دوست تارتىشىپ بەردى.
لىن بياۋ بىلەن كۇڭزىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار ئىدى؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددى كرىزىس يۈز بەرگەندە، ئۇنى بورمىلاش ۋە خەلقنىڭ دېققىتىنى باشقا مەسىلىگە بوراش ئۈچۈن دىننى تەنقىت قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى. 1971 - يىلى ماۋ زېدوڭنىڭ ئىز باسارى لىن بياۋ چەتكە قاچقان ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ ۋەقەنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن، "لىن بياۋنى، كوڭزىنى تەنقىد قىلىش" دېگەن ھەرىكەتنى باشلىدى. ئاخىر بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق، لىن بياۋ ۋەقەسىنى "مەڭگۇ ئېچىلمايدىغان سىر" غا ئايلاندۇردۇرماقچى بولدى.
مۇسۇلمانچىلىق "4 كونا" مىدى؟
"9 باھا" نىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مىللى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىشى" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان مۇسۇلمانلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى " 4 كونىنى بۇزۇش" دېگەن ھەرىكەتتە چېكىدىن ئاشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئورب-ئادەتلىرىنى "4 كونا" دەپ ئاتاپ، ئۇنى بۇزۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىسلام جەمىيىتى دېگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەتتا مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا، چوشقا گوشى يېيىشكە مەجبۇرلىدى. تېبەتلەرنىڭ لاما دىنىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ئاياق - ئاستى قىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەتتە، "قىزىل قوغدىغۇچى" دەپ ئاتالغان ياش لۈكچەكلەر تىبەتنىڭ 2 - چوڭ دىنىي مەزھىبىنىڭ داھىسى بەنچەن لامانى مەجبۇرلاپ گەندە يىگۈزگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)